«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسەر مۇكاپاتلاندى

«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىم 2008- يىلى 12-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى ساھەسىدە مەلۇم بىر ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرئوخشىتىش نەزەرىيىسى، ئوخشىتىشنى قوللىنىش ئەمەلىيىتى ۋە جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ ئوخشىتىش تەتقىقات ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەسەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى 2004-يىلى يېزىلغان ماگىستېر ئاسپىرانتلىق ئىلمىي ئۇنۋان ماقالام بولۇپ، شۇ ئاساستا داۋاملىق كېڭەيتىپ ئىشلەنگەن ئىدى.
يېقىندا بۇ ئەسەر دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى باھالاش (ئادەمىيات، ئىجتىمائىي پەنلەر  تۈرى بويىچە) پائالىيىتىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ قېتىم 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر باھالانغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇكاپاتلانغان ئەسەر جەمئىي 830 پارچە، بۇنىڭ ئىچىدە ماقالىلارمۇ، مەخسۇس ئەسەرلەرمۇ بار. 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر 45 پارچە، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر 250 پارچە، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر 518 پارچە، نەتىجە ئومۇملاشتۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر 17 پارچە. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇرچە ئەسەردىن بىر پارچە (مۇشۇ ئەسەر)، قازاقچە ئەسەردىن بىر پارچە بار.

بۇ يازمىدا 2 ئىنكاس بار

  1. مۇبارەك بولسۇن، ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

««ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسەر مۇكاپاتلاندى»گە ئىنكاس يېزىڭ

=0+7

......................... ئالتۇن يارۇقتىكى مەزمۇنلارنىڭ تۈرلىرى