شېئىرلار



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


ئانا تىل

                    ئانا تىل

               نىجات سوپى

ئۆگەنگەنتىم ئانا تىل سېنى ئۇلۇغ ئانامدىن،
ئۆزى كەتتى، سەن قالدىڭ مىراس بولۇپ سەن ئاندىن،
سېنىڭ بىلەن ئايرىدىم ياخشىلارنى ياماندىن،
سېنىڭ بىلەن ئايرىدىم داننى يەنە ساماندىن،
ئۆچمەس چىراغ سەن، مەيلى كەلسە بوران قاياندىن.

ئۆتتى يىللار، ئەسىرلەر، سەن يەنىلا ياشنىدىڭ،
ئۇرغۇپ تۇردى ھەر زامان سېنىڭ باھار ياشلىقىڭ،
مەيلى ئەرەب، فارىسى يېتەلمىدى، تاشلىدىڭ،
موڭغۇل، مانجۇ، رۇسچىنى ئۆز يولىغا باشلىدىڭ،
ئىگەلمىدى قەددىڭنى، كەلگەن چاپقۇن ھەر ياندىن.

ئېنگىلىزچە ئاشسىمۇ قانچە قىتئە، ئوكياندىن،
ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن قالماس كېيىن ئۇلاردىن،
سېنى ئۆتمەس دېگەنلەر يىراق تۇرسۇن گۇماندىن،
تازىلىسۇن پاك-پاكىز ئىشەنچىنى تۇماندىن،
ئۈمىدىنى چىڭىتسۇن باشلاپ بۈگۈن شۇ ئاندىن.

 سەن كۈلىسەن ئەل بىلەن، ئەل يۈرىكى سەن بىلەن،
سەندىن مادار -كۈچ ئېلىپ ئىلگىرىلەيمىز پەن بىلەن،
سېنىڭدىن ۋاز كەچمەيمىز، بال بەرسىمۇ قەن بىلەن،
سېنى ھەردەم قوغدايمىز چوقۇم جانۇ تەن بىلەن،
يەتكۈزىمىز ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ كۆپ زاماندىن
                     2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى.

ئوغلۇمغا

ئوغلۇمغا

   خۇش بولدۇم ئوغۇل بوپ تۇغۇلغىنىڭدىن،

ماڭا بىر ئىزباسار قېتىلدى، دېدىم.

     «قەيسەر» دەپ ئاتىدىم ئېتىڭنى سېنىڭ،

بىر باتۇر ئەزىمەت يېتىلدى، دېدىم.

تاشلىدىڭ ئون تۆتكە سەن بۈگۈن قەدەم،

مۇبارەك تۇغۇلغان كۈنۈڭگە، ئوغلۇم.

خۇشاللىق ئۈستىگە ياغسۇن خۇشاللىق،

قېتىلسۇن يېڭى ئۈن ئۈنۈڭگە، ئوغلۇم.

بورانلار يولۇڭنى توسسىمۇ بىر كۈن،

  ياشىغىن يىگىتتەك قەددىڭنى كېرىپ.

ئېتىڭغا مۇناسىپ ئەر بولۇپ يېتىل،

ياشىغىن ھاياتقا مېھرىڭنى بېرىپ.

بۇ ئۆينىڭ بولغۇسى تۈۋرۈكى ئۆزۈڭ،

   تۈۋرۈكتەك يىقىلماس قامىتىڭ بولسۇن.

   تىرىشقىن، ياراملىق ھەم ئەخلاقلىق بول،

مەڭگۈگە تۈگىمەس ئامىتىڭ بولسۇن.

                 2014-يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، غۇلجا.

بۇ ئەسەر ئۇلۇغ پەيلوسوپ، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى  تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ 1-بېيىتتىن 3541-بېيىتقىچە بولغان قىسمىدۇر.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ ئەسەر بۈيۈك مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، 1986-يىلى 10-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«قۇتادغۇ بىلىك» (خەنزۇچە)

بۇ ئەسەر ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ  ۋېنا نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلى بولۇپ، 1985-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىنغان. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كۆچۈرۈلگەن. مىلادى 1439-يىلى كۆچۈرۈپ تاماملانغان. بۇ نۇسخا ھېراتتا كۆچۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ھېرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كېيىنچە ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋېنا شەھرىگە ئېلىپ كېتىلىپ شۇ يەردە كۇتۇپخانىدا ساقلانغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋېنا نۇسخىسى  دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نۇسخا مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىلىم دۇنياسىدا ئەڭ بۇرۇن قايتا ئاشكارا بولغان نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قۇتادغۇ بىلىك (ۋېنا نۇسخىسى)

بۇ ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنىڭ قاھىرە نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلى بولۇپ، 1985-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىنغان. بۇ نۇسخا 5800 بېيىتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدا خەتتى سۇلۇس خەت نۇسخىسىدا كۆچۈرۈلگەن 1896-يىلى قاھىرە ھېدىۋلىك (قىرال) كۈتۈپخانىسىنىڭ مۇدىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. بۇ نۇسخا قاھىرەدە ساقلانغانلىقى ئۈچۈن قاھىرە نۇسخىسى ياكى مىسىر نۇسخىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇتادغۇ بىلىك (قاھىرە نۇسخىسى)

ئىلى دېسەم

ئىلى دېسەم ئالما كېلەر يادىمغا،

ئالمىلارغا تولغان گۈزەل باغلىرى.

چۆمۈلىدۇ يۈرەك زوققا، ھېسلارغا،

ئۇرۇلغاندەك بولۇپ خۇشبۇي ھېدلىرى.

ئالما تېرىپ يۈرگەن گۈزەل باغ قىزى،

بۈگۈن يەنە قىلدىمىكىن سەيلىنى.

سالامدىكىن بىلەلمىدىم سېۋەتكە،

ئالما بىلەن قوشۇپ كۆڭۈل مەيلىنى.

چىمەنلىكلەر، يېشىل تاغلار، دەريالار…

تولۇپ تۇرار ئىلى تالاي باغلارغا.

كۈندە قاراپ، كۈندە يايراپ كۈلسەممۇ،

مەن تويمايمەن ئۇنىڭدىكى چاغلارغا.

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      Latin yeziqida        кирил йезиқида

 

سەن يوق دۇنيا

سەن يوق دۇنيا…

                                         قىلالماسمەن تەسەۋۋۇر،

تولار بەلكىم قاراڭغۇلۇق كۆزۈمگە.

سېغىنغاندا سېنى ئويلاپ ياتالماي،

پىچىرلارمەن كېچىلىرى ئۆزۈمگە.

سەن يوق دۇنيا…

                                                 ماڭا ئازاب، ماڭا دەرت،

يۈرەلمەسمەن خۇشاللىققا ئورۇلۇپ.

سىمايىڭنى ئىزدەپ كوچا، باغلاردىن،

يىقىلارمەن بورانلارغا ئۇرۇلۇپ.

سەن يوق دۇنيا…

                                           رەڭلىرىنى يوقاتقان،

پۇرىقىنى گۈللەر خۇشبۇي چاچالماس.

قانچە نەغمە قىلغان بىلەن بۇلبۇللار،

پەيزى ئۇنىڭ كۆڭلۈمنى ھېچ ئاچالماس.

سەن يوق دۇنيا…

                                         مەن قەپەزدە يالغۇز قۇش،

تىلىم قايتا كەلمەس سايراپ كۈلۈشكە.

بەلكىم تىرىك مىدىرلارمەن ھەر كۈنى،

ئادەتلىنىپ روھسىز ياشاپ يۈرۈشكە…

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      Latin yeziqida          кирил йезиқида

ئانامنى ئەسلەپ

1

ياشلىرىمدا تىزغان تىزىقنى،

ئېسىپ قويدۇم قەبرەڭگە ئانا.

چۈشۈمدە

تەسۋى سېرىپ ئولتۇرغۇدەكسەن،

بەخت تىلەپ، قۇت تىلەپ ماڭا.

2

نەۋرىلىرىڭ سورايدۇ سېنى،

«ــ قېنى مومام، نەگە كەتتى؟» دەپ.

ياشلىرىمدا بەرگەندە جاۋاب،

ماڭا قاراپ قالىدۇ شۈكلەپ.

ياستۇقىڭدىن ھىدلىرىڭ ئىزدەپ،

يۈرىكىمگە باسىمەن ئۆكسۈپ.

سۈرىتىڭگە قارىسام قاچان،

سەن يەنىلا تۇرىسەن كۈلۈپ.

«ئانا» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسام،

ئېچىشىدۇ يۈرىكىم ئەجەب.

قەدرىڭ، ئانا، ئۆتۈلگەنسېرى،

سېغىنىشىم ئاشار ھەسسىلەپ.

1990-يىل، تېكەس.

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      кирил йезиқида         Latin yezikida

قىزىمغا

 

قىزىمغا

ئون سەككىزگە باستىڭىز قەدەم،

بۈگۈن قۇتلۇق كۈنىڭىز، قىزىم.

ئۇچۇپ ئۆتتى ئون سەككىز باھار،

ھايات نېمە بىلدىڭىز، قىزىم.

تولغان ھەر يىل سانسىز سىناققا،

ھەر سىناقتا ئۇتىسىز، قىزىم.

تىرىشقانغا ھەر زامان ھايات،

قۇچاق ئاچار، ئۇقىسىز، قىزىم.

ئالدىڭىزدا قانچە داۋان بار،

بىر-بىر ھالقىپ ئۆتىسىز، قىزىم.

يېنىڭىزدا بىز بار ياكى يوق،

ھامان ئۇتۇق قۇچىسىز، قىزىم.

بەختىڭىزنى تىلەيمىز ھەر چاغ،

بەختلىك بوپ كۈلىسىز، قىزىم.

سىزدىن تىلەك-ئارزۇيىمىز كۆپ،

ئۆيىمىزنىڭ گۈلى سىز، قىزىم.

    2011.09.08

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى

 кирил йезиқида         Latin yeziqida         Ereb yeziqida

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى