ئالتايشۇناسلىق



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«موڭغۇل تىلى سېلىشتۇرما گرامماتىكىسى» ناملىق بۇ كىتاب سابىق سوۋېت ئتىتىپاقى تىلشۇناسى گ. د. سانژېئېۋنىڭ ئەسىرىنىڭ 1959-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، بۇ كىتاب موڭغۇل تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈنلا پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئەسەرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا بېرىلگەن موڭغۇل تىلى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىياتى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
«موڭغۇل تىلى سېلىشتۇرما گرامماتىكىسى»

«موڭغۇلچە لۇغەت- مۇقەددىمەتۇل ئەدەب» ناملىق بۇ ئەسەر رۇسچە بولۇپ، 1938-يىلى رۇس تىلىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان.  ئاپتورى ئاتاقلىق شەرقشۇناس، ئالىم پوپپى. بۇ ئەسەر چاغاتاي تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما لۇغەت بولۇپ، پوپپى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان نۇسخىسىدۇر. بۇ ئەسەر ئالتايشۇناسلىق ۋە تۈركولوگىيە نۇقتىسىدىن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
«موڭغۇلچە لۇغەت- مۇقەددىمەتۇل ئەدەب»

موڭغۇل تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى موڭغۇل تىللىرى تۈركۈمىدىكى مۇھىم بىر تىل بولۇپ، تۈركىي تىللار جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلۈك، فونېتىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە بەلگىلىك تارىخىي مۇناسىۋىتى بار. «موڭغۇل تىلىنىڭ گرامماتىكىسى» (蒙古语语法) ناملىق بۇ كىتاب ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور چىڭگېرتاي (清格尔泰) تەرىپىدىن 1991-يىلى تۈزۈلگەن. خەنزۇ تىلى ئاساسىدا موڭغۇل تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە تۈركىي تىللار بىلەن موڭغۇل تىلىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.
«موڭغۇل تىلىنىڭ گرامماتىكىسى»

«ئالتاي تىلشۇناسلىقىغا مۇقەددىمە» (阿尔泰语言学导论) ناملىق  ئەسىرى فىنلاندىيەلىك ئالتايشۇناس رامستېدت ( G. J. Ramstedt)نىڭ ئالتايشۇناسلىق نەزەرىيىسى ھەققىدىكى مۇھىم بىر پارچە ئەسىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا نەشر قىلىنغان.  1-قىسمى فونېتىكا، 2-قىسمى مورفولوگىيەگە بېشىشلانغان. بۇ يەردە بېرىلگىنى 2-قىسىم مورفولوگىيەنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئىچكى موڭغۇل ئۇنۋېرسىتېتىدىكى خدىملار تەرىپىدىن 1981-يىلى تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە نۇسخىسىدۇر.
ئالتاي تىلشۇناسلىقىغا مۇقەددىمە- مورفولوگىيە

«ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا ئالتاي تىللىرىنىڭ ھاسىلانما سىنتاكسىس تەتقىقاتى» (维吾尔语及其他阿尔泰语言的生成句法研究) ناملىق بۇ خەنزۇچە ئەسەر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور لېتىپ توختىنىڭ ئىلمىي ئەسىرى بولۇپ، 2001-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.  ئەسەر ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق تىلشۇناس چومىسكىينىڭ ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىق نەزەرىيەسى بولغان ئايلاندۇرما-ھاسىلانما گرامماتىكىسىنىڭ نەزەرىيەسى ئاستىدا يېزىلغان بولۇپ، ئىلىمىزدە ئالتاي تىللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاسىلانما سىنتاكسىسى ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
«ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا ئالتاي تىللىرىنىڭ ھاسىلانما سىنتاكسىس تەتقىقاتى»

بۇ Ethymological Dictionary of the Altaic Languages (ئالتاي تىللىرنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى) ناملىق كىتابى بولۇپ، سېرگېي ستاروستىن (Sergei Starostin)، ئاننا دىبو (Anna Dybo)، ئولېگ مۇدراك (Oleg Mudrak) قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 2003-يىلى برىل (Brill) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. مەزكۇر كىتاب ئالتاي تىللىرى، يەنى تۈركىي تىللار، موڭغۇل تىللىرى ۋە مانجۇ-تونگۇس تىللىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلاشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
Ethymological Dictionary of the Altaic Languages-1
Ethymological Dictionary of the Altaic Languages-2
Ethymological Dictionary of the Altaic Languages-3

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى