نادىر ئەسەرلەر



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


ئانا تىل

                    ئانا تىل

               نىجات سوپى

ئۆگەنگەنتىم ئانا تىل سېنى ئۇلۇغ ئانامدىن،
ئۆزى كەتتى، سەن قالدىڭ مىراس بولۇپ سەن ئاندىن،
سېنىڭ بىلەن ئايرىدىم ياخشىلارنى ياماندىن،
سېنىڭ بىلەن ئايرىدىم داننى يەنە ساماندىن،
ئۆچمەس چىراغ سەن، مەيلى كەلسە بوران قاياندىن.

ئۆتتى يىللار، ئەسىرلەر، سەن يەنىلا ياشنىدىڭ،
ئۇرغۇپ تۇردى ھەر زامان سېنىڭ باھار ياشلىقىڭ،
مەيلى ئەرەب، فارىسى يېتەلمىدى، تاشلىدىڭ،
موڭغۇل، مانجۇ، رۇسچىنى ئۆز يولىغا باشلىدىڭ،
ئىگەلمىدى قەددىڭنى، كەلگەن چاپقۇن ھەر ياندىن.

ئېنگىلىزچە ئاشسىمۇ قانچە قىتئە، ئوكياندىن،
ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن قالماس كېيىن ئۇلاردىن،
سېنى ئۆتمەس دېگەنلەر يىراق تۇرسۇن گۇماندىن،
تازىلىسۇن پاك-پاكىز ئىشەنچىنى تۇماندىن،
ئۈمىدىنى چىڭىتسۇن باشلاپ بۈگۈن شۇ ئاندىن.

 سەن كۈلىسەن ئەل بىلەن، ئەل يۈرىكى سەن بىلەن،
سەندىن مادار -كۈچ ئېلىپ ئىلگىرىلەيمىز پەن بىلەن،
سېنىڭدىن ۋاز كەچمەيمىز، بال بەرسىمۇ قەن بىلەن،
سېنى ھەردەم قوغدايمىز چوقۇم جانۇ تەن بىلەن،
يەتكۈزىمىز ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ كۆپ زاماندىن
                     2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى.

ئوغلۇمغا

ئوغلۇمغا

   خۇش بولدۇم ئوغۇل بوپ تۇغۇلغىنىڭدىن،

ماڭا بىر ئىزباسار قېتىلدى، دېدىم.

     «قەيسەر» دەپ ئاتىدىم ئېتىڭنى سېنىڭ،

بىر باتۇر ئەزىمەت يېتىلدى، دېدىم.

تاشلىدىڭ ئون تۆتكە سەن بۈگۈن قەدەم،

مۇبارەك تۇغۇلغان كۈنۈڭگە، ئوغلۇم.

خۇشاللىق ئۈستىگە ياغسۇن خۇشاللىق،

قېتىلسۇن يېڭى ئۈن ئۈنۈڭگە، ئوغلۇم.

بورانلار يولۇڭنى توسسىمۇ بىر كۈن،

  ياشىغىن يىگىتتەك قەددىڭنى كېرىپ.

ئېتىڭغا مۇناسىپ ئەر بولۇپ يېتىل،

ياشىغىن ھاياتقا مېھرىڭنى بېرىپ.

بۇ ئۆينىڭ بولغۇسى تۈۋرۈكى ئۆزۈڭ،

   تۈۋرۈكتەك يىقىلماس قامىتىڭ بولسۇن.

   تىرىشقىن، ياراملىق ھەم ئەخلاقلىق بول،

مەڭگۈگە تۈگىمەس ئامىتىڭ بولسۇن.

                 2014-يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، غۇلجا.

«ۋىسال دەقىقىلىرى» ناملىق بۇ ئەسەر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ يەتتە قىسىملىق رومانى «لېيىغان بۇلاق»نىڭ 7- قىسمىدۇر. 2006-يىلى 4-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«ۋىسال دەقىقىلىرى»

«يۈگەنسىز ئۆتمىگەن يىللار» ناملىق بۇ ئەسەر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ يەتتە قىسىملىق رومانى «لېيىغان بۇلاق»نىڭ 6- قىسمىدۇر. 2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«يۈگەنسىز ئۆتمىگەن يىللار»

«ئاخىرقى دوقال» ناملىق بۇ ئەسەر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ يەتتە قىسىملىق رومانى «لېيىغان بۇلاق»نىڭ 5- قىسمىدۇر. 1999-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«ئاخىرقى دوقال»

«قارچۇقتا قاتقان قان» ناملىق بۇ ئەسەر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ يەتتە قىسىملىق رومانى «لېيىغان بۇلاق»نىڭ 4- قىسمىدۇر. 1997-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«قارچۇقتا قاتقان قان»

«قارا چايشاپلىق قىز» ناملىق بۇ ئەسەر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ يەتتە قىسىملىق رومانى «لېيىغان بۇلاق»نىڭ 3- قىسمىدۇر. 1997-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«قارا چايشاپلىق قىز»

«ئۈششۈك تەككەن ياپراقلار» ناملىق بۇ ئەسەر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ يەتتە قىسىملىق رومانى «لېيىغان بۇلاق»نىڭ 2- قىسمىدۇر. 1997-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«ئۈششۈك تەككەن ياپراقلار»

ئۈچ دوست

«ئۈچ دوست» ناملىق بۇ ئەسەر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ يەتتە قىسىملىق رومانى «لېيىغان بۇلاق»نىڭ 1- قىسمىدۇر. 1997-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«ئۈچ دوست»

«ھىممەت غەنىمەت» ناملىق بۇ ئەسەر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى، شائىر، يازغۇچى مەرھۇم مۇھەممەدجان سادىق ھەققىدىكى ئەسلىمە بولۇپ، ماقالىدا مەرھۇمنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھايات يولىدىكى تۇرمۇش، ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى گەۋدىلەندۈرىلىدۇ، ھاياتىي تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. مەزكۇر ئەسلىمە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 5-سانىغا بېسىلغان، يەنە قىسقارتىلمىسى «ئىلى گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىنىڭ 4-بېتىگە «تەلەپچان ئۇستاز، ئىزىڭىز ئۆچمەيدۇ» نامىدا بېسىلغان.
”چەكسىز ھىممەتلەر ساھىبى- پىداگوك، تەتقىقاتچى، ئەدىب مۇھەممەدجان سادىق ئاكا 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت ئالتىدىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆپكە راكى كېسىلى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 78 يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى… بىر بۈيۈك ۋۇجۇد يەرگە كۆمۈلدى، بىر ئۇلۇغ ئىنسان ئارىمىزدىن كەتتى… ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمىدى، ئۇنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەشكە باشلىدىم…“
يۇقىرىقى ئەسلىمە «ئىلى گېزىتى» 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىدا  «تەلەپچان ئۇستاز ئىزىڭىز ئۆچمەيدۇ» نامىدا قىسقارتىپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇ نۇسخىمۇ تۆۋەندە بېرىلدى.
تەلەپچان ئۇشتاز ئىزىڭىز ئۆچمەيدۇ
ھىممەت غەنىمەت

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى