ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرى



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكترون تېخنىكىسى شىركىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى» 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەنتەنىلىك ھالدا ئېچىلدى. 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى كۇتۇپخانىسى 2-قەۋەت يىغىن زالىدا ئېچىلغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىم، مۇتەخەسسىس، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، مۇئەللىم ئېلېكترون شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى، بىر قىسىم خادىملىرى ۋە مۇخبىرلار بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئالدى بىلەن يېقىنقى يېرىم ئەسىرلىك ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىدا تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغان 11 نەپەر تىلشۇناس مۇئەللىم شىركىتى تەرىپىدىن 5000 سومدىن نەق پۇل ۋە بىر دانىدىن 1300 سوم قىممىتىدىكى مۇئەللىم ئېلېكترون لۇغىتى بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇ تۆھپىكار تىلشۇناسلىرىمىز: مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئامىنە غاپپار، نەسرۇللا يولبولدى، چېن زوڭجېن، راززاق مەتنىياز، مۇھەممەد رېھىم سايىت، لېتىپ توختى، ئابدۇرەئۇپ پولات، مۇھەببەت قاسىم، جاۋ مىڭمىڭ، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاندىن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ماقالا ئوقۇدى.
16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى بىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزى 4-قەۋەت يىغىن زالىدا ماقالا ئوقۇش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ كۈنكى يىغىندا 80 ئەتراپىدا ئالىم، مۇتەخەسسىس، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى قاتناشتى. يىغىندا 20 نەچچە پارچە ماقالا ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يىغىن باشتىن-ئاخىر ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان تۆھپىكارلارنىڭ ئەمگىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى ئىشتۇر.
يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈشلەر: 1. يىغىن سەھنىسى. 2- مۇكاپاتلاش پائالىيىتى. 3. 4. گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى. 5. مۇئەللىم شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سۆز قىلماقتا. 6. مەنمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشتىم ۋە ماقالا ئوقۇدۇم.

«ئاتاقلىق تىلشۇناس ئابدۇرىشىت ياقۇپ بىلەن سۆھبەت» ناملىق بۇ ماقالا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئاسىمە ئىمام، ئاينۇرقىز مۇھەممەدئىمىن قاتارلىق تەرىپىدىن يېزىلىپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ئىچكى ژۇرنال «سادا» نىڭ 7-سانىغا بېسىلغان. ماقالىدا پروفېسسور، دوكتور، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئابدۇرىشىت ياقۇپنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى سۆھبەت مەزمۇنى بېرىلگەن. تىلشۇناس ائبدۇرىشىت ياقۇپ 1964-يىلى قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭفو تىللىر فاكۇلتېتىدا تولۇق كۇرسنى تاماملىغان، 1988-يىلى شۇ مەكتەپتە ماگىستېرلىقنى تاماملىغان، 1996-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقنى تاماملىغان. 1999-يىلىغىچە ياپونىيەدە دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2003-يىلى گېرمانىيەدە يەنە دوكتور ئاشتىلىقنى تاماملىغان، ھەمدە شۇ يەردە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
سۆھبەتنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئابدۇرېشىت ياقۇپ ماقالىلىرى تىزىملىكى نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

بۇ ئەسلىمىنى مەن ماگىستېر ئاسپىراتلىق مەزگىلىدىكى ساۋاقدىشىم ئالىمجان يۈسۈپ بىلەن بىللە يازغان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىلى 12-ئايدا نەشر قىلىنغان «تۇنجى ئەسىرىم» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئەسلىمىدە مەرھۇم ئۇستازىمىز خالىق نىياز (1946-2004) مۇئەللىمنىڭ ئىز-ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ رايونىمىزدا تەربىيىلەنگەن تۇنجى ئەۋلات ماگىستېر ئاسپىرانتلاردىن ئىكەنلىكى (1979-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە)، شۇنىڭدەك شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىگەن مەگىلىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى نەتىجىلىرى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ «تىلشۇناسلىق ئاساسلىرى»، «فونېتىكا ۋە تىل تەكشۈرۈش»، «تىلشۇناسلىقتىن ئومۇمىي بايان»، «ئۇيغۇر تىلىدىن ئاساس»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن كونسۇلتاتسىيە» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى بار.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئىجتىھاتلىق تىل ئوقۇتقۇچىسى، پېشقەدەم مائارىپچى رازاق مەتنىياز ئەپەندى 1941-يىلى توقسۇن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1965-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا خىزمەتكە چىققان. كېيىنچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكەلگەن. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئاساسلىقى باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش ۋە لوگىكا ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان. «ئۇيغۇر تىلىدىن ئاساس»، «ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىي گىرامماتىكىسى»، «ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى»، «ئۇيغۇر تىلى كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئوقۇشلۇقى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش خىزمىتىنى دەرسلىك بىلەن تەمىنلىگەن. «ئومۇمىي لوگىكا» دەرسلىكىنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئاتاقلىق تەرجىمان، ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر نۇرمۇھەممەد دۆلەتى ئەپەندى 1936-يىلى غۇلجا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1953-يىلى تەرجىمانلىق خىزمىتىنى باشلىغان. 1956-يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭدا مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. كېيىن مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. 1984-يىلى شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە تەزكىرە كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ئۇ چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ «جەمىلە»، «سەرۋى قامەتلىك دىلبىرىم»، «يەر ئانا»، «بىرىنچى مۇئەللىم» پوۋېستلىرىنى. «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن»، «تاغلار» غۇلىغاندا ناملىق رومانلىرىنى تەرجىمە قىلغان. «تەۋرات قىسسىلىرى»، «ئىنجىل قىسسىلىرى»، «تارىمدىكى قارا قۇياش» قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ھېكايىنى تەرجىمە قىلغان. نۇرغۇن كىنو فىلىملەرنى تەرجىمە قىلغان. ماھىنۇر قاسىمىنىڭ «ئەخمەتجاننى ئەسلەيمەن» ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىسىنى يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدى. «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلە مەسىلىسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىلارنى يازغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

ئاتاقلىق تەرجىمان، ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر، تەتقىقاتچى خوجائەخمەت يۇنۇس ئەپەندى 1937-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە «ئىلى گېزىتى» دە ئىشلىگەن. 1991-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىنىڭ تەرجىمە-تەھرىر باشقارمىسىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن «چاڭ-توزان بېسىققاندا»، «ئىسلاھاتچىلار»، «ئائىلىدىكى ئىشلار»، «بېيپىڭ تېنچلىق سۆھبىتى»، «گارسىيەگە ئەۋەتىلگەن خەت»، «ئاتا ۋەسىيىتى» قاتارلىق نۇرغۇن رومان، پوۋېست، ھېكايىلەر بار. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ەئدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك» نى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن، «تىل، تەرجىمە ۋە ئاتالغۇلار توغرىسىدا»، «گۈلشەن ۋادىدا ئىزلار»، «مۇھاكىمە ئۈنچىلىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرغان. «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، ماقال-تەمسىللىرى، چۆچەكلىك تېپىشماقلاردىن توپلاپ، رەتلەپ بىر نەچچە توپلام نەشر قىلدۇرغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان، ئىجتىھاتلىق ژۇرنالىست غوپۇر قادىر ئەپەندى 1949-يىلى ۇترپاندا تۇغۇلغان. 1978-يىلىدىن باشلاپ «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «شىنجاڭ نوپۇس گېزىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىشلىگەن. ھەر خىل ژۇرناللاردا 2000 دىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋست قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە «ستولىستىكىدىكى سىرلىق ئەنزە»، «ئىشەنچ»، سۈبھىدىكى ماتەم مۇراسىمى» قاتارلىقلار بار. «رامبو»، «سەھەر قۇشلىرى»، «چوڭ كىراۋۇس ۋە كىچىل كىراۋۇس» قاتارلىق 70 دىن ئارتۇق كىنو-فىلىمنى تەرجىمە قىلغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

پېشقەدەم تىل-يېزىق خادىمى، تىلشۇناس، تەرجىمان تاھىرجان مۇھەممەد 1940-يىلى قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى، شىنجاڭ مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل تەتقىاقت ئىنىستىتۇتى، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر تىل مەدەنىيىتىگە ئائىت ماقالىلار توپلىمى» قاتالرىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. «شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەيخىل كەنتىدىكى بىر قىسىم ئاھالە قوللىنىدىغان سۆزلۈك» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلىگەن. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى ئىشلىگەن. «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە شىنجاڭ يەر ناملىرى قوللنامىسى» قاتارلىق بىر قىسىم كىتابلارنى تۈزگەن.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئىجتىھاتلىق تەرجىمان، تىلشۇناس، ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئەپەندى 1945-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىگەن. «تۈركىي تىللار»، «تۈركىي تىللارنىڭ تارخىي فونېتىكىسى» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى، «گراف مونتو-كىرىستو» قاتارلىق نۇرغۇن رومانلارنى تەرجىمە قىلغان. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلارنى يازغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

دىيارىمىز يەر ناملىرى تەتقىقاتىدىكى پېشقەدەم تۆھپىكار نىياز كېرىمى تۆپەئاتا 1935-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1957-يىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش نازارىتىدە خىزمەتكە چىققان. گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالىلار ئېلان قىلىپ 420 دىن ئارتۇق يەر نامى ھەققىدە توختالغان. «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە» ناملىق كىتابى 2006-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان.شىنجاڭدىكى قەدىمىي كارۋان يوللىرى» ناملىق كىتابى 2000-يىلى نەشر قىلىنغان. «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە فىئدېزىيە لۇغىتى» نى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان. «تۇرپان كارىزلىرى» ناملىق قوللانمىنى تۈزگەن
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

Page 1 of 512345

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى