ئېنگلىزچە



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«تۈركىي تىللار لۇغىتى ___  ئېنگلىزچە: ئەزەربەيجان، قازاق، قىرغىز، تاتار، تۈرك، تۈركمەن، ئۇيغۇر ئۆزبەك تىللىرى» ناملىق بۇ كىتاب كۇرتۇلۇش ئۆزتوپچۇ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، روئۇتلېج (ROUTLEDGE) نەشرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئېنگلىز تىلى بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەككىز ئاساسىي تۈركىي تىل ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تىللىق لۇغەت بولۇپ، ھەر قايسى تۈركىي تىللار بىلەن ئېنگلىز تىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۆگىنىش قورالىدۇر.
«ئېنگلىزچە-تۈركىي تىللار لۇغىتى»

بۇ كىتاب ئاتاقلىق تۈركولوگ مارسېل ئېردال (Marcel Erdal)نىڭ «قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ سۆز قۇرۇلمىسى- لېكسىكىنىڭ فۇنكىيەلىك يولى» ناملىق ئېنگلىزچە ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
Old Turkic Word Formation-1
Old Turkic Word Formation-2

بۇ Ethymological Dictionary of the Altaic Languages (ئالتاي تىللىرنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى) ناملىق كىتابى بولۇپ، سېرگېي ستاروستىن (Sergei Starostin)، ئاننا دىبو (Anna Dybo)، ئولېگ مۇدراك (Oleg Mudrak) قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 2003-يىلى برىل (Brill) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. مەزكۇر كىتاب ئالتاي تىللىرى، يەنى تۈركىي تىللار، موڭغۇل تىللىرى ۋە مانجۇ-تونگۇس تىللىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلاشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
Ethymological Dictionary of the Altaic Languages-1
Ethymological Dictionary of the Altaic Languages-2
Ethymological Dictionary of the Altaic Languages-3

An Ethymological Dictionary of Pre-Thirteenth-Century Turkish يەنى «13-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى» ناملىق بۇ ئەسەر ئاتاقلىق تۈركولوگ  Sir Gerard Clauson تەرىپىدىن ئېنگلىز تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، 1972-يىلى ئوكسفوردتىكى  Clarendon نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق ھەر قايسى تۈركىي تىللاردىكى سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلاشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ كىتاب Andras J. E. Bodrogligeti تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، LINCOM EUROPA نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001-يىلى نەشر قىلىنغان  «چاغاتاي تىلى گرامماتىكىسى» ناملىق ئېنگلىزچە كىتابدۇر.
A Grammar of Chaghatay

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى