خەۋەرلەر



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستانبۇل شەھرىدىكى مىللەت كۈتۈپخانىسىدا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى تېپىپ قايتا يورۇقلۇققا چىقارغۇچى ئالى ئەمىرى ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. شاھانە ئەسەر «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» يېقىنقى زامانغا كەلگەندە يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ، 1914-يىلى دەل بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئالى ئەمىر ئەپەندى بۇ كىتابنى ئىستانبۇلدىكى كونا كىتابلارنى ساتىدىغان كىتابپۇرۇشتىن 30 لىراغا سېتىۋېلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ دۇنيادا قايتا نامايەن بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئالى ئەمىرى ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ 16 مىڭ پارچە قىممەتلىك قوليازما ۋە يىغقان كىتابلىرىنى تەقدىم قىلىپ، ھازىرقى مىللەت كۈتۈپخانىسىنىڭ بەرپا بولۇشىغا ئاساس سالغان ئىدى. ئۇ 1924-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان. شۇڭا، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە مىللەت كۈتۈپخانىسىدا ئالى ئەمىرى ئەپەندى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەن 2010-يىلى مۇشۇ كۈندىكى سۆھبەتكە قاتناشقان ئىدىم. بۈگۈن تۈركىيە تىل قۇرۇمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور، دوكتور مۇستافا كاچالىن ۋە پروفېسسور، دوكتور مەھمەد ئۆلمەز قاتارلىقلار ئاۋۋال فاتىھ جامەسىنىڭ مازارلىقىغا بېرىپ ئالى ئەمىر ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى، ئاندىن مىللەت كۈتۈپخانىسىگە كېلىپ سۆھبەتكە قاتناشتى. تۆۋەندە بۈگۈنكى ۋە 2010-يىلىدىكى سۆھبەتلەرگە ئائىت بەزى سۈرەتلەردە بەردۇق. 1- سۈرەت: بۈگۈن سۆھبەت ئەھلى ئالىي ئەمىرى ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى. 2-سۈرەت: 2009-يىلى مەن تارتقان دىۋاننىڭ مىللەت كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىردىن-بىر كونا نۇسخىسىنىڭ سۈرىتى. 3-سۈرەت: 2010-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مەن ئالى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۈرك تىل قۇرۇمىنىڭ باشلىقى مۇستافا كاچالىن ئەپەندى بىلەن بىللە.

«19-ئەسىردە خاتىرىلەنگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرى» ناملىق كىتاب بۈگۈن رەسمىي ھالدا تارقىتىلىشقا باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ئىزچىلار كىتابخانىسى، خەزىنە كىتابخانىسى، بۇلاق كىتابخانىسى، ئىنتىلىش كىتابخانىسى، يادىكار كىتابخانىسى، ھىدايەت كىتابخانىسى، ئەلكۈن كىتابخانىسى، دانىش كىتابخانىسى قاتارلىق كىتابخانىلارغا سېلىنىپ، سېتىلىشقا باشلىدى. غۇلجا شەھرىدە ئەلچۈن كىتابخانىسىغا سېلىندى. سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بۇ كىتابخانىلار بىلەن ياكى مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1- رەسىم كىتابنىڭ مۇقاۋىسى: غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا مەدرىس مەسجىدىنىڭ 1893-يىلى سىزىلغان رەسىمى ۋە ئىلى ناخشىلىرىنىڭ ئەينى دەۋردە خاتىرىلەنگەن نوتىسىدىن پارچە. 2- رەسىم كىتابنىڭ ئارقا مۇقاۋىسى: 19-ئەسرىنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق ناخشىچى ئېلاخۇن كۆككۆزنىڭ سۈرىتى ۋە ئىلى ناخشىلىرىدىن پارچە.

1890-يىلى رۇس ئالىمى ن. ن. پانتۇسوف تەرىپىدىن سانكتپېتېبۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى ناخشىلىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ مەن تەييارلىغان فاكسىمىلى، ئوقۇلۇشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسى ۋە كىچىك لۇغەت، كىرىش سۆز قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىپ تاپقان يېڭى نەشرى بولغان «19-ئەسىردە خاتىرىلەنگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرى» ناملىق كىتاب شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 2013-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىندى، ھازىر زاۋۇتتا بېسىلىۋاتىدۇ. 7-ئاي ئىچىدە تارقىتىلىدۇ. كىتابنىڭ پارچە باھاسى 45 يۈەن. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا مەزكۇر كىتابتىكى مۇزىكا نوتىلىرىدىن پارچە ۋە غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا مەدرىس مەسجىدىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى كۆرۈنۈشى بېرىلدى. ئارتقا مۇقاۋىسىغا 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا داڭ چىقارغان ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاتاقلىق ئىجادچى ۋە ئىجراچىلىرىدىن بىرى ئېلاخۇن كۆككۆزنىڭ سۈرىتى بېرىلدى. كىتاب بېسىلىپ چىققاندىن كېيىن توپ ۋە پارچە سېتىلىدۇ. سېتىۋالغۇچىلار مەن بىلەن ياكى غۇلجا شەھرىدە مەدرىس يېنىدىكى «ئەلچۈن» كىتابخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

2010-يىلى 9-ئايدا باشلانغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى پوستدوكتورلار تەتقىقات كۆچمە نۇقتىسىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسى تىل مەدەنىيەتى تەتقىقاتى» نامىدىكى پوستدوكتورلۇق تەتقىقات خىزمىتىم يېقىندا نەتىجىلىك ئاياقلاشتى. مەزكۇر تەتقىقات تېمىسىنىڭ نەتىجىسى بولغان تەتقىقات دوكلادى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا نەق مەيداندا دېسسىرتاتسىيە ياقلاش شەكلى ئارقىلىق مۇتەخەسسىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، تولۇق بېلەت بىلەن لاياقەتلىك باھالاندى. شۇنىڭ بىلەن تەتقىقات نۇقتىسىدىن نەتىجىلىك ھالدا چىقتىم.
بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا مەزكۇر تېمىغا ئائىت ئالتە پارچە ماقالا ئېلان قىلدىم. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پارچىسى يادرولۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم ۋە ماقالا ئوقۇدۇم.
مەزكۇر تەتقىقات دوكلادىنىڭ ھەجمى خەنزۇچە خەت ھېسابىدا يۈز مىڭ خەتكە يېقىن بولۇپ، مۇقەددىمە ۋە خۇلاسە قىسمىدىن باشقا ئاساسىي گەۋدە قىسمى يەتتە بابقا بۆلۈندى. يەنى ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسىنىڭ قەدىمكى تىل ئامىللىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالى، دىئالېكت سۆز بايلىقى، كەسپىي ئاتالغۇلار، باشقا قېرىنداش تۈركىي تىللار، باشقا دىئالېكتلار ۋە يات تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تىلى، تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى، يەر ناملىرى قاتارلىقلار ۋە ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت ئامىللىرى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم بىر قەدەر تەپسىلىي تەتقىق قىلىندى.

ئۈرۈمچى بوزتاغ ئەدەبىي تەرجىمە چەكلىك شىركىتى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا تاشقىي سودا سارىيى 2-قەۋەت زىياپەت زالىدا مەزكۇر شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دىلمۇرات رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن مەزكۇر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى زاكىرجان ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ خاراكتېرى ۋە نىشانى ئۈستىدە توختالدى. پائالىيەتتە يەنە ئاتاقلىق تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئاكىنىڭ ئۇيغۇر تەرجىمە ساھەسىدە قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن تون كىيگۈزۈلدى. توختى باقى ئاكا سۆز قىلىپ نۆۋەتتە تەرجىمە خىزمىتىمىزدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىللىكلەر ئۈستىدە توختالدى. يىغىندا يەنە ئىمىن ئەھمىدى قاتارلىق بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى، ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلار، شىركەت قۇرغۇچىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆز قىلدى ۋە زاكىرجان ئەپەندىگە گۈل تەقدىم قىلدى. بۇ شىركەت يەنە مۆتىۋەر كىيىم-كېچەك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ «مۆتىۋەر ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ، ئالدىنقى ئايدا ئۈچ كىشىگە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇكاپاتنى تارقاتقان.
بۇ شىركەت بۇ يىل 4-ئايدادا تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، شىركەتنىڭ تەرجىمانلىرى ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، دۆلەت مەمۇرلىرى، ھەر قايسى ساھەلەردە ەئدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا كەسپىي خادىملاردىن تەركىب تاپقان. بۇ شىركەت خەنزۇ، ئېنگلىز، رۇس، ياپون، نېمىس، ئوردو، تۈرك، ئەرەب تىللىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە باشقا ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا، ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش مەقسىدىدە قۇرۇلغان. نەشرىياتلار بىلەن تەرجىمانلار، ئاپتورلار بىلەن تەرجىمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان شىركەت، بولۇپ تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىنى تېزراق نەشر قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
تۆۋەندە قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىكى پائالىيەتلەرگە دائىر بىر قىسىم سۈرەتلەر بېرىلدى. 1. يىغىن سەھنىسى. 2. رىياسەتچى سۆز قىلماقتا. 3. شىركەت مەسئۇلى سۆز قىلماقتا. 4. توختى باقى ئاكىغا تون كىيگۈزۈلدى. 5. ئىمىن ئەھمىدى ئاكا سۆز قىلماقتا. 6. مۆتىۋەر شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سۆز قىلماقتا. 7. مۆتىۋەر ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلانى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكترون تېخنىكىسى شىركىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى» 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەنتەنىلىك ھالدا ئېچىلدى. 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى كۇتۇپخانىسى 2-قەۋەت يىغىن زالىدا ئېچىلغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىم، مۇتەخەسسىس، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، مۇئەللىم ئېلېكترون شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى، بىر قىسىم خادىملىرى ۋە مۇخبىرلار بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئالدى بىلەن يېقىنقى يېرىم ئەسىرلىك ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىدا تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغان 11 نەپەر تىلشۇناس مۇئەللىم شىركىتى تەرىپىدىن 5000 سومدىن نەق پۇل ۋە بىر دانىدىن 1300 سوم قىممىتىدىكى مۇئەللىم ئېلېكترون لۇغىتى بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇ تۆھپىكار تىلشۇناسلىرىمىز: مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئامىنە غاپپار، نەسرۇللا يولبولدى، چېن زوڭجېن، راززاق مەتنىياز، مۇھەممەد رېھىم سايىت، لېتىپ توختى، ئابدۇرەئۇپ پولات، مۇھەببەت قاسىم، جاۋ مىڭمىڭ، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاندىن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ماقالا ئوقۇدى.
16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى بىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزى 4-قەۋەت يىغىن زالىدا ماقالا ئوقۇش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ كۈنكى يىغىندا 80 ئەتراپىدا ئالىم، مۇتەخەسسىس، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى قاتناشتى. يىغىندا 20 نەچچە پارچە ماقالا ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يىغىن باشتىن-ئاخىر ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان تۆھپىكارلارنىڭ ئەمگىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى ئىشتۇر.
يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈشلەر: 1. يىغىن سەھنىسى. 2- مۇكاپاتلاش پائالىيىتى. 3. 4. گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى. 5. مۇئەللىم شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سۆز قىلماقتا. 6. مەنمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشتىم ۋە ماقالا ئوقۇدۇم.

«تەپسىلىي خەۋەر ۋە تەسۋىرىي خەۋەر» ناملىق بۇ قىسقا ماقالام «شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلار ئىشى» ناملىق ئىچكى ژۇرنالنىڭ 1993-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئاخباراتنىڭ تۈرلىرىدىن بىرى بولغان خەۋەرنىڭ تەپسىلىي خەۋەر ۋە تەسۋىرىي خەۋەردىن ئىبارەت ئىككى شەكلىنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان ئوخشاشلىق ۋە پەرقلىق نۇقتىسى كۆرسىتىلىپ، بۇ ئىككى تۈرنى ائرىلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلىدۇ. ھەر ئىككى تۈرنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى شەرھىلىنىدۇ. بۇ مقالا ئاخبارات يېزىقچىلىقى ساھەسىدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار قايتا نەشرگە تەييارلاۋاتقان چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» (ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قىسمى) نىڭ خىزمەتلىرى ئاخىرقى بېكىتىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەتقىقات مەركىزى «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت تەتقىقات گۇرۇپپىسى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ، قارلۇق شېركىتى يىغىن زالىدا ئاخىرقى تۈزىتىش باسقۇچىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر نەچچە مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەتكە تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى دىلمۇرات مۇسا، تەتقىقاتچىلاردىن پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا، مۇھەممەت ئېلى، ئالىم خەسەنى، نيۇشىياۋلى، توڭجيا چىڭفۇ، مەن ۋە مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار بولۇپ 10 نەچچە كىشى قاتناشتى. مۇتەخەسسىسلەر ئاخىرقى نۇسخىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاخىرىدا ئورتاق تونۇشقا كەلدى. مۇتەخەسسىسلەر تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئەسەرنى يەنىمۇ تۈزىتىپ تولۇقلاش ھەققدىكى پىكىرلىرىنى بەردى. ئاخىرىدا قارلۇق شېركىتى بۇ شېركەتنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەردى، تەتقىقاتچى خادىملار قارلۇق شېركىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
تۆۋەندە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەرنى بەردۇق. 1. يىغىن تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالى. 2. تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى تاھىر ئەپەندى تەتقىقات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. 3. يىغىن ئەھلى. 4. قارلۇق شېركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى. 5. ئېكىسكۇرسىيە قىلىش جەريانى.




2013-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە 2012-2013-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈم «غۇنچىلار» لوڭقىسىنى تالىشىش ئانا تىلدا كلاسسىك شېئىرلارنى دىكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتۈزۈلدى. مۇسابىقىدا 4-، 5- ، 6-يىللىقلاردىن بولۇپ 20 نەچچە ماھىر قاتناشتى. ماھىرلار مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرى، يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرى، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان شېئىرىي پارچىلارنى ۋە ئەلىشىر نەۋايى، خاراباتى قاتارلىق كلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلدى. بەزى ساۋاقداشلار يەنە بۇ كلاسسىكلارغا ئاتالغان مەدھىيە شېئىرلىرىنى ئوقۇدى. كلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرى مەزمۇن قىلىنغان كىچىك تام گېزىت لايىھەلىرىنى سۇندى. مۇسابىقە ئارىلىقىدا يەنە ئوقۇغۇچىلار ئورۇندىغان سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. ئاخىرىدا ماھىرلارنىڭ نەتىجىسى ئىككى دەرىجە بويىچە ئايرىم-ئايرىم مۇكاپاتلاندى. پائالىيەتكە مەكتەپ مۇدىرى جېلىل غوپۇر، ئىلمىي مۇدىر ھەمراگۈل، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، يۇقىرى يىللىقلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، 130 دىن كۆپ كىشى قاتناشتى. يىغىنغا مەن تەكلىپ بىلەن باھالىغۇچى بولۇپ قاتناشتىم ۋە ئاخىرىدا پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە خۇلاسە قىلدىم. پائالىيەت ئاخىرىدا يەنە مەكتەپ مۇدىرى جېلىل غوپۇر ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپا ۋەكىلى سۆز قىلدى.
پائالىيەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلنى سۆيۈش، ئانا تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز ئەجدادلىرىنى تونۇش، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قېتىملىق ياخشى دەرس بولدى.
پائالىيەتنىڭ جەريانى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىدى.
تۆۋەندە پائالىيەت جەريانىغا ئائىت بىر نەچچە پارچە سۈرەت بېرىلدى. 1-سۈرەت: دىكلاماتسىيە. 2-سۈرەت: پائالىيەت مەيدانى. 3-سۈرەت: كىچىك ئۇسسۇلچىلار. 4-سۈرەت: مەكتەپ مۇدىرى سۆز قىلماقتا. 5-سۈرەت: ئوقۇغۇچىلار لايىھىلىگەن كىچىك تام گېزىتىدىن بىر دانىسى.

«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىم 2008- يىلى 12-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى ساھەسىدە مەلۇم بىر ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرئوخشىتىش نەزەرىيىسى، ئوخشىتىشنى قوللىنىش ئەمەلىيىتى ۋە جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ ئوخشىتىش تەتقىقات ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەسەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى 2004-يىلى يېزىلغان ماگىستېر ئاسپىرانتلىق ئىلمىي ئۇنۋان ماقالام بولۇپ، شۇ ئاساستا داۋاملىق كېڭەيتىپ ئىشلەنگەن ئىدى.
يېقىندا بۇ ئەسەر دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى باھالاش (ئادەمىيات، ئىجتىمائىي پەنلەر  تۈرى بويىچە) پائالىيىتىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ قېتىم 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر باھالانغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇكاپاتلانغان ئەسەر جەمئىي 830 پارچە، بۇنىڭ ئىچىدە ماقالىلارمۇ، مەخسۇس ئەسەرلەرمۇ بار. 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر 45 پارچە، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر 250 پارچە، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر 518 پارچە، نەتىجە ئومۇملاشتۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر 17 پارچە. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇرچە ئەسەردىن بىر پارچە (مۇشۇ ئەسەر)، قازاقچە ئەسەردىن بىر پارچە بار.

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى