قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئورقۇن-يېنىسەي يادىكارلىقلىرى ئوقۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تۈركىيە تۈرك تىلى قۇرۇمى بىلەن ئادىيامان ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بىرلىكتە تەشكىللەنگەن قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرى تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ ئادىيامان شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيەدىن باشقا يەنە گېرمانىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، موڭغۇلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، بىلوروسىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 40 نەچچە مۇتەخەسسىس ۋە ئالىم قاتناشتى. يىغىنغا جۇڭگودىن سەككىز كىشى قاتناشتى. شۇ قاتاردا مەنمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتىم. يىغىندا مەن «رادلوفنىڭ ‹تارانچى دىئالېكتى› ناملىق ئەسىرىدە قوللىنىلغان يېزىقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالامنى ئوقۇدۇم. يىغىنىدىن كېيىن ئادىيامان شەھرىدىكى نەمرۈت تېغىغا چىقىپ، قەدىمكى يادىكارلىقلارنى زىيارەت قىلدۇق ۋە تاغ ئۈستىدە قۇياشنىڭ چىقىشىنى سەير ئەتتۇق، يەنە شانلى ئۇرفا شەھرىدە ساياھەتتە بولدۇق.
تۈكىيە تۈرك تىل قۇرۇمى رەھبەرلىرى، ئادىيامان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ۋالىسى، ئادىيامان ئۇنىۋېرسسىتېتى مۇدىرى ۋە مەزكۇر ئۇنىۋسىتېتنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى مەسئۇللىرى يىغىنغا باشتىن-ئاخىر ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. يىغىن قىزغىن، ئىلمىي كەيپىياتتا ئۆتتى. يىغىننىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ساياھەت شىركىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمۇ يىغىن ئەھلىنى قايىل قىلدى. بىر قانچە كۈنلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا ھەر قايسى ئەل مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى ئۆزئارا قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كۈچلۈك نامايەن قىلدى.
تۆۋەندە يىغىنغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر بېرىلدى.
1-رەسىم: مەن سەھنىدە ماقالا ئوقۇۋاتىمەن. 2-رەسىم: تۈرك تىل قۇرۇمى رەئىسى بىلەن ئادىيامان ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى ماڭا يىغىنغا قاتنىشىپ ماقالا ئوقۇغانلىق گۇۋاھنامىسى بەرمەكتە. 3-رەسىم: يىغىن قاتناشقۇچىلىرى. 4-رەسىم: يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىلار.

بۇ يازمىدا 4 ئىنكاس بار

  1. مۇبارەك بولسۇن، نىجات ئاكا! تەتقىقاتلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن. بلوگىڭىزدىكى بۇرۇنقى مەزمۇنلار نەگە يوقالدى؟

    • رەھمەت ساڭا! مەزمۇنلار بار، ئاستىدىكى خەتكۈچلەر يوقاپ كېتىپتۇ، سەۋەبىنى مەن باشقۇرغۇچى تېخنىكىمدىن سوراپ باقاي، رەھمەت!

  2. كۆكتاش نىڭ سۆزى:

    ھەقىقەتەن قۇتلۇق ئىش بوپتۇ!

«قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى»گە ئىنكاس يېزىڭ

=3+3

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى