نىجات



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«ھەۋەس باشقا، ئىش باشقا» ناملىق بۇ ئەدەبىي ئاخبارات مەۋلان مەمتىمىن، مۇتەللىپ ياقۇپلار تەرىپىدىن يېزىلىپ، «ئىلى گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان مېنىڭ ئىش-ئىزلىرىم ھەققىدىكى خاتىرىدۇر.
«ھەۋەس باشقا، ئىش باشقا»

مەن نىجات سوپى، مەن 1968-يىلى شىنجاڭ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تېكەس nijat resimناھىيىسىدە تۇغۇلدۇم. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى شۇ يەردە تۈگەتكەندىن كېيىن 1985-يىلى شىنجاڭ بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىندىم. 1990-يىلى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتۇمغا قايتىپ ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدىم. 1992-يىلى 3-ئايدا ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ كىرىپ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم. 1996-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل تىللىرى فاكۇلتېتىغا كىرىپ بىر يىل ئېنگلىز تىلى ئۆگەندىم. 2001-يىلى ماگىستېر ئاسپىراتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللانىڭ يېتەكچىلىكىدىكى تىلشۇناسلىق ۋە ئەمەلىي تىلشۇناسلىق كەسپى ئىستىلىستىكا يۆنۈلۈشى بويىچە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندىم. 2004-يىلى ماگىستېرلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىم ۋە «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالام بىلەن ماگىستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ داۋاملىق ئىشلىدىم. 2007-يىلى دوكتور ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسور، دوكتور مۇھەممەترېھىم سايىتنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى يۆنۈلۈشى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقىغا كىرىپ ئوقۇدۇم. بۇ جەرياندا 2009-يىلى 10-ئايدىن 2010-يىلى 4-ئايغىچە تۈركىيە يۇلتۇز پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پەن ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىگە بېرىپ، پروفېسسور، دوكتور مەھمەت ئۆلمەزنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېرىم يىل ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتتا بولدۇم. 2010-يىلى 6-ئايدا دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى تاماملاپ، «ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالام بىلەن دوكتورلۇق ئلىمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىغا قاراشلىق جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى پەنلىرى پوستدوكتورلار تەتقىقات ئورنىدا پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئىلى شېۋىسى تىل مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ناملىق تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. 2006-يىلى دوتسېنتلىق ئىلمىي ئۇۋانىغا ئېرىشتىم. 2008-يىلىدىن باشلاپ ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى يۆنۈلۈشى بويىچە ماگىستېر ئاسپىراتلارنى تەربىيەلەۋاتىمەن.       «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابىم 2008-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ھازىرغىچە «مىللەتلەر تىل-يېزىقى» (خەنزۇچە)، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «تىل ۋە تەرجىمە»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار ئىلمىي ژۇرنىلى»، «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 20 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالام ئېلان قىلىندى. بىر قانچە قېتىملىق خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ ئىلمىي ماقالا ئوقۇدۇم. ھازىر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ بىر تەتقىقات تېمىسى ۋە دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ئادەمىيات ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىگە، دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات فوندىنىڭ ئالاھىدە چوڭ تەتقىقات تۈرىنىڭ بىر تارماق تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىمەن.
1983-يىلىدىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندىم. 2003-يىلى «سۆيگۈ» ناملىق شېئىرلار توپلىمىم نەشر قىلىندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن كۆپ شۇغۇللىنالمىدىم، لېكىن بەزى زىيارەت خاتىرىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلىپ تۇردۇم. ئىلمىي تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ يەنە يۈز نەچچە يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئىلىدىن خاتىرىلەنگەن بىر قىسىم كونا ئەسەرلەرنى قايتا نەشرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدىم.

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى