موڭغۇل تىلى



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«موڭغۇل تىلىنىڭ كىرمە سۆزلەر لۇغىتى» ناملىق بۇ ئەسەر ئو. سۇخباتار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1997-يىلى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئۇلانباتۇردا نەشر قىلىنغان موڭغۇلچە، سىلاۋيان يېزىقىدا يېزىلغان ئۈچ قىسىملىق ئەسەر بولۇپ، ھەر قايسى تىللاردىن موڭغۇل تىلىغا كىرگەن سۆزلەرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىلىدۇ، جۈملىدىن تۈركىي تىللاردىن موڭغۇل تىلىغا كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەر ھەققىدىمۇ توختىلىدۇ. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا تىللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، جۈملىدىن موڭغۇل تىلى بىلەن بولغان سۆزلۈك ئېلىش-بېرىش مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

1-قىسىم      2-قىسىم        3-قىسىم

بۇ «موڭغۇلچە-قازاقچە لۇغەت» ب. بازىلخان دېگەن كىشى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1984-يىلى موڭغولىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئۇلانباتۇردا سىلاۋيان يېزىقىدا نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاب قازاق تىلى ۋە باشقا تۈركىي تىللارنى موڭغۇل تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشتە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«موڭغۇل تىلى سېلىشتۇرما گرامماتىكىسى» ناملىق بۇ كىتاب سابىق سوۋېت ئتىتىپاقى تىلشۇناسى گ. د. سانژېئېۋنىڭ ئەسىرىنىڭ 1959-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، بۇ كىتاب موڭغۇل تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈنلا پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئەسەرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا بېرىلگەن موڭغۇل تىلى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىياتى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
«موڭغۇل تىلى سېلىشتۇرما گرامماتىكىسى»

«موڭغۇلچە لۇغەت- مۇقەددىمەتۇل ئەدەب» ناملىق بۇ ئەسەر رۇسچە بولۇپ، 1938-يىلى رۇس تىلىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان.  ئاپتورى ئاتاقلىق شەرقشۇناس، ئالىم پوپپى. بۇ ئەسەر چاغاتاي تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما لۇغەت بولۇپ، پوپپى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان نۇسخىسىدۇر. بۇ ئەسەر ئالتايشۇناسلىق ۋە تۈركولوگىيە نۇقتىسىدىن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
«موڭغۇلچە لۇغەت- مۇقەددىمەتۇل ئەدەب»

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى