تاغ بېشىدا تۇنجى قار
نىجات سوپى
ئاپئاق نېپىز داكىدەك،
تاغ بېسىدا تۇنجى قار.
كۈز كېتىپتۇ چىرايلىق،
زېمىن ئەمدى قىشقا يار.
تاغ يۈزىدىن تۇمانلار،
يىراقلارغا تارايدۇ.
ئارقىسىدىن تاغلارىڭ،
قىش ئەلچىسى مارايدۇ.
ھەر پەسىلنىڭ پەيزى بار،
قىشنىڭ يەنە ئۆزگىچە.
بەرسۇن ئاللاھ ئامانلىق،
كېلەر باھار، يازغىچە.
2013-يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، تېكەس.
بەك تېتىملىق چىقىپتۇ، تىلى ئاددىي ئەمما شۇنداق يېقىشلىق. بۇ ياقلارغا قاچانمۇ ياغار شۇ قار.
رەھمەت ساڭا!
سېغىندۇرۇپ ۋەتىنىمنى يۇرتۇمنى
قار ئېتىشىپ ئوينىغاننى كۈلگەننى
يېزىپتىغۇ ئۇستازىمىز بىر شىئىر
ئويلىدىم قار ئاستىغا پۈتۈلگەننى
بالىلىقتا كۈلكىگە چۆمۈلگەننى
قار دىمەك ئاپئاق دىمەك تىلەك دىمەك
سىزگە كەتتى بىر يۈرەكتىن ئاپئاق تىلەك
تىلەكىمگە يار بولۇر ئىنشائاللاھ
دەرت بەرمىسۇن ھارمىسۇن سىزدە بىلەك
ئۆيىڭىزدىن كەتمىسۇن ھەر كۈن مەلەك
رەھمەت ساڭا، دېگىنىڭدەك بولسۇن! سەنمۇ شائىر بولۇپ كېتىپسەن، مۇبارەك بولۇسۇن!
سىزدىن ئىلھام ئېلىپ شۇ مۇئەللىم. دىۋاننىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ ئالغان ئىدىم، ئاچىلمايۋاتىدۇ، نىمە سەۋەپتىندۇر ئەجەبا…