گرامماتىكا



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«تۈركچىنىڭ قوشۇمچىلىرى» (Türkçenin Ekleri) ناملىق بۇ تۈركچە ئەسەر ئەسەر پروفېسسور، دوكتور ۋەجىھە خاتىبئوغلى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، تۈرك تىلى قۇرۇمى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1981-يىلى ئەنقەرە بېسىلغان 2-نەشرىدۇر. بۇ ئەسەردە تۈرك تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇلاردىن ياسالغان سۆزلەر مىسال ئېلىنىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوشۇمچىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
Türkçenin Ekleri

«موڭغۇل تىلى سېلىشتۇرما گرامماتىكىسى» ناملىق بۇ كىتاب سابىق سوۋېت ئتىتىپاقى تىلشۇناسى گ. د. سانژېئېۋنىڭ ئەسىرىنىڭ 1959-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، بۇ كىتاب موڭغۇل تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈنلا پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئەسەرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا بېرىلگەن موڭغۇل تىلى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىياتى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
«موڭغۇل تىلى سېلىشتۇرما گرامماتىكىسى»

موڭغۇل تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى موڭغۇل تىللىرى تۈركۈمىدىكى مۇھىم بىر تىل بولۇپ، تۈركىي تىللار جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلۈك، فونېتىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە بەلگىلىك تارىخىي مۇناسىۋىتى بار. «موڭغۇل تىلىنىڭ گرامماتىكىسى» (蒙古语语法) ناملىق بۇ كىتاب ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور چىڭگېرتاي (清格尔泰) تەرىپىدىن 1991-يىلى تۈزۈلگەن. خەنزۇ تىلى ئاساسىدا موڭغۇل تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە تۈركىي تىللار بىلەن موڭغۇل تىلىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.
«موڭغۇل تىلىنىڭ گرامماتىكىسى»

«ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» ناملىق بۇ ئەسەر (维吾尔语语法) ناملىق بۇ ئەسەر يى كۈنشىئۇ (易坤琇)، گاۋ شىجې (高士杰) قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1998-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابىدۇر.
«ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى»

«ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا ئالتاي تىللىرىنىڭ ھاسىلانما سىنتاكسىس تەتقىقاتى» (维吾尔语及其他阿尔泰语言的生成句法研究) ناملىق بۇ خەنزۇچە ئەسەر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور لېتىپ توختىنىڭ ئىلمىي ئەسىرى بولۇپ، 2001-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.  ئەسەر ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق تىلشۇناس چومىسكىينىڭ ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىق نەزەرىيەسى بولغان ئايلاندۇرما-ھاسىلانما گرامماتىكىسىنىڭ نەزەرىيەسى ئاستىدا يېزىلغان بولۇپ، ئىلىمىزدە ئالتاي تىللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاسىلانما سىنتاكسىسى ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
«ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا ئالتاي تىللىرىنىڭ ھاسىلانما سىنتاكسىس تەتقىقاتى»

«تۈرك تىلى گرامماتىكىسى» (土耳其语语法) ناملىق بۇ خەنزۇچە ئەسەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تىلشۇناسى تېنىشىۋ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، ھەمدە جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 1959-يىلى پەن-تېخنىكا نەشرىياتى (科学出版社) تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر خەنزۇ تىلى ئاساسىدا تۈرك تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ.
«تۈرك تىلى گرامماتىكىسى»

بۇ كىتاب ئاتاقلىق تۈركولوگ مارسېل ئېردال (Marcel Erdal)نىڭ «قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ سۆز قۇرۇلمىسى- لېكسىكىنىڭ فۇنكىيەلىك يولى» ناملىق ئېنگلىزچە ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
Old Turkic Word Formation-1
Old Turkic Word Formation-2

بۇ كىتاب مۇھەممەد ئابدۇللا ئابدۇقادىر، بۈۋىنۇر بەكرى قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئېگلىز تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۇيغۇر ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇپ تۈزۈلگەن كىتابتۇر.
«ئېنگلىز تىلى گرامماتىكىسى»

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى