تاراتقۇ (مېدىيا)



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


ئانا تىل- 3

«ئانا تىل» ناملىق بۇ ناخشىنىڭ سۆزى ۋە مۇزىكىسى ياسىن مۇخپۇلنىڭ، ئورۇنلىغۇچى گۈلى مۇخپۇل.

ئانا تىل- 2

قۇتلۇق شەۋقى تېكىستىغا ئىشلەنگەن، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئانا تىل» ناملىق ناخشىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشلۈك نۇسخىسى:

ئانا تىل- 1

قۇتلۇق شەۋقى تېكىستىغا ئىشلەنگەن، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئانا تىل» ناملىق ناخشىنىڭ سەھنىدە ئېلىنغان كۆرۈنۈشى:

يېقىندا ئېچىلغان يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەلكۈيى تور بېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان سىن كۆرۈنۈشلۈك خەۋىرى تۆۋەندە ئۇلانما قىلىپ بېرىلدى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى ئاتاقلىق يازغۇچى، دراماتورگ زۇنۇن قادىرىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا يېزىلغان، شۇندىن تارتىپ نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا قايتا-قايتا ئوينىلىپ كېلىۋاتقان «غۇنچەم» درامىسى بۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، دراما ئۆمىكى تەرىپىدىن قايتا تەييارلىنىپ، يېقىندا رايونىمىزدىكى سەھنىلەردە قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. 3-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا بۇ درامىنىڭ قايتا قويۇلۇشى ھەققىدە «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. سۆھبەتكە ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، دراما ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مەدىنە ئابدۇرۇسۇل، ئاتاقلىق تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەخمىدى ۋە درامىنىڭ رىژىسسورى ئاپتونوم رايونلۇق تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماخمۇت ھامۇت قاتارلىقلار قاتناشتى.  بۇ دراما 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىن غۇلجا شەھرىدە ئوينىلىدۇ، ئاندىن 5-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا داۋاملىق ئوينىلىدۇ.
تۆۋەندە بۇ سۆھبەت ۋە درامىغا ئائىت بىر قانچە سۈرەتنى تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. 1-سۈرەت: سۆھبەت سەھنىسى. 2-سۈرەت: بۇ درامىنىڭ سىنارىيىسى ئەڭ دەسلەپ بېسىلغان «ئىتتىپاق» ژۇرنىلىنىڭ 1949-يىلىدىكى سانى.

سابىق يوگسلوۋاكىيە (جەنۇبىي سلوۋاكىيە) نىڭ داڭلىق فىلىمى «كۆۋرۈك»نىڭ ئاساسىي ناخشىسىنىڭ تۈركچىسىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.
Turkce naxsha – Cav Bella (kovruk)

بۇ ناخشىنى ئۇيغۇرچىدىكى شۇ ناملىق ناخشىغا ئاھاڭ جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، ئوخشامدىكەن؟

بۇ ناخشىنى ئاھاڭ جەھەتتىن ياشلىرىمىز ئېيتىۋاتقان «كېتىمەن» دېگەن ناخشىغا سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، ئوخشامدىكەن؟ …

ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئىجادچى ۋە ئىجراچىلىرىدىن بىرى- ئېلاخۇن كۆككۆز.
elaxun kokkoz

elaxanbeg taranchi begliri Tun'gan ve Taranchilar ghulja shobisi rosiye asiya bankisining 20-esirning 10-yilliri kurediki eskerler
يۇقىرىدىن ئوڭدىن سولغا:

1. تارانچى بېگى ئەلاخان (1880– يىللار)
2. تارانچى بەگلىرى (1880-يىللار)
3. تۇنگان ۋە تارانچىلار (1880-يىللار)
4. رۇسىيە ئاسىيا بانكىسىنىڭ غۇلجا شۆبىسى (1910-يىللار)
5. كۈرەدىكى ئەسكەرلەر مەشقى (1910-يىللار)

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى