ئوقۇتۇش تەتقىقاتى



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«تەپسىلىي خەۋەر ۋە تەسۋىرىي خەۋەر» ناملىق بۇ قىسقا ماقالام «شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلار ئىشى» ناملىق ئىچكى ژۇرنالنىڭ 1993-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئاخباراتنىڭ تۈرلىرىدىن بىرى بولغان خەۋەرنىڭ تەپسىلىي خەۋەر ۋە تەسۋىرىي خەۋەردىن ئىبارەت ئىككى شەكلىنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان ئوخشاشلىق ۋە پەرقلىق نۇقتىسى كۆرسىتىلىپ، بۇ ئىككى تۈرنى ائرىلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلىدۇ. ھەر ئىككى تۈرنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى شەرھىلىنىدۇ. بۇ مقالا ئاخبارات يېزىقچىلىقى ساھەسىدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ئوخشىتىشنىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ناملىق بۇ ماقالام «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2006-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا ئوخشىتىشنىڭ تىل ئاساسى، مەدەنىيەت ئاساسى، ئىستېتىك ئاساسى قاتارلىق ئاساسلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئوخشىتىشنىڭ ھاسىل بولۇشىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلىدۇ. كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئىلمىي پىكىرلەر ئالغا سۈرۈلىدۇ. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى ئوقۇتۇسى ۋە تەتقىقاتى ساھەسىدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ئوخشىتىشنىڭ باشقا بىر قىسىم ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالام «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2006-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئوخشىتىشنىڭ سىمۋول، جانلاندۇرۇش، ۋاكالەتلەندۈرۈش، سېلىشتۇرۇش قاتارلىق بىر قىسىم ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىلگەن. يەنى بۇ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئۆز ائرا ئوخشاشلىقلىرى، پەرقلىق تەرەپلىرى، بىر-بىرىدىن قانداق ائيرىش كېرەكلىكى قاتارلىق نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈلگەن. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى ساھەسىدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە» ناملىق بۇ ماقالام «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1998-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئىلى ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىلىرىدىن بولۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى، كەسپىي ئۇنۋان قۇرۇلمىسى، پېداگوگىكىلىق قۇرۇلمىسى، شتات قۇرۇلمىسى، جىنسىي ئايرىما قۇرۇلمىسى، يېشى ۋە خىزمەت ئستاژ قۇرۇلمىسى، گېزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇش ئەھۋالى قاتارلىقلار تەپسىلىي ئىگىلىنىپ، سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئالاقىدار مەلۇماتلار ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇ ماقالا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتىدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«نىشانلىق ئوقۇتۇشنىڭ دەرسخانا سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلىرىغا سەل قارىماسلىق كېرەك» ناملىق بۇ ماقالام «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2001-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا ئەينى چاغدا رايونىمىزدا يۈرگۈزۈلگەن نىشانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ دەرستىن سىرتقى قانداق مەشغۇلات شەكىللىرنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئۇسۇللىرى، دىققەت قىلىنىدغان مۇھىم مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ. بۇ ماقالا ئوتۇۇترا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتى جەھەتتە مەلۇم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلاد» ناملىق بۇ ماقالام ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا 1996-يىلى ئىشلىگەن مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىغا دائىر ماقالا بولۇپ، «ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ خەنزۇچە 1999-يىللىق 2-سانىدا ېئلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئالدىنقى ئەسرىنىڭ 90-يىللىرىدا رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان نىشانلىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنىڭ ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى كونكرېت ئەھۋالى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان. رايونىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئۇيۇغ رئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشۈنۈشتە ھېلىمۇ مەلۈم دەرىجىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«تىل-ئەدەبىيات ماقالا يازدۇرۇش ئوقۇتۇشى قوللانمىسى» ناملىق بۇ كىتابچە 2000يىلى 10-ئايدا ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مىتودى» دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش تەلىپى، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىي تەلىپى ئاساسەن غۇلجا شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى تىل-ئەدەبىيات گۇرۇپپىسىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن تاللاپ تەرجىمە قىلىنىپ، ئالاقىدار مەزمۇنلار قوشۇلۇپ تەييارلانغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا رەسمىي نەشر قىلىشقا ئۈلگۈرمەستىن ئىچكى قىسىمدا بېسىپ تارقىتىلغان ئىدى. بۈگۈن بۇ ماتېرىيالنى بۇ يەردە كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم.
كىتابچىنىڭ تولۇق تېكىستى
 1-باب. ماقالا  ئوقۇتۇشىنىڭ نىشانلىرى 
2-باب.  ماقال ئوقۇتۇشىنىڭ جەريانى  
3-باب. ماقالا  ئوقۇتۇشىنىڭ يولى 
4- باب. ماقالا  ئوقۇتۇشى ۋە ئىجادىي تەپەككۇر

بۇ ماتېرىيال يەكەن ناھىيە كونا شەھەر مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى نۇرگۈل ھېيت تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم شەكىلداش سۆزلەر ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە تىزىپ كۆرسىتىلگەن. ھەر بىر توپتىكى شەكىلداش سۆزنىڭ مەنىسى ئايرىم-ئايرىم ئىزاھلىنىپ، بىر-بىرىدىن ئوچۇق پەرقلەندۈرۈلگەن، مۇناسىپ مىساللار بېرىلگەن. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى شەكىلداش سۆزلەر 

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى