ئىلمىي پائالىيەتلەر



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى ئاتاقلىق يازغۇچى، دراماتورگ زۇنۇن قادىرىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا يېزىلغان، شۇندىن تارتىپ نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا قايتا-قايتا ئوينىلىپ كېلىۋاتقان «غۇنچەم» درامىسى بۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، دراما ئۆمىكى تەرىپىدىن قايتا تەييارلىنىپ، يېقىندا رايونىمىزدىكى سەھنىلەردە قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. 3-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا بۇ درامىنىڭ قايتا قويۇلۇشى ھەققىدە «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. سۆھبەتكە ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، دراما ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مەدىنە ئابدۇرۇسۇل، ئاتاقلىق تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەخمىدى ۋە درامىنىڭ رىژىسسورى ئاپتونوم رايونلۇق تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماخمۇت ھامۇت قاتارلىقلار قاتناشتى.  بۇ دراما 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىن غۇلجا شەھرىدە ئوينىلىدۇ، ئاندىن 5-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا داۋاملىق ئوينىلىدۇ.
تۆۋەندە بۇ سۆھبەت ۋە درامىغا ئائىت بىر قانچە سۈرەتنى تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. 1-سۈرەت: سۆھبەت سەھنىسى. 2-سۈرەت: بۇ درامىنىڭ سىنارىيىسى ئەڭ دەسلەپ بېسىلغان «ئىتتىپاق» ژۇرنىلىنىڭ 1949-يىلىدىكى سانى.

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى