ئەرەب يېزىقىدا


تىنلىقلار ھەققىدە كۆرگەنلىرىڭنى، ئاڭلىغانلىرىڭنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىن (- «ئالتۇن يارۇق»تىن)


تونۇلغان تىل-يېزىق مائارىپچىسى، تۆھپىكار تىلشۇناس مۇھەببەت قاسىم خانىم 1947-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1965-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1972-يىلىغىچە شۇ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئىشلىگەن، ھەمدە خەنزۇچە «شىنخۇا لۇغىتى»نى ئىشلەش خىزمىتىگە قاتناشقان. مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. 1972-يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە ماگىستېر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. 1981-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلغان. ئەسەرلىرىدىن يولدىشى مەرھۇم تىلشۇناس خالىق نىياز بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن «دەسلەپكى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى»، «تىلشۇناسلىق ئاساسلىرى» «فونېتىكا ۋە تىل تەكشۈرۈش»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن كونسۇلتاتسىيە»، «تىلشۇناسلىقتىن ئومۇمىي بايان» ۋە «ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى ھەققىدە تەتقىقات» )باشقىلار بىلەن بىرلىكتە» قاتارلىقلار بار. ئۇ تىلشۇناسلىق ھەققىدە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلارنى يازغان. نۇرغۇن تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلىگەن.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

تىل-يېزىقىمىزنىڭ ئىجتىھاتلىق ئىخلاسمەنى، تونۇلغان لۇغەتچى ئابلىز ئەمەت ئەپەندى 1938-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. 1955-يىلىدىن تارتىپ گۇچۇڭ ناھىيىسىدە خىزمەت قىلغان. 1984-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ 1999-يىلىغىچە شۇ يەردە ئىشلىگەن. 80-يىللاردا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»نى ئشىلەشكە قاتناشقان. 90-يىللاردا «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە پەن-تېخنىكا لۇغىتى»نى ئىشلەشكە قاتناشقان. «مىلادىيە، ھىجىرىيە، جۇڭگو سۇلالىلىرى يىلنامىسى كالىندارى»، «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىل-ئەدەبىيات ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىل-ئەدەبىيات ئىزاھلىق لۇغىتى»، «يىلنامە لۇغىتى»، «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۇراقلىق ئىبارىلەر ئىزاھلىق لۇغىتى (ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە)»  قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان. «ئەرەب يېزىقى ۋە ئەبجەد» قاتارلىق بىر قاتار ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئاتاقلىق تارىخ ئەسەرلىرى تەرجىمانى، تارىخشۇناس، ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر ئابلەت نۇردۇن ئەپەندى 1951-يىلى توقسۇ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ 1998-يىلىغىچە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن. 1998-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ئوقۇش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسىغا يۆتكەلگەن. «تۈركلەرنىڭ دەسلەپكى دەۋردىكى تارىخى توغرىسىدا ئىزدىنىش»، «ئىلى ۋادىسىدا ياشىغان ساكلارنىڭ مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالا ئېلان قىلغان. خەنزۇچە 24 تارىخنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشىدا زور تۆھپىسى بار. ئۆزى يالغۇز ۋە بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «شىنجاڭدا ئۆتكەن تارىخىي شەخسلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»، «ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «شىنجاڭنىڭ 2000 يىلى»، «قاراخانىلار تارىخىدىن قىسقىچە بايان»، «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت» قاتارلىقلار.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

تىل-يېزىق گۈلزارىمىزنىڭ ئىخلاسمەن پەرۋىشكارى، تۆھپىكار ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، پېشقەدەم شائىر ماھمۇد زەيىدى ئەپەندى 1932-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1947-يىلى تۇرپان يار يېزىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن خزمەت ھاياتىنى باشلىغان. 1952-يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ «ئىتتىپاق» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن. 1955-يىلىدىكى چوڭ تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 60-يىللاردا يېڭى يېزىق لايىھىسىگە قاتناشقان. 1960-1962-يىللىرى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ يېڭى يېزىق سانىنى چىقىرىشقا مەسئۇل بولغان. 1973-يىلىغىچە پىچان ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلىققا چۈشۈرۈلگەن. 1979-يىلىدىن تارتىپ يەنە تىل-يېزىق كومىتېتىغا قايتىپ كەلگەن.  1980-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغاندا شۇ يەرگە يۆتكىلىپ، ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ 50-يىللاردا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. 1954-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى» ۋە «ئۇيغۇر گرامماتىكىسىدىن ئومۇمىي ساۋاد» قاتارلىق ماتېرىياللارنى تۈزۈشكە قاتناشقان. «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشگە دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا“ (1956) ناملىق ماقالىلارنى يازغان. 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسىنى تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشقان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئاتاقلىق تەرجىمان، تېلېۋىزىيە فىلىملىرى تەرجىمە-تەھرىرلىكىدىكى ئىجتىھاتلىق باشلامچى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات خانىم 1951-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1970-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە ئىلى ۋىلايىتىدە قايتا تەربىيەدە بولغان. بۇ جەرياندا غۇلجا ناھىيىسىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپىدە قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1981-1984-يىللىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1984-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئەدلىيە نازارىتىدە ئىشلىگەن. 1990-يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيەسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1998-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شىنجاڭ تلېلۋىزىيە ئىستانسىسى قارمىقىدىكى تېلېزىزىيە فىلىملىرى تەرجىمە مەركىزىدە ئشىلىگەن. ئۇ 1000 قىسىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. «تەرجىمە فىلىملىرى ۋە تەرجىمە تىلى توغرىسىدا» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلارنى يازغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى، ئىجتىھاتلىق ژۇرنالىست، تىلشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئەپەندى 1950-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە قايتا تەربىيەدە بولغان. 1983-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1991-يىلىدىن تارتىپ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى» ناملىق كىتابى 1992-يىلى بېسىلغان. كېيىن يەنە «ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك»، «ئىسىم قويۇش قوللانمىسى»، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى» (1998) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە 30 پارچىدىن ئارتۇق ماقالا ئېلان قىلغان، بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپى «خەزىنىلەر ئاچقۇچى» (2006) ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. «ئەرەب تىلىدىن ئاساس» ناملىق ئۈچ قىسىملىق كىتابى، «ئەرەبچە سۆزلىشىش»، «ئەرەب تىلى ئېلىپبەسى»، «ئەرەب تىلى قائىدىلىرى»، «ئەرەب تىلىنى مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش» دېگەن كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن يەنە قەشقەردىكى «شەيخلەر»نىڭ تىلى ھەققىدە بىر قاتار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز» ناملىق بۇ ماقالا ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرىمىزدىن خەمىت تۆمۈر، مىرسۇلتان ئوسمانوفلار تەرىپىدىن يېزىلىپ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1993-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. كېيىنچە «خەمىت تۆمۈر ئىلمىي ماقالىلىرى» غا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ماقالىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى بولغان، باشقىلار تەرىپىدىن «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتالغان، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى بولغان، ئەجدادلىرىمىز يېقىنقى زاماندا قوللانغان بۇ تىلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلگەن. يەنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن چاغاتاي تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇلۇپ، چاغاتاي تىلىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى، تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئاپتورلارنىڭ ئۆزگىچە كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ماقالا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە يېزىلغان چاغاتاي تىلى تەتقىقاتى ھەققىدىكى مۇھىم ماقالىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

تۆھپىكار مۇھەررىر، شائىر، فولكلورشۇناس، ئەدەبىي تەرجىمان ئۇچقۇنجان ئۆمەر ئەپەندى 1954-يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ئارمىيە ئىچىدە قايتا تەربىيەدە بولغان، «قەشقەر گېزىتى» دە ئىشلىگەن. 1981-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن. ئۇ «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى»، «ئۇيغۇر يومۇرلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق توي-مەرىكە قوشاقلىرى»، «سەلەي چاققاننىڭ ھاياتى ۋە لەتىپىلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى قامۇسى»، «ئۇيغۇر خەلق قىزىقچىلىرىنىڭ لەتىپە-چاقچاقلىرىدىن نەمۇنىلەر» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان. «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىك داستانىدىكى بالاغەت ۋە پاساھەت» دېگەندەك 130 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. يەنە «گوركى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە يازغان خەتلىرى» قاتارلىق تەجىمە ئەسەرلىرى، «چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر» قاتارلىق تۈزگەن كىتابلىرى بار.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

ئاتاقلىق لۇغەتچى، ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر ھەم تەرجىمان ئەنۋەر جاپپار 1948-يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1963-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە جىڭ ناھىيىسىدە سىيىر فېرمىسىدا ئىشلىگەن. 1976-يىلىغىچە شۇ ناھىيىدە مال دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن. 1976-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە كۇچار ناھىيىلىك پارتكومدا ئىشلىگەن. 1981-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. ئۇ «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە شىنخۇا لۇغىتى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە دۇنيا يەر ناملىرى لۇغىتى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت»، «ئېنگلىز تىلىدىن 300 مىسال» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۆزى ئايرىم تۈزگەن لۇغەتلەردىن «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-ئېنگلىزچە بىئوخىمىيە لۇغىتى»، «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»، «ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان ئېنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»، چوڭلار ئۈچۈن «ئېلىپبە» قاتارلىقلار بار. يەنە بىر مۇنچە ئىلمىي ماقالىلىرى بار. نۇرغۇن لۇغەتلەرنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان، شىجائەتلىك ژۇرنالىست، تۆھپىكار مۇھەررىر راھمان مامۇت ئەپەندى 1945-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە مەكىت ناھىيىسىدە قايتا تەربىيەدە بولغان. 1970-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. 1982-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. 2005-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان. 1973-يىلى جۇڭگونىڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەسىرى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نى تەرجىمە قىلىش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. ئۇ يەنە «يىۋگىنى گراندې»، «رەزىل يۈرەك»، «تۇنجى مۇھەببەت»، «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن»، «كۈلپەتلىك مۇھەببەت»، «مۇھەببەت ۋە قىساس»، «تەقدىرنىڭ كۈچى»، «شەرق ئۇسسۇلچىسى»، «ئۈچ قىلىچۋاز»، «سۇنغان قانات»، «يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا»، «بىر ئايالنىڭ 24 سائەت ئىچىدىكى كەچۈرۈمىشلىرى» قاتارلىق نۇرغۇن رومان، پوۋېست، ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلغان. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «دېدەك ئىزورا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت» قاتارلىق نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. «تەرجىمىدىكى چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش» قاتارلىق 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالا ئېلان قىلغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

Page 1 of 712345...Last »

......................... ئالتۇن يارۇقتىكى مەزمۇنلارنىڭ تۈرلىرى