خەۋەرلەر



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستانبۇل شەھرىدىكى مىللەت كۈتۈپخانىسىدا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى تېپىپ قايتا يورۇقلۇققا چىقارغۇچى ئالى ئەمىرى ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. شاھانە ئەسەر «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» يېقىنقى زامانغا كەلگەندە يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ، 1914-يىلى دەل بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئالى ئەمىر ئەپەندى بۇ كىتابنى ئىستانبۇلدىكى كونا كىتابلارنى ساتىدىغان كىتابپۇرۇشتىن 30 لىراغا سېتىۋېلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ دۇنيادا قايتا نامايەن بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئالى ئەمىرى ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ 16 مىڭ پارچە قىممەتلىك قوليازما ۋە يىغقان كىتابلىرىنى تەقدىم قىلىپ، ھازىرقى مىللەت كۈتۈپخانىسىنىڭ بەرپا بولۇشىغا ئاساس سالغان ئىدى. ئۇ 1924-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان. شۇڭا، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە مىللەت كۈتۈپخانىسىدا ئالى ئەمىرى ئەپەندى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەن 2010-يىلى مۇشۇ كۈندىكى سۆھبەتكە قاتناشقان ئىدىم. بۈگۈن تۈركىيە تىل قۇرۇمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور، دوكتور مۇستافا كاچالىن ۋە پروفېسسور، دوكتور مەھمەد ئۆلمەز قاتارلىقلار ئاۋۋال فاتىھ جامەسىنىڭ مازارلىقىغا بېرىپ ئالى ئەمىر ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى، ئاندىن مىللەت كۈتۈپخانىسىگە كېلىپ سۆھبەتكە قاتناشتى. تۆۋەندە بۈگۈنكى ۋە 2010-يىلىدىكى سۆھبەتلەرگە ئائىت بەزى سۈرەتلەردە بەردۇق. 1- سۈرەت: بۈگۈن سۆھبەت ئەھلى ئالىي ئەمىرى ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى. 2-سۈرەت: 2009-يىلى مەن تارتقان دىۋاننىڭ مىللەت كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىردىن-بىر كونا نۇسخىسىنىڭ سۈرىتى. 3-سۈرەت: 2010-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مەن ئالى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۈرك تىل قۇرۇمىنىڭ باشلىقى مۇستافا كاچالىن ئەپەندى بىلەن بىللە.

ئورقۇن-يېنىسەي يادىكارلىقلىرى ئوقۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تۈركىيە تۈرك تىلى قۇرۇمى بىلەن ئادىيامان ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بىرلىكتە تەشكىللەنگەن قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرى تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ ئادىيامان شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيەدىن باشقا يەنە گېرمانىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، موڭغۇلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، بىلوروسىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 40 نەچچە مۇتەخەسسىس ۋە ئالىم قاتناشتى. يىغىنغا جۇڭگودىن سەككىز كىشى قاتناشتى. شۇ قاتاردا مەنمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتىم. يىغىندا مەن «رادلوفنىڭ ‹تارانچى دىئالېكتى› ناملىق ئەسىرىدە قوللىنىلغان يېزىقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالامنى ئوقۇدۇم. يىغىنىدىن كېيىن ئادىيامان شەھرىدىكى نەمرۈت تېغىغا چىقىپ، قەدىمكى يادىكارلىقلارنى زىيارەت قىلدۇق ۋە تاغ ئۈستىدە قۇياشنىڭ چىقىشىنى سەير ئەتتۇق، يەنە شانلى ئۇرفا شەھرىدە ساياھەتتە بولدۇق.
تۈكىيە تۈرك تىل قۇرۇمى رەھبەرلىرى، ئادىيامان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ۋالىسى، ئادىيامان ئۇنىۋېرسسىتېتى مۇدىرى ۋە مەزكۇر ئۇنىۋسىتېتنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى مەسئۇللىرى يىغىنغا باشتىن-ئاخىر ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. يىغىن قىزغىن، ئىلمىي كەيپىياتتا ئۆتتى. يىغىننىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ساياھەت شىركىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمۇ يىغىن ئەھلىنى قايىل قىلدى. بىر قانچە كۈنلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا ھەر قايسى ئەل مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى ئۆزئارا قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كۈچلۈك نامايەن قىلدى.
تۆۋەندە يىغىنغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر بېرىلدى.
1-رەسىم: مەن سەھنىدە ماقالا ئوقۇۋاتىمەن. 2-رەسىم: تۈرك تىل قۇرۇمى رەئىسى بىلەن ئادىيامان ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى ماڭا يىغىنغا قاتنىشىپ ماقالا ئوقۇغانلىق گۇۋاھنامىسى بەرمەكتە. 3-رەسىم: يىغىن قاتناشقۇچىلىرى. 4-رەسىم: يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىلار.

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى