1. سوۋغاتنىڭ قىممىتى نەدە؟
سوۋغات بىر قەلبنىڭ يەنە بىر قەلبگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى، كۆڭۈلنىڭ يېقىنلىقىنى، يىراقتىلكىلەرگە بولغان سېغىنىشىنى مەلۇم بۇيۇملار ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە شەكلىدىن ئىبارەت.
بىزدە بۇرۇندىن تارتىپ يىراق سەپەردىن كەلگەنلەر بازارلىق ھېسابىدا شۇ يەرنىڭ يەرلىك، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداش، بالىلىرىغا ئالغاچ كېلىدىغان ئادەت بار. سەپەرگە ماڭغانلارغا قارىتا يوللۇق ھېسابىدە يەنە خاتىرە بولسۇن، ئۆزىنى ئەسلەپ تۇرسۇن، ئۇنۇتمىسۇن دېگەن مەنىدە مەلۇم بۇيۇملىرىنى يوللۇق تۇتىدىغان ئىشلار بار. ئۇندىن باشقا ھېيت-بايراملاردا بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا سوۋغات ئالىدىغان، كىچىك بالىلارغا بايراملىق پۇل سوۋغات قىلىدىغان ئادەتلەرمۇ بار. ھەتتا، توي-تۆكۈنلەردە ئېلىپ بارىدىغان بوسۇتلارنىڭ ئۆزىمى سوۋغاتنىڭ بىر خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلنى ئىپادىلەش، مېھىرى-مۇھەببەتنى يەتكۈزۈش مەقسىدىدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلەردۇر. داۋامى »