خەنزۇچە



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» ناملىق بۇ بىر يۈرۈش كىتابلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى خەنزۇچە تونۇشتۇرغان توپلام بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ كىتابلارنى تۆۋەندىكى ناملىرى بويىچە چۈشۈرۈڭ.

2-قىسىم      3-قىسىم     4-قىسىم      5-قىسىم     6-قىسىم     7-قىسىم    8-قىسىم    9-قىسىم

 

«20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق بۇ ئەسەر ئازاد سۇلتان، جاڭ مىڭ، نۇرمۇھەممەد زامان قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدا 2001-يىلى 7-ئايدا نەشر قىلىنغان خەنزۇچە كىتاب. بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئومۇمىي ئەھۋالى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ، مۇھىم ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىگە باھا بېرىلىدۇ. بۇ كىتاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت تەتقىقاتى ئەھۋالى» ناملىق بۇ ماقالا كۈرەش تاھىر تەرىپىدىن يېزىلىپ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇچۇرى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2007-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان خەنزۇچە ماقالا بولۇپ، بۇ ماقالىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر قايسى دىئالېكتلىرى ھەققىدە چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئىككى باسقۇچ بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر قەدەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئەھۋالى» ناملىق بۇ ماقالا كۈرەش تاھىر تەرىپىدىن يېزىلىپ، «شىنجاڭ ئىقتىمائىي پەنلەر ئۇچۇرى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2007-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان خەنزۇچە ماقالا بولۇپ، بۇ ماقالىدا رۇسىيە، ياۋروپا، ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ھەر قايسى تارماقلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق» دېگەن بۇ ماقالا گېڭ شىمىن ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلىپ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ خەنزۇچە 2006-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان. ماقالىدا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ فرانسىيەدىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلىدۇ.  بۇ ماقالا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ئۇيغۇرچە رادىيو تىلىدىكى سەزگۈر سۆزلەرنى ئىزدەش سېستىمىسى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ ئەسەر مۇختار سادىقنىڭ دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيە ماقالىسى بولۇپ، 2013-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئوقۇلغان. بۇ ماقالىدا ئۇيغۇرچە رادىيو تىلىدىكى سەزگۈر سۆزلەرنى قانداق ئىزدەپ تېپىشنىڭ تېخنىكىلىق مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ماقالا كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە دوكتورلۇق ماقالىسى تەييارلاۋاتقان دوكتورانتلارنىڭ پايدىلىنىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. دوكتورانتلارنىڭ تېخىمۇ تولۇق پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىز بۇ ماقالا ئۈچۈن تەييارلانغان تېما باشلاش دوكلادى، ئوتتۇرا مەزگىللىك تەكشۈرۈش دوكلادى ۋە دېسسىرتاتسىيە ياقلاش يىغىنى ۈئچۈن تەييارلانغان پوۋېر پويىت ھۆججىتىنىڭمۇ پ.د.ف شەكلىنى بەردۇق.

1. دوكتورلۇق ماقالىسى
2. تېما باشلاش دوكلادى
3. ئوتتۇرا مەزگىللىك تەكشۈرۈش دوكلادى
4. دېسسىرتاتسىيە ياقلاش دوكلادى

«ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلاد» ناملىق بۇ ماقالام ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا 1996-يىلى ئىشلىگەن مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىغا دائىر ماقالا بولۇپ، «ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ خەنزۇچە 1999-يىللىق 2-سانىدا ېئلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئالدىنقى ئەسرىنىڭ 90-يىللىرىدا رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان نىشانلىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنىڭ ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى كونكرېت ئەھۋالى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان. رايونىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئۇيۇغ رئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشۈنۈشتە ھېلىمۇ مەلۈم دەرىجىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسىدىكى موڭغۇلچە يەر ناملىرى» ناملىق بۇ ماقالەم خەنزۇچە «مىللەتلەر تىل-يېزىقى» (民族语文) ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئىلى رايونىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە موڭغۇلچە ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ مەنىلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەر ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلىپ، قانداق ئالاھىدىلىك بويىچە ئاتالغانلىقى، ھەمدە ئۇيغۇرچە ئاھاڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«جەمئىيەت ئىناقلىقى ئاستىدىكى تىل ئىناقلىقى- كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت، كۆپ خىل تىل شارائىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات» (社会和谐下的语言和谐–对多远文化、多种语言环境下的维吾尔语伊犁次方言的调查与研究) ناملىق بۇ ماقالا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئاسپىرانتلار ئىلمىي ژۇرنىلى» (民大研究生学刊) نىڭ 2009-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان، مېنىڭ باشچىلىقىمدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلى شېۋىسى ۋە قوش تىل ئوقۇتۇشى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدۇر.
جەمئىيەت ئىناقلىقى ئاستىدىكى تىل ئىناقلىقى

موڭغۇل تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى موڭغۇل تىللىرى تۈركۈمىدىكى مۇھىم بىر تىل بولۇپ، تۈركىي تىللار جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلۈك، فونېتىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە بەلگىلىك تارىخىي مۇناسىۋىتى بار. «موڭغۇل تىلىنىڭ گرامماتىكىسى» (蒙古语语法) ناملىق بۇ كىتاب ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور چىڭگېرتاي (清格尔泰) تەرىپىدىن 1991-يىلى تۈزۈلگەن. خەنزۇ تىلى ئاساسىدا موڭغۇل تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە تۈركىي تىللار بىلەن موڭغۇل تىلىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.
«موڭغۇل تىلىنىڭ گرامماتىكىسى»

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى