لۇغەت



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«موڭغۇلچە لۇغەت- مۇقەددىمەتۇل ئەدەب» ناملىق بۇ ئەسەر رۇسچە بولۇپ، 1938-يىلى رۇس تىلىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان.  ئاپتورى ئاتاقلىق شەرقشۇناس، ئالىم پوپپى. بۇ ئەسەر چاغاتاي تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما لۇغەت بولۇپ، پوپپى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان نۇسخىسىدۇر. بۇ ئەسەر ئالتايشۇناسلىق ۋە تۈركولوگىيە نۇقتىسىدىن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
«موڭغۇلچە لۇغەت- مۇقەددىمەتۇل ئەدەب»

«قازاقچە-رۇسچە–رۇسچە-قازاقچە لۇغەت» ناملىق بۇ ئەسەر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىدىكى «ئارۇنا» نەشرىياتى تەرىپىدىن 2002-يىلى نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ تۈزگۈچىلىرى بايان ئىسماغۇلوۋا، ئەلىۋىرا ئېرېجېنوۋا، گۈلباخىرا ئەبدىجاپپاروۋا  قاتارلىقلار. كىتاب 30000 سۆزلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوش يۆنۈلۈشلۈك لۇغەت بولۇپ، ھەم رۇسچە-قازاقچە لۇغەت، ھەم قازاقچە-رۇسچە لۇغەت ھېسابلىنىدۇ، . بۇ لۇغەت قازاقچە ئاساسىدا رۇسچە ئۆگنگۈچىلەر ۋە رۇسچە ئاساسىدا قازاقچە ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىلىنىش قورالى بولالايدۇ.
«قازاقچە-رۇسچە-قازاقچە لۇغەت»

بۇ ئەسەر تۈرك تىلى ئاساسىدا خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، رەڭلىك باسمىدا خەتلىرى ناھايىتى ئوچۇق بېسىلغان.
«خەنزۇچە-تۈركچە لۇغەت»

«جۇڭگودىكى تۈركىي تىللارنىڭ سۆزلۈك توپلىمى» (中国突厥语族语言词汇集) ناملىق بۇ ئەسەر چېن زوڭجېن قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ،  1990-يىلى 12-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابقا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار، تۇۋا، سالار ۋە غەربىي سېرىق ئۇيغۇر قاتارلىق سەككىز تىلدىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان 4000  سۆز كىرگۈزۈلگەن. ھەر قايسى تىللاردىكى سۆزلەر خەلقئارالىق ئوقۇلغۇ بىلەن ئىزاھلانغان، مەنىلىرى خەنزۇچە شەرھىلەنگەن. كىتاب ئاخىرىدا ھەر قايسى تىللاردىكى قوشۇمچىلار بېرىلگەن، خەنزۇچە-تۈركىي تىللارچە تىزىملىك بېرىلگەن بولۇپ، بۇ سەككىز قېرىنداش تىل ئوتتۇرىرىسىكى سۆزلۈك باغلىنىشىنى چۈشىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ. بۇ كىتاب ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، تىل تەرقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ تىللار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق باشلىنىشنى چۈشىنىشى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.
«جۇڭگودىكى تۈركىي تىللارنىڭ سۆزلۈك توپلىمى»

بۇ ئەسەر بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەسلى ئەرەبچە نۇسخىدۇر. بۇ نۇسخا ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇل شەھرىدىكى مىللەت كۇتۇبخانىسىدا ساقلانماقتا.
«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»

بۇ ئەسەر 10-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» (突厥语大辞典) ناملىق ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، بۇ نۇسخا ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 2002-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
突厥语大辞典-3         突厥语大辞典-2      突厥语大辞典-1

«ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» (高昌馆杂字) ناملىق بۇ ئەسەر مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن خەنزۇ تىلى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى  تۈرلەرگە ئايرىلغان سۆزلەرنىڭ سېلىشتۇرما لۇغىتى بولۇپ،  بۇ  مەزكۇر ئەسەرنىڭ خۇ جېنخۇا، خۇاڭ رۈنخۇا قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەتلىنىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى 5-ئايدا نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدۇر.
«ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»

«پارسچە-خەنزۇچە لۇغەت» (波斯语汉语词典) ناملىق بۇ ئەسەر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى پارس تىلى كافىدراسى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، شاڭۋۇ باسمىخانىسى (商务印书馆) تەرىپىدىن 1981-يىلى بېيجىڭدا نەشر قىلىنغان. ئەسەرنىڭ ھەجمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، 60 مىڭدىن كۆپرەك پارسچە سۆز، تۇراقلىق بىرىكمىلەر، ماقال-تەمسىل ۋە پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خەنزۇ تىلى ئاساسىدا پارس تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش قورالى بولالايدۇ.
«پارسچە-خەنزۇچە لۇغەت»

«ئەرەبچە-خەنزۇچە چوڭ لۇغەت» (新阿拉伯语汉语大辞典) ناملىق بۇ ئەسەر ۋاڭ پېيۋېن (王培文) باشچىلىقىدا تۈزۈلۈپ، شاڭۋۇ باسمىخانىسى (商务印书馆) تەرىپىدىن 2003-يىلى بېيجىڭدا نەشر قىلىنغان. لۇغەتنىڭ ھەجمى بىر قەدەر چوڭ، ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلۈك مىقدارى كۆپ بولۇپ، خەنزۇ تىلى ئاساسىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش قورالى بولالايدۇ.
ئەرەبچە-خەنزۇچە چوڭ لۇغەت

«بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» ناملىق بۇ ئەسەر 18-ئەسىردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىئەلوڭ خان دەۋرىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، مانجۇچە، تىبەتچە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە بەش تىللىق تۈرگە ئايرىلغان سېلىشتۇرما لۇغەتتۇر. ئۇيغۇرچىنىڭ يېنىغا يەنە مانجۇچە ئوقۇلۇشى بېرىلگەن. مەزمۇنى مول بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدا كۆپ مىللەت تىللىرى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇلغان، نۆۋەتتە ھەم ئىشلىتىش قىممىتىگە، ھەم تارىخىي قىممەتكە ئىگە چوڭ ئەسەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلى ئەسەر ئالتە قىسىم، 36 تارماق، 2563 بەتتىن تۈزۈلگەن.  يېقىندا بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمى ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. تۆۋەندە تونۇشتۇرىدىغىنىمىز بۇ ئەسەرنىڭ 1957-يىلى 8-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن بېسىلغان نۇسخىسى بولۇپ، ئۈچ كىتابقا بۆلۈنگەن.
«بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت-1 »           «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت-2 »                     «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت-3 »

Page 1 of 41234

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى