رەسىم



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


2013-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە 2012-2013-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈم «غۇنچىلار» لوڭقىسىنى تالىشىش ئانا تىلدا كلاسسىك شېئىرلارنى دىكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتۈزۈلدى. مۇسابىقىدا 4-، 5- ، 6-يىللىقلاردىن بولۇپ 20 نەچچە ماھىر قاتناشتى. ماھىرلار مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرى، يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرى، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان شېئىرىي پارچىلارنى ۋە ئەلىشىر نەۋايى، خاراباتى قاتارلىق كلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلدى. بەزى ساۋاقداشلار يەنە بۇ كلاسسىكلارغا ئاتالغان مەدھىيە شېئىرلىرىنى ئوقۇدى. كلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرى مەزمۇن قىلىنغان كىچىك تام گېزىت لايىھەلىرىنى سۇندى. مۇسابىقە ئارىلىقىدا يەنە ئوقۇغۇچىلار ئورۇندىغان سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. ئاخىرىدا ماھىرلارنىڭ نەتىجىسى ئىككى دەرىجە بويىچە ئايرىم-ئايرىم مۇكاپاتلاندى. پائالىيەتكە مەكتەپ مۇدىرى جېلىل غوپۇر، ئىلمىي مۇدىر ھەمراگۈل، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، يۇقىرى يىللىقلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، 130 دىن كۆپ كىشى قاتناشتى. يىغىنغا مەن تەكلىپ بىلەن باھالىغۇچى بولۇپ قاتناشتىم ۋە ئاخىرىدا پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە خۇلاسە قىلدىم. پائالىيەت ئاخىرىدا يەنە مەكتەپ مۇدىرى جېلىل غوپۇر ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپا ۋەكىلى سۆز قىلدى.
پائالىيەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلنى سۆيۈش، ئانا تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز ئەجدادلىرىنى تونۇش، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قېتىملىق ياخشى دەرس بولدى.
پائالىيەتنىڭ جەريانى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىدى.
تۆۋەندە پائالىيەت جەريانىغا ئائىت بىر نەچچە پارچە سۈرەت بېرىلدى. 1-سۈرەت: دىكلاماتسىيە. 2-سۈرەت: پائالىيەت مەيدانى. 3-سۈرەت: كىچىك ئۇسسۇلچىلار. 4-سۈرەت: مەكتەپ مۇدىرى سۆز قىلماقتا. 5-سۈرەت: ئوقۇغۇچىلار لايىھىلىگەن كىچىك تام گېزىتىدىن بىر دانىسى.

«بىر رەسسام، بىر ئۇسلۇب» ناملىق بۇ ئەسەر ياش رەسسام قۇربانتاي تۇرسۇن ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان. خاتىرىدە بىر ياش رەسسامنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھايات يولى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
قۇربانتاي 1978-يىلى غۇلجا شەھىرى قازانچى مەھەللىسىدە بىر زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى يازغۇچى تۇرسۇن ياسىن ئاكىنىڭ تەسىرى بولغاچقىمىكىن قۇربانتاينىڭ ۋۇجۇدىدا كىچىكىدىن سەنئەتكە بولغان قىزىقىش كۈچلۈك ئىدى. 4-5 ياش چاغلىرىدا ئاتا-ئانىسى خىزمەتكە كەتكەندە ئۆيدە مومىسىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ قەغەزدىن ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ شەكلىنى قىياتتى، ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ مودىللىرىنى ياساپ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىللە ئوينايتتى…
بىر رەسسام، بىر ئۇسلۇب

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى ئاتاقلىق يازغۇچى، دراماتورگ زۇنۇن قادىرىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا يېزىلغان، شۇندىن تارتىپ نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا قايتا-قايتا ئوينىلىپ كېلىۋاتقان «غۇنچەم» درامىسى بۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، دراما ئۆمىكى تەرىپىدىن قايتا تەييارلىنىپ، يېقىندا رايونىمىزدىكى سەھنىلەردە قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. 3-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا بۇ درامىنىڭ قايتا قويۇلۇشى ھەققىدە «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. سۆھبەتكە ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، دراما ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مەدىنە ئابدۇرۇسۇل، ئاتاقلىق تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەخمىدى ۋە درامىنىڭ رىژىسسورى ئاپتونوم رايونلۇق تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماخمۇت ھامۇت قاتارلىقلار قاتناشتى.  بۇ دراما 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىن غۇلجا شەھرىدە ئوينىلىدۇ، ئاندىن 5-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا داۋاملىق ئوينىلىدۇ.
تۆۋەندە بۇ سۆھبەت ۋە درامىغا ئائىت بىر قانچە سۈرەتنى تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. 1-سۈرەت: سۆھبەت سەھنىسى. 2-سۈرەت: بۇ درامىنىڭ سىنارىيىسى ئەڭ دەسلەپ بېسىلغان «ئىتتىپاق» ژۇرنىلىنىڭ 1949-يىلىدىكى سانى.

ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئىجادچى ۋە ئىجراچىلىرىدىن بىرى- ئېلاخۇن كۆككۆز.
elaxun kokkoz

elaxanbeg taranchi begliri Tun'gan ve Taranchilar ghulja shobisi rosiye asiya bankisining 20-esirning 10-yilliri kurediki eskerler
يۇقىرىدىن ئوڭدىن سولغا:

1. تارانچى بېگى ئەلاخان (1880– يىللار)
2. تارانچى بەگلىرى (1880-يىللار)
3. تۇنگان ۋە تارانچىلار (1880-يىللار)
4. رۇسىيە ئاسىيا بانكىسىنىڭ غۇلجا شۆبىسى (1910-يىللار)
5. كۈرەدىكى ئەسكەرلەر مەشقى (1910-يىللار)

1885 The-Chief-Taranchi-Mosque- Henri Lansdell

بۇ رەسىم ئەنگىلىيەلىك سەيياھ ھېنرى لەنسدەل (Henry Lansdell, 1841-1919) نىڭ 1885-يىلى نەشر قىلىنغان «رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسى: غۇلجا، بۇخارا، خىۋە ۋە مەرۋ قاتارلىقلار»  (Russian Central Asia: Including Kuldja, Bokhara, Khiva and Merv) ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رەسىمنىڭ ئاستىغا «تارانچىلارنىڭ غۇلجىدىكى چوڭ مەسجىدى» (The chief Taranchi mosque in Kuldja) دەپ يېزىلغان، بۇ رەسىم كىتاب ئاپتورى 1882-يىلى كۈزدە ئىلىغا زىيارەتكە كەلگەندە سىزىلغان. ئۇ ھازىرقى بەيتۇللا مەدرىس مەسجىدىنىڭ بۇرۇنقى كۆرۈنۈشىدۇر.

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى