تۈركچە



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«كۆك تۈرك يېزىقىنى ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق بۇ كىتابچە ياۋۇز تانيەرى تەرىپىدىن تەييارلانغان تۈركچە ماتېرىيال بولۇپ، كۆك تۈرك يېزىقى، يەنى ئورقۇن-يېنىسەي يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ ياخشى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. تۈركچىدىن پايدىلىنالايدىغان كەسپداشلارنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن سۇندۇق.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«تۈركچىنىڭ قوشۇمچىلىرى» (Türkçenin Ekleri) ناملىق بۇ تۈركچە ئەسەر ئەسەر پروفېسسور، دوكتور ۋەجىھە خاتىبئوغلى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، تۈرك تىلى قۇرۇمى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1981-يىلى ئەنقەرە بېسىلغان 2-نەشرىدۇر. بۇ ئەسەردە تۈرك تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇلاردىن ياسالغان سۆزلەر مىسال ئېلىنىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوشۇمچىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
Türkçenin Ekleri

بۇ ئەسەر تۈرك تىلى ئاساسىدا خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، رەڭلىك باسمىدا خەتلىرى ناھايىتى ئوچۇق بېسىلغان.
«خەنزۇچە-تۈركچە لۇغەت»

«تۈرك تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك سۆزلۈكى» ناملىق بۇ تۈركچە كىتاب ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھاسان ئەرەن تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1999-يىلى ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان. ھازىرغىچە تۈرك تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە يېزىلغان كىتابلار ئىچىدە ئەڭ ئىناۋەتلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تۈرك تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك سۆزلۈكى

«تۈركىي تىللار لۇغىتى ___  ئېنگلىزچە: ئەزەربەيجان، قازاق، قىرغىز، تاتار، تۈرك، تۈركمەن، ئۇيغۇر ئۆزبەك تىللىرى» ناملىق بۇ كىتاب كۇرتۇلۇش ئۆزتوپچۇ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، روئۇتلېج (ROUTLEDGE) نەشرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئېنگلىز تىلى بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەككىز ئاساسىي تۈركىي تىل ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تىللىق لۇغەت بولۇپ، ھەر قايسى تۈركىي تىللار بىلەن ئېنگلىز تىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۆگىنىش قورالىدۇر.
«ئېنگلىزچە-تۈركىي تىللار لۇغىتى»

بۇ ماتېرىيالدا تۈركچە دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم سۆز-جۈملىلەر بېرىلگەن. يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ قوللىنىشىغا ماس كېلىدۇ.
تۈركچە-ئۇيغۇرچە ھەمراھ

بۇ ئەسەر مۆمىن ئابدۇللا تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ 2001-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، سۆزلۈكلەر ھەر قايسى كەسپلەرنىڭ تۈرلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم كۆرسىتىلگەن.
«خەنزۇچە-تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»

بۇ ئەسەر مۆمىن ئابدۇللا تەرىپىدىن تۈزۈلگەن مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989-يىلى نەشر قىلىنغان تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت بولۇپ، 30000 دىن ئارتۇق سۆزلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»

UYGURLARIN ILI ÇAKÇAK SANATI VE ÇAKÇAKLARDA YANSIYAN KÜLTÜREL UNSURLAR HAKKINDA

بۇ ماقالا تۈركچە بولۇپ 2012-يىلى 12-ئايدا تۈركىيەنىڭ دېنىزلى شەھرىدىكى پامۇككالە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك دۇنيا تىلى تۈركچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان. ماقالىدا ئىلى چاقچاقلىرى ۋە ئۇنىڭ تىلىدا ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.
UYGURLARIN İLİ ÇAKÇAKLARI

سابىق يوگسلوۋاكىيە (جەنۇبىي سلوۋاكىيە) نىڭ داڭلىق فىلىمى «كۆۋرۈك»نىڭ ئاساسىي ناخشىسىنىڭ تۈركچىسىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.
Turkce naxsha – Cav Bella (kovruk)

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى