لېكسىكولوگىيە



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«سۆز مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ قوللىنىش كېرەك» ناملىق بۇ ماقالام «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2003-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە باشقا ۋاستىلەردە ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم سۆز، جۈملىلەرنى خاتا ئىشلىتىدىغان، تىلنىڭ ساپلىقىنى، راۋانلىقىنى بۇزۇدىغان ئەھۋاللارغا قارىتا پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ، بىر قىسىم ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق خاتا سۆز، جۈملىلەر ۋە ئۇنىڭدىكى خاتا قوللىنىلغان نۇقتىلار ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇنى قانداق تۈزىتىش كېرەكلىكى، بۇنداق مەسىلىلەردىن قانداق ساقلىنىش مۈمكىنلىكى قاتارلىق نۇقتىلار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى» (древнетюркский словарь) ناملىق بۇ كىتاب نادېليايېۋ، ناسېلوۋ، تېنىشېۋ، شېرباك قاتارلىقلارنىڭ تەھرىرلىكىدە تۈزۈلۈپ، 1969-يىلى لېنىنگرادتىكى ناۋكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.  قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى توغرىسىدا يېزىلغان مۇھىم كىتابلارنىڭ بىرىدۇر.
 «قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى» 

«ئۇيغۇر شېۋىلىرى سۆزلۈكى» ناملىق بۇ كىتاب غۇلام غوپۇرى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1986-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەرگە 4000 غا يېقىن دىئالېكت، شېۋە سۆزلۈكى ۋە سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،  قايسى رايوندىن ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت، شېۋە سۆزلۈكلىرى تەرقىقاتىدىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر شېۋىلىرى سۆزلۈكى

«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»دە كۆرسىتىلگەن تۈركىي تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىپادىسى

بۇ ماقالا 2011-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇلۇغ شائىر، تىلشۇناس ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان. ماقالىدا ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق تىلشۇناسلىق ئەسىرىدە كۆرسەتكەن ئەينى دەۋر تۈركىي تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ.
ماقالىنىڭ تېكىستى بۇ يەردە.

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى