Latin yeziqida



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«تۈركچىنىڭ قوشۇمچىلىرى» (Türkçenin Ekleri) ناملىق بۇ تۈركچە ئەسەر ئەسەر پروفېسسور، دوكتور ۋەجىھە خاتىبئوغلى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، تۈرك تىلى قۇرۇمى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1981-يىلى ئەنقەرە بېسىلغان 2-نەشرىدۇر. بۇ ئەسەردە تۈرك تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇلاردىن ياسالغان سۆزلەر مىسال ئېلىنىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوشۇمچىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
Türkçenin Ekleri

«تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك لۇغىتى» (VERSUCH EINES ETYMOLOGISCHEN WÖRTERBUCHS DER TÜRKSSPRACHEN) ناملىق بۇ نېمىسچە كىتاب مارتتى رەسەنىن (MARTTI RÄSÄNEN) تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1969-يىلى خېلسىنكىدا نەشر قىلىنغان. دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە يېزىلغان مۇھىم كىتابلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك لۇغىتى

«تۈرك تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك سۆزلۈكى» ناملىق بۇ تۈركچە كىتاب ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھاسان ئەرەن تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1999-يىلى ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان. ھازىرغىچە تۈرك تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە يېزىلغان كىتابلار ئىچىدە ئەڭ ئىناۋەتلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تۈرك تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك سۆزلۈكى

«تۈركىي تىللار لۇغىتى ___  ئېنگلىزچە: ئەزەربەيجان، قازاق، قىرغىز، تاتار، تۈرك، تۈركمەن، ئۇيغۇر ئۆزبەك تىللىرى» ناملىق بۇ كىتاب كۇرتۇلۇش ئۆزتوپچۇ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، روئۇتلېج (ROUTLEDGE) نەشرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئېنگلىز تىلى بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەككىز ئاساسىي تۈركىي تىل ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تىللىق لۇغەت بولۇپ، ھەر قايسى تۈركىي تىللار بىلەن ئېنگلىز تىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۆگىنىش قورالىدۇر.
«ئېنگلىزچە-تۈركىي تىللار لۇغىتى»

«تۈركمەن تىلىنىڭ سۆزكۆكى (ئېتىمولوگىيەلىك) سۆزلۈكى» ناملىق بۇ ئەسەر سولتانشا ئاتانۇيازوۋ تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 2004-يىلى ئاشخاباتتىكى «مىراس» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، تۈركمەن تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىگە ئائىت مۇھىم ئەسەردۇر.
تۈركمەن تىلىنىڭ سۆزكۆكى سۆزلۈكى

«ئەزەربەيجان تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ناملىق تۆت قىسىملىق بۇ ئەسەر ئەزەربەيجان مىللىي ئىلىملەر ئاكادىمىيىسى نەسىبى نامىدىكى تىلشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن پروفېسسور، دوكتور ئەلى ھەيدەر ئورۇجوۋۇن باشچىلىقىدا تۈزۈلۈپ، 2006-يىلى باقى شەھرىدىكى «شەرق-غەرب» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«ئەزەربەيجان تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى-1»
«ئەزەربەيجان تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى-2»
«ئەزەربەيجان تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى-3»
«ئەزەربەيجان تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى-4»

ئىلى دېسەم

ئىلى دېسەم ئالما كېلەر يادىمغا،

ئالمىلارغا تولغان گۈزەل باغلىرى.

چۆمۈلىدۇ يۈرەك زوققا، ھېسلارغا،

ئۇرۇلغاندەك بولۇپ خۇشبۇي ھېدلىرى.

ئالما تېرىپ يۈرگەن گۈزەل باغ قىزى،

بۈگۈن يەنە قىلدىمىكىن سەيلىنى.

سالامدىكىن بىلەلمىدىم سېۋەتكە،

ئالما بىلەن قوشۇپ كۆڭۈل مەيلىنى.

چىمەنلىكلەر، يېشىل تاغلار، دەريالار…

تولۇپ تۇرار ئىلى تالاي باغلارغا.

كۈندە قاراپ، كۈندە يايراپ كۈلسەممۇ،

مەن تويمايمەن ئۇنىڭدىكى چاغلارغا.

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      Latin yeziqida        кирил йезиқида

 

سەن يوق دۇنيا

سەن يوق دۇنيا…

                                         قىلالماسمەن تەسەۋۋۇر،

تولار بەلكىم قاراڭغۇلۇق كۆزۈمگە.

سېغىنغاندا سېنى ئويلاپ ياتالماي،

پىچىرلارمەن كېچىلىرى ئۆزۈمگە.

سەن يوق دۇنيا…

                                                 ماڭا ئازاب، ماڭا دەرت،

يۈرەلمەسمەن خۇشاللىققا ئورۇلۇپ.

سىمايىڭنى ئىزدەپ كوچا، باغلاردىن،

يىقىلارمەن بورانلارغا ئۇرۇلۇپ.

سەن يوق دۇنيا…

                                           رەڭلىرىنى يوقاتقان،

پۇرىقىنى گۈللەر خۇشبۇي چاچالماس.

قانچە نەغمە قىلغان بىلەن بۇلبۇللار،

پەيزى ئۇنىڭ كۆڭلۈمنى ھېچ ئاچالماس.

سەن يوق دۇنيا…

                                         مەن قەپەزدە يالغۇز قۇش،

تىلىم قايتا كەلمەس سايراپ كۈلۈشكە.

بەلكىم تىرىك مىدىرلارمەن ھەر كۈنى،

ئادەتلىنىپ روھسىز ياشاپ يۈرۈشكە…

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      Latin yeziqida          кирил йезиқида

ئانامنى ئەسلەپ

1

ياشلىرىمدا تىزغان تىزىقنى،

ئېسىپ قويدۇم قەبرەڭگە ئانا.

چۈشۈمدە

تەسۋى سېرىپ ئولتۇرغۇدەكسەن،

بەخت تىلەپ، قۇت تىلەپ ماڭا.

2

نەۋرىلىرىڭ سورايدۇ سېنى،

«ــ قېنى مومام، نەگە كەتتى؟» دەپ.

ياشلىرىمدا بەرگەندە جاۋاب،

ماڭا قاراپ قالىدۇ شۈكلەپ.

ياستۇقىڭدىن ھىدلىرىڭ ئىزدەپ،

يۈرىكىمگە باسىمەن ئۆكسۈپ.

سۈرىتىڭگە قارىسام قاچان،

سەن يەنىلا تۇرىسەن كۈلۈپ.

«ئانا» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسام،

ئېچىشىدۇ يۈرىكىم ئەجەب.

قەدرىڭ، ئانا، ئۆتۈلگەنسېرى،

سېغىنىشىم ئاشار ھەسسىلەپ.

1990-يىل، تېكەس.

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى:
ئەرەب يېزىقىدا      кирил йезиқида         Latin yezikida

قىزىمغا

 

قىزىمغا

ئون سەككىزگە باستىڭىز قەدەم،

بۈگۈن قۇتلۇق كۈنىڭىز، قىزىم.

ئۇچۇپ ئۆتتى ئون سەككىز باھار،

ھايات نېمە بىلدىڭىز، قىزىم.

تولغان ھەر يىل سانسىز سىناققا،

ھەر سىناقتا ئۇتىسىز، قىزىم.

تىرىشقانغا ھەر زامان ھايات،

قۇچاق ئاچار، ئۇقىسىز، قىزىم.

ئالدىڭىزدا قانچە داۋان بار،

بىر-بىر ھالقىپ ئۆتىسىز، قىزىم.

يېنىڭىزدا بىز بار ياكى يوق،

ھامان ئۇتۇق قۇچىسىز، قىزىم.

بەختىڭىزنى تىلەيمىز ھەر چاغ،

بەختلىك بوپ كۈلىسىز، قىزىم.

سىزدىن تىلەك-ئارزۇيىمىز كۆپ،

ئۆيىمىزنىڭ گۈلى سىز، قىزىم.

    2011.09.08

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى پ.د.ف نۇسخىسى تۆۋەندە بېرىلدى

 кирил йезиқида         Latin yeziqida         Ereb yeziqida

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى