ئەدەبىي ئەسەرلىرىم



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


بۇ ئەسلىمىنى مەن ماگىستېر ئاسپىراتلىق مەزگىلىدىكى ساۋاقدىشىم ئالىمجان يۈسۈپ بىلەن بىللە يازغان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىلى 12-ئايدا نەشر قىلىنغان «تۇنجى ئەسىرىم» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئەسلىمىدە مەرھۇم ئۇستازىمىز خالىق نىياز (1946-2004) مۇئەللىمنىڭ ئىز-ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ رايونىمىزدا تەربىيىلەنگەن تۇنجى ئەۋلات ماگىستېر ئاسپىرانتلاردىن ئىكەنلىكى (1979-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە)، شۇنىڭدەك شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىگەن مەگىلىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى نەتىجىلىرى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ «تىلشۇناسلىق ئاساسلىرى»، «فونېتىكا ۋە تىل تەكشۈرۈش»، «تىلشۇناسلىقتىن ئومۇمىي بايان»، «ئۇيغۇر تىلىدىن ئاساس»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن كونسۇلتاتسىيە» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى بار.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«بىر رەسسام، بىر ئۇسلۇب» ناملىق بۇ ئەسەر ياش رەسسام قۇربانتاي تۇرسۇن ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان. خاتىرىدە بىر ياش رەسسامنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھايات يولى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
قۇربانتاي 1978-يىلى غۇلجا شەھىرى قازانچى مەھەللىسىدە بىر زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى يازغۇچى تۇرسۇن ياسىن ئاكىنىڭ تەسىرى بولغاچقىمىكىن قۇربانتاينىڭ ۋۇجۇدىدا كىچىكىدىن سەنئەتكە بولغان قىزىقىش كۈچلۈك ئىدى. 4-5 ياش چاغلىرىدا ئاتا-ئانىسى خىزمەتكە كەتكەندە ئۆيدە مومىسىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ قەغەزدىن ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ شەكلىنى قىياتتى، ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ مودىللىرىنى ياساپ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىللە ئوينايتتى…
بىر رەسسام، بىر ئۇسلۇب

ئىلى دېسەم

ئىلى دېسەم ئالما كېلەر يادىمغا،

ئالمىلارغا تولغان گۈزەل باغلىرى.

چۆمۈلىدۇ يۈرەك زوققا، ھېسلارغا،

ئۇرۇلغاندەك بولۇپ خۇشبۇي ھېدلىرى.

ئالما تېرىپ يۈرگەن گۈزەل باغ قىزى،

بۈگۈن يەنە قىلدىمىكىن سەيلىنى.

سالامدىكىن بىلەلمىدىم سېۋەتكە،

ئالما بىلەن قوشۇپ كۆڭۈل مەيلىنى.

چىمەنلىكلەر، يېشىل تاغلار، دەريالار…

تولۇپ تۇرار ئىلى تالاي باغلارغا.

كۈندە قاراپ، كۈندە يايراپ كۈلسەممۇ،

مەن تويمايمەن ئۇنىڭدىكى چاغلارغا.

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      Latin yeziqida        кирил йезиқида

 

سەن يوق دۇنيا

سەن يوق دۇنيا…

                                         قىلالماسمەن تەسەۋۋۇر،

تولار بەلكىم قاراڭغۇلۇق كۆزۈمگە.

سېغىنغاندا سېنى ئويلاپ ياتالماي،

پىچىرلارمەن كېچىلىرى ئۆزۈمگە.

سەن يوق دۇنيا…

                                                 ماڭا ئازاب، ماڭا دەرت،

يۈرەلمەسمەن خۇشاللىققا ئورۇلۇپ.

سىمايىڭنى ئىزدەپ كوچا، باغلاردىن،

يىقىلارمەن بورانلارغا ئۇرۇلۇپ.

سەن يوق دۇنيا…

                                           رەڭلىرىنى يوقاتقان،

پۇرىقىنى گۈللەر خۇشبۇي چاچالماس.

قانچە نەغمە قىلغان بىلەن بۇلبۇللار،

پەيزى ئۇنىڭ كۆڭلۈمنى ھېچ ئاچالماس.

سەن يوق دۇنيا…

                                         مەن قەپەزدە يالغۇز قۇش،

تىلىم قايتا كەلمەس سايراپ كۈلۈشكە.

بەلكىم تىرىك مىدىرلارمەن ھەر كۈنى،

ئادەتلىنىپ روھسىز ياشاپ يۈرۈشكە…

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      Latin yeziqida          кирил йезиқида

ئانامنى ئەسلەپ

1

ياشلىرىمدا تىزغان تىزىقنى،

ئېسىپ قويدۇم قەبرەڭگە ئانا.

چۈشۈمدە

تەسۋى سېرىپ ئولتۇرغۇدەكسەن،

بەخت تىلەپ، قۇت تىلەپ ماڭا.

2

نەۋرىلىرىڭ سورايدۇ سېنى،

«ــ قېنى مومام، نەگە كەتتى؟» دەپ.

ياشلىرىمدا بەرگەندە جاۋاب،

ماڭا قاراپ قالىدۇ شۈكلەپ.

ياستۇقىڭدىن ھىدلىرىڭ ئىزدەپ،

يۈرىكىمگە باسىمەن ئۆكسۈپ.

سۈرىتىڭگە قارىسام قاچان،

سەن يەنىلا تۇرىسەن كۈلۈپ.

«ئانا» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسام،

ئېچىشىدۇ يۈرىكىم ئەجەب.

قەدرىڭ، ئانا، ئۆتۈلگەنسېرى،

سېغىنىشىم ئاشار ھەسسىلەپ.

1990-يىل، تېكەس.

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      кирил йезиқида         Latin yezikida

قىزىمغا

 

قىزىمغا

ئون سەككىزگە باستىڭىز قەدەم،

بۈگۈن قۇتلۇق كۈنىڭىز، قىزىم.

ئۇچۇپ ئۆتتى ئون سەككىز باھار،

ھايات نېمە بىلدىڭىز، قىزىم.

تولغان ھەر يىل سانسىز سىناققا،

ھەر سىناقتا ئۇتىسىز، قىزىم.

تىرىشقانغا ھەر زامان ھايات،

قۇچاق ئاچار، ئۇقىسىز، قىزىم.

ئالدىڭىزدا قانچە داۋان بار،

بىر-بىر ھالقىپ ئۆتىسىز، قىزىم.

يېنىڭىزدا بىز بار ياكى يوق،

ھامان ئۇتۇق قۇچىسىز، قىزىم.

بەختىڭىزنى تىلەيمىز ھەر چاغ،

بەختلىك بوپ كۈلىسىز، قىزىم.

سىزدىن تىلەك-ئارزۇيىمىز كۆپ،

ئۆيىمىزنىڭ گۈلى سىز، قىزىم.

    2011.09.08

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى

 кирил йезиқида         Latin yeziqida         Ereb yeziqida

بۇ  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2003-يىلى نەشر قىلىنغان مېنىڭ «سۆيگۈ» ناملىق شېئىرلار توپلىمىمنىڭ تېكىست قىسمىدۇر.  بۇ توپلام 100 پارچىدىن ئارتۇق مۇھەببەت لېرىكىسىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېزىلغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ بىر پارچە سۆھبەت خاتىرىسى بولۇپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. مۇھەممەدجان ئاكىنىڭ 50 يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى كىتابخانلارنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايەن قىلىنىدۇ. شائىرنىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئۆز ھاياتى، ئىجادىيىتىگە بەرگەن باھاسى شەرھىلىنىدۇ.
ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ بىر پارچە زىيارەت خاتىرىسى بولۇپ، ئاتاقلىق دۇتار چالغۇچىسى مۇتەللىپ خوجا ئاكىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. مۇتەللىپ ئاكىنىڭ سەمىمى، كەمتەر كىشىلىك پەزىلىتى، يۇقىرى ئورۇنداش ماھارىتى نامايەن قىلىنىش بىلەن ئۇنىڭ ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى تەرەققىياتىدا تۇتقان ئورنى گەۋدىلەندۈرىلىدۇ. مەزكۇر ماقالا «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ماقالىنىڭ تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى