دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›تىكى شېئىرىي پارچىلاردا قوللىنىلغان ئوىشىتىشلار ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» ناملىق بۇ ماقالام «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2009-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدا مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە مىسال ئورنىدا ئېلىنغان شېئىرىي پارچىلاردا قوللىنىلغان ئوخشىتىشلارنىڭ تۈرلىرى ۋە بۇ ئوخشىتىشلاردا ئىپادىلەنگەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالاقىدار مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرى بېرىلگەن. بۇ ماقالا ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى نۇقتىسىدىن مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

بۇ ئەسەر بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەسلى ئەرەبچە نۇسخىدۇر. بۇ نۇسخا ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇل شەھرىدىكى مىللەت كۇتۇبخانىسىدا ساقلانماقتا.
«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»

بۇ ئەسەر 10-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» (突厥语大辞典) ناملىق ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، بۇ نۇسخا ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 2002-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
突厥语大辞典-3         突厥语大辞典-2      突厥语大辞典-1

ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىقاتى قېرىنداش تۈركىي تىللارنىڭ تەتقىقاتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ سەھىپىمىزدە بۇندىن كېيىن قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار، ئەزەربەيجان، تۈركمەن، تۈرك قاتارلىق بىر قىسىم تۈركىي تىللاردا يېزىلغان تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم مۇھىم ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىىسم بارلىق تۈركىي تىللارغا ئورتاق ئەسەرلەر ۋە ھەر قايسى تۈركىي تىللارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىشلەنگەن ئېتىمولوگىيەسى، گرامماتىكىسىغا ۋە لېكسىكىسىغا ئائىت ئەسەرلەر بار.
تۆۋەندە ئالدى بىلەن بىر نەچچە پارچە قازاق تىلىدا يېزىلغان تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
بۇ ئۇلۇغ ئەسەر «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ قازاقچە تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، فىلولوگىيە پەنلىرى كاندىداتى ئاسقار نۇرماش ئوغلى ئەگەۋباي تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، «تۈرك سۆزلۈكى» نامىدا ئالماتى شەھەر خانت نەشرىياتى تەرىپىدىن 1997-يىلى نەشر قىلىنغان.
«دىۋانى لۇغەتىت تۈرك-1» (قازاقچە)  
«دىۋانى لۇغەتىت تۈرك-2» (قازاقچە)
 «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك-3» (قازاقچە)

«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»دىكى دۇنيا خەرىتىسىىنىڭ موڭغۇلچە لايىھىسى

ئىلى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيە بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە خزمەت قىلىدىغان موڭغۇل يىگىت تۆربات ھەم موڭغۇل تىلى، ھەم ئۇيغۇر تىلى، ھەم خەنزۇ تىلى بىلىشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسەرنىڭ بىر قانچە تىلدىكى نۇسخىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، بۇ ئەسەردە ئۇچرايدىغان ھازىرقى زامان موڭغۇل تىلىدا تەڭ قوللىنىلىۋاتقان بىر قىسىم سۆزلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى بىر مەزگىللىك ماتېرىيال توپلاش ۋە ئىزدىنىشلەردىن كېيىن يەنە بۇ شاھانە ئەسەرنى موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە تۇتۇش قىلغان. بۇلتۇر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى كۆردى ۋە ياخشى باھالارنى بەردى، ئۇنى بۇندىن كېيىن يەنىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، بۇ خىزمەتنى غەلىبىلىك تاماملاشقا رىغبەتلەندۈردى. دىۋاندىكى خەرىتىنىڭ موڭغۇلچە نۇسخىسىتۆۋەندە بىز تۆرباتنىڭ ئىلگىرى «خەلق تورى»نىڭ موڭغۇلچە نۇسخىسىدا ئېلان قىلغان «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»دىكى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ موڭغۇلچە تەرجىمە قىلىنغان لايىھىسى ۋە خەرىتىدىكى ئالاقىدار يەر ناملىرى ھەققىدىكى ئىزاھاتىنى تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇق. بىز تۆرباتنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»دىكى شېئىرىي پارچىلاردا قوللىنىلغان ئوخشىتىشلار ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

بۇ ماقالا 2008-يىلى بېيجىڭدا ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان. ماقالىدا «دىۋان»دا مىسال ئورنىدا ئىشلىتىلگەن قوشاقلاردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى- ئوخشىتىشنىڭ كونكرېت قوللىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.

«دىۋان» دىكى شېئىرىي پارچىلاردا ئوخشىتىش

بۇ ئەسەر 10-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق تىلشۇناسىمىز مەھمۇد كاشىغەرىي تۈزگەن «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسەرنىڭ 1981-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدۇر.
«تۈركىي تىللار دىۋانى-1»
«تۈركىي تىللار دىۋانى-2»
«تۈركىي تىللار دىۋانى-3»

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى