ئىستىلىستىكا



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسىدىكى ئوخشىتىش تەتقىقاتىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالام «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2007-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئوخشىتىش تەتقىقاتىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ئوخشىتىشنىڭ تۈرلىرى ھەققىدىكى كۆزقاراشلارنىڭ بىردەك بولماسلىقى، ئوخشىتىش ھەققىدىكى تەھلىللەرنىڭ ئەمەلىي مىساللارغا باي بولماسلىقى، ئوخشىتىشقا ئائىت كەسپىي ئاتالغۇلارنىڭ بىردەك بولماسلىقى، تەتقىقات كۆلىمى ھاسىل بولمىغانلىقى، قەدەمنىڭ ئاستىلىقى، تەتقىقات دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، بۇ كەمچىللىكلەرنى قانداق تۈگىتىش مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى تەتقىقاتىدا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ئوخشىتىشنىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ناملىق بۇ ماقالام «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2006-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا ئوخشىتىشنىڭ تىل ئاساسى، مەدەنىيەت ئاساسى، ئىستېتىك ئاساسى قاتارلىق ئاساسلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئوخشىتىشنىڭ ھاسىل بولۇشىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلىدۇ. كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئىلمىي پىكىرلەر ئالغا سۈرۈلىدۇ. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى ئوقۇتۇسى ۋە تەتقىقاتى ساھەسىدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ئوخشىتىشنىڭ باشقا بىر قىسىم ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالام «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2006-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئوخشىتىشنىڭ سىمۋول، جانلاندۇرۇش، ۋاكالەتلەندۈرۈش، سېلىشتۇرۇش قاتارلىق بىر قىسىم ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىلگەن. يەنى بۇ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئۆز ائرا ئوخشاشلىقلىرى، پەرقلىق تەرەپلىرى، بىر-بىرىدىن قانداق ائيرىش كېرەكلىكى قاتارلىق نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈلگەن. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى ساھەسىدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ئورخۇن-يېنىسەي مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە مۇلاھىزە» ناملىق بۇ ماقالەم «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2003-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئورخۇن-يېنىسەي مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشنىڭ بىر مۇھىم ئىپادىسى بولغان ئوخشىتىشلار ئۈستىدە توختىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا بۇ ئەسەرلەردە قوللىنىلغان ئوخشىتىشلارنىڭ تۈرلىرى ۋە بۇ ئوخشىتىشلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى تەتقىقاتى ساھەسىدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

نەۋايى غەزەللىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى- سۆز ئويۇنى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» ناملىق بۇ ماقالام «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2002-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ غەزەللىرىدە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولغان سۆز ئويۇنى قىلىش ئۇسۇلىنىڭ قانداق بەدىئىي ۋاستە ئىكەنلىكى، قانداق رولى بارلىقى، جۈملىدىن نەۋايى غەزەللىرىدە بۇ خىل ۋاستىنىڭ قايسى شەكىللىرىنىڭ قوللىنىلغانلىقى، ئۇنىڭ شائرىنىڭ پىكرىنى جانلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلەشتە قانداق رول ئوينىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ھەمدە بۇ بەدىئىي ۋاستىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ەئدەبىياتىدا ئاكتىپ قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›تىكى شېئىرىي پارچىلاردا قوللىنىلغان ئوىشىتىشلار ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» ناملىق بۇ ماقالام «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2009-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدا مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە مىسال ئورنىدا ئېلىنغان شېئىرىي پارچىلاردا قوللىنىلغان ئوخشىتىشلارنىڭ تۈرلىرى ۋە بۇ ئوخشىتىشلاردا ئىپادىلەنگەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالاقىدار مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرى بېرىلگەن. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى نۇقتىسىدىن مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ئوخشىتىنىڭ تاشقى قۇرۇلمىسى ۋە ئىچكى قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ناملىق بۇ ماقالام «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2007-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلارنىڭ تاشقى قۇرۇلمىسى ۋە ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تۈزىدىغان ئامىللار توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان. تاشقىي قۇرۇلمىدىن باشقا ئىچكىي قۇرۇلما ھەققىدە يېڭىچە كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسىدا مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ كىتابىم 2008-يىلى 12-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ قوللىنىلىدىغان ئستىلىستىكىلىق ۋاستە ئوخشىتىش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مەخسۇس تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. كىتابنىڭ ئەسلى ئاساسى 2004-يىلى يېزىلغان ماگىستېر ئاسپىرانلىق ئىلمىي ماقالام بولۇپ، شۇ ئاساتا تۈزىتىپ، تولۇقلاش بىلەن بارلىققا كەلگەن. بۇ كىتاب ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ كىتاب بۇيىل 3-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 6-نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات»

بۇ ماتېرىيال يەكەن ناھىيە كونا شەھەر مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى نۇرگۈل ھېيت تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم شەكىلداش سۆزلەر ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە تىزىپ كۆرسىتىلگەن. ھەر بىر توپتىكى شەكىلداش سۆزنىڭ مەنىسى ئايرىم-ئايرىم ئىزاھلىنىپ، بىر-بىرىدىن ئوچۇق پەرقلەندۈرۈلگەن، مۇناسىپ مىساللار بېرىلگەن. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى شەكىلداش سۆزلەر 

«مىفتاھىل ئۇلۇم»، يەنى «ئىلىملەر ئاچقۇچى» ناملىق بۇ ئەسەر 13-ئەسىردە ئىلىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ئەللامە سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ بىن ئەبۇ بەكىر مۇھەممەد بىن ئەلى سەككاكىنىڭ ئەرەب تىلىدا يازغان ئىستىلىستىكا ھەققىدىكى كىتابىنىڭ مىسىردا بېسىلغان نۇسخىسىدۇر. ئەسكەرتىش: كىتابتا رامكىنىڭ ئىچىگە يېزىلغىنى مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنىدۇر، رامكىنىڭ سىرتىغا يېزىلغىنى باشقا كىتاب مەزمۇنىدۇر.

مىفتاھىل ئۇلۇم»

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى