چاغاتاي تىلى



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


1890-يىلى رۇس ئالىمى ن. ن. پانتۇسوف تەرىپىدىن سانكتپېتېبۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى ناخشىلىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ مەن تەييارلىغان فاكسىمىلى، ئوقۇلۇشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسى ۋە كىچىك لۇغەت، كىرىش سۆز قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىپ تاپقان يېڭى نەشرى بولغان «19-ئەسىردە خاتىرىلەنگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرى» ناملىق كىتاب شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 2013-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىندى، ھازىر زاۋۇتتا بېسىلىۋاتىدۇ. 7-ئاي ئىچىدە تارقىتىلىدۇ. كىتابنىڭ پارچە باھاسى 45 يۈەن. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا مەزكۇر كىتابتىكى مۇزىكا نوتىلىرىدىن پارچە ۋە غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا مەدرىس مەسجىدىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى كۆرۈنۈشى بېرىلدى. ئارتقا مۇقاۋىسىغا 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا داڭ چىقارغان ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاتاقلىق ئىجادچى ۋە ئىجراچىلىرىدىن بىرى ئېلاخۇن كۆككۆزنىڭ سۈرىتى بېرىلدى. كىتاب بېسىلىپ چىققاندىن كېيىن توپ ۋە پارچە سېتىلىدۇ. سېتىۋالغۇچىلار مەن بىلەن ياكى غۇلجا شەھرىدە مەدرىس يېنىدىكى «ئەلچۈن» كىتابخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

بۇ ماقالىدا رۇس ئالىمى رادلوف تەرىپىدىن توپلىنىپ، 1886-يىلى نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ تىلىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر تەھلىل قىلىنىپ، چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. بۇ ماقالا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە 2013-يىللىق 2-سانىنىڭ يادرولۇق سەھىپىسى «غەربىي دىيار مەدەنىيەت تەتقىقاتى»دا ئېلان قىلىنغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

نەۋايى غەزەللىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى- سۆز ئويۇنى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» ناملىق بۇ ماقالام «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2002-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ غەزەللىرىدە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولغان سۆز ئويۇنى قىلىش ئۇسۇلىنىڭ قانداق بەدىئىي ۋاستە ئىكەنلىكى، قانداق رولى بارلىقى، جۈملىدىن نەۋايى غەزەللىرىدە بۇ خىل ۋاستىنىڭ قايسى شەكىللىرىنىڭ قوللىنىلغانلىقى، ئۇنىڭ شائرىنىڭ پىكرىنى جانلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلەشتە قانداق رول ئوينىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ھەمدە بۇ بەدىئىي ۋاستىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ەئدەبىياتىدا ئاكتىپ قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز» ناملىق بۇ ماقالا ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرىمىزدىن خەمىت تۆمۈر، مىرسۇلتان ئوسمانوفلار تەرىپىدىن يېزىلىپ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1993-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. كېيىنچە «خەمىت تۆمۈر ئىلمىي ماقالىلىرى» غا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ماقالىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى بولغان، باشقىلار تەرىپىدىن «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتالغان، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى بولغان، ئەجدادلىرىمىز يېقىنقى زاماندا قوللانغان بۇ تىلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلگەن. يەنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن چاغاتاي تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇلۇپ، چاغاتاي تىلىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى، تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئاپتورلارنىڭ ئۆزگىچە كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ماقالا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە يېزىلغان چاغاتاي تىلى تەتقىقاتى ھەققىدىكى مۇھىم ماقالىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«بوزى كۆرپەش» ناملىق بۇ چۆچەك رۇس ئالىمى رادلوفنىڭ «سىمالدىكى تۈرلىي خەلقلەرنىڭ تىلى- خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابلىرىنىڭ 6-قىسمى بولغان 1886-يىلى سانكتپېتېبۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» كىتابتىن ئېلىندى. قايتا نەشرگە تەييارلانغاندىن كېيىن «كرورەن» ژورنىلىنىڭ 2012-يىلى 3-سانىدا بېسىلغان.
«بوزى كۆرپەش»

«تەۋارىخي مۇسقىيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) ناملىق بۇ ئەسەر مىلادى 1854-1855-يىللىرى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىمەتۇللا مۆجىزى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئەسلى نۇسخىسى ھازىر جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ نۇسخا ئەنۋەر بايتۇر، خەمىت تۆمۈر قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982-يىلى نەشر قىلىنغان نۇسخىدۇر. بۇ ئەسەر تارىخىمىزدىكى مۇزىكانتلارنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان ئەسەردۇر.
«تەۋارىخي مۇسقىيۇن»

«موڭغۇلچە لۇغەت- مۇقەددىمەتۇل ئەدەب» ناملىق بۇ ئەسەر رۇسچە بولۇپ، 1938-يىلى رۇس تىلىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان.  ئاپتورى ئاتاقلىق شەرقشۇناس، ئالىم پوپپى. بۇ ئەسەر چاغاتاي تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما لۇغەت بولۇپ، پوپپى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان نۇسخىسىدۇر. بۇ ئەسەر ئالتايشۇناسلىق ۋە تۈركولوگىيە نۇقتىسىدىن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
«موڭغۇلچە لۇغەت- مۇقەددىمەتۇل ئەدەب»

«بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» ناملىق بۇ ئەسەر 18-ئەسىردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىئەلوڭ خان دەۋرىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، مانجۇچە، تىبەتچە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە بەش تىللىق تۈرگە ئايرىلغان سېلىشتۇرما لۇغەتتۇر. ئۇيغۇرچىنىڭ يېنىغا يەنە مانجۇچە ئوقۇلۇشى بېرىلگەن. مەزمۇنى مول بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدا كۆپ مىللەت تىللىرى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇلغان، نۆۋەتتە ھەم ئىشلىتىش قىممىتىگە، ھەم تارىخىي قىممەتكە ئىگە چوڭ ئەسەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلى ئەسەر ئالتە قىسىم، 36 تارماق، 2563 بەتتىن تۈزۈلگەن.  يېقىندا بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمى ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. تۆۋەندە تونۇشتۇرىدىغىنىمىز بۇ ئەسەرنىڭ 1957-يىلى 8-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن بېسىلغان نۇسخىسى بولۇپ، ئۈچ كىتابقا بۆلۈنگەن.
«بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت-1 »           «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت-2 »                     «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت-3 »

بۇ كىتاب مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي تەرىپىدىن يېزىلىپ، 2004-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئېلىمىزدە چاغاتاي تىلى ھەققىدە يېزىلغان مۇھىم كىتابلارنىڭ بىرىدۇر.
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان

«رادلوف ۋە پانتۇسوف ئىلىدىن توپلىغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ھەققىدە» ناملىق بۇ ماقالام «شىنجاڭ تارىخ-مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق سانىغا بېسىلغان. ماقالىدا رۇس شەرقشۇناسلىرىدىن رادلۇف ۋە پانتۇسۇفلارنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن توپلاپ نەشر قىلغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر بىر قىسىم كىتابلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
رادلوف ۋە پانتۇسوف ئىلىدىن توپلىغان ئەسەرلەر

Page 1 of 212

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى