رەتلىگەن ئەسەرلىرىم



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«19-ئەسىردە خاتىرىلەنگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرى» ناملىق كىتاب بۈگۈن رەسمىي ھالدا تارقىتىلىشقا باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ئىزچىلار كىتابخانىسى، خەزىنە كىتابخانىسى، بۇلاق كىتابخانىسى، ئىنتىلىش كىتابخانىسى، يادىكار كىتابخانىسى، ھىدايەت كىتابخانىسى، ئەلكۈن كىتابخانىسى، دانىش كىتابخانىسى قاتارلىق كىتابخانىلارغا سېلىنىپ، سېتىلىشقا باشلىدى. غۇلجا شەھرىدە ئەلچۈن كىتابخانىسىغا سېلىندى. سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بۇ كىتابخانىلار بىلەن ياكى مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1- رەسىم كىتابنىڭ مۇقاۋىسى: غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا مەدرىس مەسجىدىنىڭ 1893-يىلى سىزىلغان رەسىمى ۋە ئىلى ناخشىلىرىنىڭ ئەينى دەۋردە خاتىرىلەنگەن نوتىسىدىن پارچە. 2- رەسىم كىتابنىڭ ئارقا مۇقاۋىسى: 19-ئەسرىنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق ناخشىچى ئېلاخۇن كۆككۆزنىڭ سۈرىتى ۋە ئىلى ناخشىلىرىدىن پارچە.

«بوزى كۆرپەش» ناملىق بۇ چۆچەك رۇس ئالىمى رادلوفنىڭ «سىمالدىكى تۈرلىي خەلقلەرنىڭ تىلى- خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابلىرىنىڭ 6-قىسمى بولغان 1886-يىلى سانكتپېتېبۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» كىتابتىن ئېلىندى. قايتا نەشرگە تەييارلانغاندىن كېيىن «كرورەن» ژورنىلىنىڭ 2012-يىلى 3-سانىدا بېسىلغان.
«بوزى كۆرپەش»

 چاررۇسىيە ئالىمى نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوۋ (1849-1909)نىڭ «مەۋلانە يۈسۈف سەككاكى مازارى (ئىلى سەككاكى)» بۇ ماقالىسى چاررۇسىيە ئىمپىرىيە ئارخىلوگىيە جەمئىيىتى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى خاتىرىسىنىڭ 17-بۆلۈمى نامى بىلەن ئايرىم كىتابچە سۈپىتىدە سانكتپېتېربۇرگ ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1906-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان كىشى چاغاتاي خان دەۋرىدە ئىلىدا ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى، ئەدىب سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇب يۈسۈف ئىبنى ئەبۇ بەكرى ئەلخارەزىمى سەككاكى (1160-1228) بولۇپ، ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىلىستىكىسى ھەققىدە يېزىلغان «مىفتاھىل ئۇلۇم» (ئىلىملەر ئاچقۇچى) ناملىق ئەسىرى بار. تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، سەككاكى چاغاتاي خان ئوردىسىدا باش مەسلىھەتچى بولغان ۋە كېيىنچە باشقا ۋەزىرلەرنىڭ چېقىشتۇرۇشى تۈپەيلىدىن جازالىنىپ، ھازىرقى ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيە خونوخاي يېزىسى تەۋەلىكىدىكى جايدا زىندانغا سېلىنغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان. بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 6-سانىغا بېسىلغان.
مەۋلانە يۈسۈف سەككاكى مازارى

بۇ بېيىتلار رۇس ئالىمى رادلۇف تەرىپىدىن 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن خاتىرىلەنگەن ھەمدە 1886-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىم ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇلۇپ «مىراس« ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانىدا نەشر قىلىندى. بۇ بېيىتلار ئىچىدە سادىر پالۋان، نۇزۇكۇم قوشاقلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئىلى خەلق ناخشىلىرىمۇ بار.
ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ تېپىشماقلار 1909-يىلى پانتۇسوف تەرىپىدىن قازان شەھرىدە چاغاتاي يېزىقىدا بېسىلغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان ھەمدە شۇ دەۋرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا «قومۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 6-سانىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىنغان.
ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

 

پانتۇسوف خاتىرىلىگەن ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ پوتا ئويۇنىدا ئېيتىدىغان بېيىتلىرى

بۇ بېيىتلار رۇسىيەلىك شەرقشۇناس نىكۇلاي پانتۇسوف تەرىپىدىن ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ائرىسىدىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا توپلانغان بولۇپ، «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى ناملىق بىر يۈرۈش كىتابچىلارنىڭ 8-قىسمى سۈپىتىدە 1907-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ 43 پارچە بېيىتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەينى دەۋر تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇپ نەشرگە تەييارلانغان. ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ ئەسەر 19-ئەسىردە ئىلى رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق رىئالىزىمچى ئەدىب موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى)نىڭ ئۇغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى پانتۇسۇف تەرىپىدىن  1909-يىلى رۇسىيە تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە نەشر قىلىنغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى ھەمدە شۇ ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىندى.
ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ قىسسە رۇسىيەلىك ئالىم پانتۇسوف تەرىپىدىن ئىلى، يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن توپلىنىپ 1909-يىلى قازان شەھرىدە نەشر قىلىنغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى ھەمدە شۇ ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇلدى.
ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى