دۇنيا تۈركولوگلىرى



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


مەشھۇر تۈركولوگ، جۇڭگو تۈركولوگىيەسىنىڭ بەرپاچىلىرىدىن بىرى مەشھۇر ئالىم، تىلشۇناس، پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى گېڭ شىمىن ئەپەندى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى 83 يېشىدا ۋاپات بولدى. بۇ دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسى، جۈملىدىن جۇڭگونىڭ تۈركولوگىيە ساھەسى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش بولدى. گېڭ شىمىن ئەپەندى 1939-يىلى جىئاڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. 1949-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلى كەسپىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1952-يىلى بۇ كەسپى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا يۆتكەلگەن. گېڭ شىمىن ئەپەندى بىللە يۆتكىلىپ كېلىپ بۇ كەسپنى پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. كېيىن يەنە تۈرك تىلى، قازاق تىللىرىنى ئۆگەنگەن. قازاق تىلى كەسپىنىڭ ئىېچىلىشى، تەرەققىي قىلىشىغىمۇ ھەسسە قوشقان. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە تىنماي تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، تەتقىق قىلىپ، تۈركىي تىللار، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرى ھەققىدە ئاز بولمىغان كىتاب، ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغىنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار چىقىرىۋاتقان ئىچكى ژرنالدا ئېلان قىلىنغان ئابلاجان يۈسۈپنىڭ نامىدىكى «مەشھۇر تۈركولوگ گېڭ شىمىن ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلەر كاتالوگى» ناملىق ماقالا ۋە «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدا بېرىلغان گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق.
گېڭ شىمىن ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلەر كاتالوگى           گېڭ شىمىن ئەپەندى ۋاپات بولدى

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى