دەرسلىك



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ كىتابىم 2008-يىلى 12-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ قوللىنىلىدىغان ئستىلىستىكىلىق ۋاستە ئوخشىتىش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مەخسۇس تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. كىتابنىڭ ئەسلى ئاساسى 2004-يىلى يېزىلغان ماگىستېر ئاسپىرانلىق ئىلمىي ماقالام بولۇپ، شۇ ئاساتا تۈزىتىپ، تولۇقلاش بىلەن بارلىققا كەلگەن. بۇ كىتاب ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ كىتاب بۇيىل 3-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 6-نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات»

«ئۇيغۇر تىلىدىن ئاساس دەرسلىكى» (维吾尔语基础教程) ناملىق بۇ ئەسەر ئارزۇگۈل ئابلىمىت تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، مەركىزىي مىللەت ئۇنىۋېرسىتېتى  نەشرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى 4-ئايدا نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر خەنزۇ تىلى ئاساسىدا ئۇيغۇ رتىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكى قىلىشقا بولىدۇ.
«ئۇيغۇر تىلىدىن ئاساس دەرسلىكى»

«ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» ناملىق بۇ ئەسەر (维吾尔语语法) ناملىق بۇ ئەسەر يى كۈنشىئۇ (易坤琇)، گاۋ شىجې (高士杰) قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1998-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابىدۇر.
«ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى»

ئاتاقلىق تىلشۇناسىمىز مىرسۇلتان ئوسمانوۋنىڭ شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى» ناملىق بۇ كىتابى ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈش، تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ خۇلاسىسى بولۇپ، ئەسەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق، سېستىمىلىق كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئەسەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى

ئېلىپبە

«ئېلىپبە» ناملىق بۇ كىتاب ئۇيغۇرچە باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدا ساۋاد چىقىرىش دەرسلىك كىتابى بولۇپ، ماھىبەدەر مەھمۇد، ئايشەم پەيزۇللا قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2003-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان.
ئېلىپبە

بۇ كىتاب مۇھەممەد ئابدۇللا ئابدۇقادىر، بۈۋىنۇر بەكرى قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئېگلىز تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۇيغۇر ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇپ تۈزۈلگەن كىتابتۇر.
«ئېنگلىز تىلى گرامماتىكىسى»

بۇ ئەسەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلىمىت ئەھەت بۆگۈنىڭ «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2002-يىلى نەشر قىلىنغان.

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى