قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈپ سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالام «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2009-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈپ سۆزلەرنىڭ قۇرۇلما شەكىللىرى ھەققىدە ئىزدىنىلىدۇ. بۇ ماقالا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىدا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ ئەسەر ئۇلۇغ پەيلوسوپ، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى  تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ 1-بېيىتتىن 3541-بېيىتقىچە بولغان قىسمىدۇر.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ ئەسەر ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ فەرغانە نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلى بولۇپ، ئۈچ نۇسخىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
قۇتادغۇ بىلىك (فەرغانە نۇسخىسى)

بۇ ئەسەر بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەسلى ئەرەبچە نۇسخىدۇر. بۇ نۇسخا ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇل شەھرىدىكى مىللەت كۇتۇبخانىسىدا ساقلانماقتا.
«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»

بۇ ئەسەر بۈيۈك مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، 1986-يىلى 10-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«قۇتادغۇ بىلىك» (خەنزۇچە)

بۇ ئەسەر ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ  ۋېنا نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلى بولۇپ، 1985-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىنغان. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كۆچۈرۈلگەن. مىلادى 1439-يىلى كۆچۈرۈپ تاماملانغان. بۇ نۇسخا ھېراتتا كۆچۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ھېرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كېيىنچە ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋېنا شەھرىگە ئېلىپ كېتىلىپ شۇ يەردە كۇتۇپخانىدا ساقلانغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋېنا نۇسخىسى  دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نۇسخا مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىلىم دۇنياسىدا ئەڭ بۇرۇن قايتا ئاشكارا بولغان نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قۇتادغۇ بىلىك (ۋېنا نۇسخىسى)

بۇ ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنىڭ قاھىرە نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلى بولۇپ، 1985-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىنغان. بۇ نۇسخا 5800 بېيىتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدا خەتتى سۇلۇس خەت نۇسخىسىدا كۆچۈرۈلگەن 1896-يىلى قاھىرە ھېدىۋلىك (قىرال) كۈتۈپخانىسىنىڭ مۇدىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. بۇ نۇسخا قاھىرەدە ساقلانغانلىقى ئۈچۈن قاھىرە نۇسخىسى ياكى مىسىر نۇسخىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇتادغۇ بىلىك (قاھىرە نۇسخىسى)

بۇ ئەسەر 10-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» (突厥语大辞典) ناملىق ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، بۇ نۇسخا ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 2002-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
突厥语大辞典-3         突厥语大辞典-2      突厥语大辞典-1

«ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» (高昌馆杂字) ناملىق بۇ ئەسەر مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن خەنزۇ تىلى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى  تۈرلەرگە ئايرىلغان سۆزلەرنىڭ سېلىشتۇرما لۇغىتى بولۇپ،  بۇ  مەزكۇر ئەسەرنىڭ خۇ جېنخۇا، خۇاڭ رۈنخۇا قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەتلىنىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى 5-ئايدا نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدۇر.
«ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»

«قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى» (древнетюркский словарь) ناملىق بۇ كىتاب نادېليايېۋ، ناسېلوۋ، تېنىشېۋ، شېرباك قاتارلىقلارنىڭ تەھرىرلىكىدە تۈزۈلۈپ، 1969-يىلى لېنىنگرادتىكى ناۋكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.  قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى توغرىسىدا يېزىلغان مۇھىم كىتابلارنىڭ بىرىدۇر.
 «قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى» 

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى