кирил йезиқида



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى» (древнетюркский словарь) ناملىق بۇ كىتاب نادېليايېۋ، ناسېلوۋ، تېنىشېۋ، شېرباك قاتارلىقلارنىڭ تەھرىرلىكىدە تۈزۈلۈپ، 1969-يىلى لېنىنگرادتىكى ناۋكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.  قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى توغرىسىدا يېزىلغان مۇھىم كىتابلارنىڭ بىرىدۇر.
 «قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى» 

«بۈيۈك تۈركمەن سۆزلۈكى» ناملىق بۇ كىتاب سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە تۈركمەنستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بىر قەدەر چوڭ ھەجىمدىكى سۆزلۈك ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ كىتاب تەسۋىرگە ئېلىنىش جەريانىدا بەت يۈزى توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن بىر قىسىم جايلىرى كۆرۈلمەي قالغان. تورداشلارنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پايدىلىنىپ تۇرۇشىنى سورايمىز.
بۈيۈك تۈركمەن سۆزلۈكى

«قىرغىز تىلىنىڭ قىسقىچە ئېتىمولوگىيەلىك سۆزلۈكى» ناملىق بۇ كىتاب سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدىكى ك. سەيداقماتوۋ تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1988-يىلى فرونزىدا «ئىلىم» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«قىرغىز تىلىنىڭ قىسقىچە ئېتىمولوگىيەلىك سۆزلۈكى»

«قازاقچە-ئېنگلىزچە سۆزلۈك» ناملىق بۇ كىتاب ن. نۇرالۇيىۋا تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 2008-يىلى ئالماتى دايك نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، كىتابتا 15000 سۆزلۈك بار.
«قازاقچە-ئېنگلىزچە سۆزلۈك»

«قازاق تىلىنىڭ قىسقىچە ئېتىمولوگىيەلىك سۆزلۈكى» ناملىق بۇ ئەسەر سابىق سوۋىېت ئىتتىپاقى قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، «غىلىم» نەشرىياتى تەرىپىدىن 1966-يىلى نەشر قىلىنغان.
«قازاق تىلىنىڭ قىسقىچە ئېتىمولوگىيەلىك سۆزلۈكى»

«قازاق ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ ئېنىسكلوپېدىيەلىك سۆزلۈكى» ناملىق بۇ ئەسەر ئايۇباي قۇرال ئوغلى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1997-يىلى ئالماتى «سۆزلۈك-سلوۋار» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«قازاق ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ ئېنىسكلوپېدىيەلىك سۆزلۈكى»

ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىقاتى قېرىنداش تۈركىي تىللارنىڭ تەتقىقاتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ سەھىپىمىزدە بۇندىن كېيىن قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار، ئەزەربەيجان، تۈركمەن، تۈرك قاتارلىق بىر قىسىم تۈركىي تىللاردا يېزىلغان تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم مۇھىم ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىىسم بارلىق تۈركىي تىللارغا ئورتاق ئەسەرلەر ۋە ھەر قايسى تۈركىي تىللارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىشلەنگەن ئېتىمولوگىيەسى، گرامماتىكىسىغا ۋە لېكسىكىسىغا ئائىت ئەسەرلەر بار.
تۆۋەندە ئالدى بىلەن بىر نەچچە پارچە قازاق تىلىدا يېزىلغان تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
بۇ ئۇلۇغ ئەسەر «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ قازاقچە تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، فىلولوگىيە پەنلىرى كاندىداتى ئاسقار نۇرماش ئوغلى ئەگەۋباي تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، «تۈرك سۆزلۈكى» نامىدا ئالماتى شەھەر خانت نەشرىياتى تەرىپىدىن 1997-يىلى نەشر قىلىنغان.
«دىۋانى لۇغەتىت تۈرك-1» (قازاقچە)  
«دىۋانى لۇغەتىت تۈرك-2» (قازاقچە)
 «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك-3» (قازاقچە)

ئىلى دېسەم

ئىلى دېسەم ئالما كېلەر يادىمغا،

ئالمىلارغا تولغان گۈزەل باغلىرى.

چۆمۈلىدۇ يۈرەك زوققا، ھېسلارغا،

ئۇرۇلغاندەك بولۇپ خۇشبۇي ھېدلىرى.

ئالما تېرىپ يۈرگەن گۈزەل باغ قىزى،

بۈگۈن يەنە قىلدىمىكىن سەيلىنى.

سالامدىكىن بىلەلمىدىم سېۋەتكە،

ئالما بىلەن قوشۇپ كۆڭۈل مەيلىنى.

چىمەنلىكلەر، يېشىل تاغلار، دەريالار…

تولۇپ تۇرار ئىلى تالاي باغلارغا.

كۈندە قاراپ، كۈندە يايراپ كۈلسەممۇ،

مەن تويمايمەن ئۇنىڭدىكى چاغلارغا.

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      Latin yeziqida        кирил йезиқида

 

سەن يوق دۇنيا

سەن يوق دۇنيا…

                                         قىلالماسمەن تەسەۋۋۇر،

تولار بەلكىم قاراڭغۇلۇق كۆزۈمگە.

سېغىنغاندا سېنى ئويلاپ ياتالماي،

پىچىرلارمەن كېچىلىرى ئۆزۈمگە.

سەن يوق دۇنيا…

                                                 ماڭا ئازاب، ماڭا دەرت،

يۈرەلمەسمەن خۇشاللىققا ئورۇلۇپ.

سىمايىڭنى ئىزدەپ كوچا، باغلاردىن،

يىقىلارمەن بورانلارغا ئۇرۇلۇپ.

سەن يوق دۇنيا…

                                           رەڭلىرىنى يوقاتقان،

پۇرىقىنى گۈللەر خۇشبۇي چاچالماس.

قانچە نەغمە قىلغان بىلەن بۇلبۇللار،

پەيزى ئۇنىڭ كۆڭلۈمنى ھېچ ئاچالماس.

سەن يوق دۇنيا…

                                         مەن قەپەزدە يالغۇز قۇش،

تىلىم قايتا كەلمەس سايراپ كۈلۈشكە.

بەلكىم تىرىك مىدىرلارمەن ھەر كۈنى،

ئادەتلىنىپ روھسىز ياشاپ يۈرۈشكە…

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      Latin yeziqida          кирил йезиқида

ئانامنى ئەسلەپ

1

ياشلىرىمدا تىزغان تىزىقنى،

ئېسىپ قويدۇم قەبرەڭگە ئانا.

چۈشۈمدە

تەسۋى سېرىپ ئولتۇرغۇدەكسەن،

بەخت تىلەپ، قۇت تىلەپ ماڭا.

2

نەۋرىلىرىڭ سورايدۇ سېنى،

«ــ قېنى مومام، نەگە كەتتى؟» دەپ.

ياشلىرىمدا بەرگەندە جاۋاب،

ماڭا قاراپ قالىدۇ شۈكلەپ.

ياستۇقىڭدىن ھىدلىرىڭ ئىزدەپ،

يۈرىكىمگە باسىمەن ئۆكسۈپ.

سۈرىتىڭگە قارىسام قاچان،

سەن يەنىلا تۇرىسەن كۈلۈپ.

«ئانا» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسام،

ئېچىشىدۇ يۈرىكىم ئەجەب.

قەدرىڭ، ئانا، ئۆتۈلگەنسېرى،

سېغىنىشىم ئاشار ھەسسىلەپ.

1990-يىل، تېكەس.

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      кирил йезиқида         Latin yezikida

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى