ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى ئاتاقلىق يازغۇچى، دراماتورگ زۇنۇن قادىرىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا يېزىلغان، شۇندىن تارتىپ نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا قايتا-قايتا ئوينىلىپ كېلىۋاتقان «غۇنچەم» درامىسى بۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، دراما ئۆمىكى تەرىپىدىن قايتا تەييارلىنىپ، يېقىندا رايونىمىزدىكى سەھنىلەردە قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. 3-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا بۇ درامىنىڭ قايتا قويۇلۇشى ھەققىدە «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. سۆھبەتكە ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، دراما ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مەدىنە ئابدۇرۇسۇل، ئاتاقلىق تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەخمىدى ۋە درامىنىڭ رىژىسسورى ئاپتونوم رايونلۇق تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماخمۇت ھامۇت قاتارلىقلار قاتناشتى. بۇ دراما 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىن غۇلجا شەھرىدە ئوينىلىدۇ، ئاندىن 5-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا داۋاملىق ئوينىلىدۇ.
تۆۋەندە بۇ سۆھبەت ۋە درامىغا ئائىت بىر قانچە سۈرەتنى تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. 1-سۈرەت: سۆھبەت سەھنىسى. 2-سۈرەت: بۇ درامىنىڭ سىنارىيىسى ئەڭ دەسلەپ بېسىلغان «ئىتتىپاق» ژۇرنىلىنىڭ 1949-يىلىدىكى سانى.
رەسىملەر
تىنلىقلار ھەققىدە كۆرگەنلىرىڭنى، ئاڭلىغانلىرىڭنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىن (- «ئالتۇن يارۇق»تىن)
«غۇنچەم» درامىسى سەھنىدە
29
03
13'
ئېلاخۇن كۆككۆز
22
03
13'
كونا غۇلجا رەسىملىرى
21
03
13'
غۇلجا شەھىرىدىكى چوڭ مەسجىد (1882-يىل)
21
03
13'
بۇ رەسىم ئەنگىلىيەلىك سەيياھ ھېنرى لەنسدەل (Henry Lansdell, 1841-1919) نىڭ 1885-يىلى نەشر قىلىنغان «رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسى: غۇلجا، بۇخارا، خىۋە ۋە مەرۋ قاتارلىقلار» (Russian Central Asia: Including Kuldja, Bokhara, Khiva and Merv) ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رەسىمنىڭ ئاستىغا «تارانچىلارنىڭ غۇلجىدىكى چوڭ مەسجىدى» (The chief Taranchi mosque in Kuldja) دەپ يېزىلغان، بۇ رەسىم كىتاب ئاپتورى 1882-يىلى كۈزدە ئىلىغا زىيارەتكە كەلگەندە سىزىلغان. ئۇ ھازىرقى بەيتۇللا مەدرىس مەسجىدىنىڭ بۇرۇنقى كۆرۈنۈشىدۇر.