پانتوسۇف



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


 چاررۇسىيە ئالىمى نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوۋ (1849-1909)نىڭ «مەۋلانە يۈسۈف سەككاكى مازارى (ئىلى سەككاكى)» بۇ ماقالىسى چاررۇسىيە ئىمپىرىيە ئارخىلوگىيە جەمئىيىتى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى خاتىرىسىنىڭ 17-بۆلۈمى نامى بىلەن ئايرىم كىتابچە سۈپىتىدە سانكتپېتېربۇرگ ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1906-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان كىشى چاغاتاي خان دەۋرىدە ئىلىدا ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى، ئەدىب سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇب يۈسۈف ئىبنى ئەبۇ بەكرى ئەلخارەزىمى سەككاكى (1160-1228) بولۇپ، ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىلىستىكىسى ھەققىدە يېزىلغان «مىفتاھىل ئۇلۇم» (ئىلىملەر ئاچقۇچى) ناملىق ئەسىرى بار. تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، سەككاكى چاغاتاي خان ئوردىسىدا باش مەسلىھەتچى بولغان ۋە كېيىنچە باشقا ۋەزىرلەرنىڭ چېقىشتۇرۇشى تۈپەيلىدىن جازالىنىپ، ھازىرقى ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيە خونوخاي يېزىسى تەۋەلىكىدىكى جايدا زىندانغا سېلىنغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان. بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 6-سانىغا بېسىلغان.
مەۋلانە يۈسۈف سەككاكى مازارى

«رادلوف ۋە پانتۇسوف ئىلىدىن توپلىغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ھەققىدە» ناملىق بۇ ماقالام «شىنجاڭ تارىخ-مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق سانىغا بېسىلغان. ماقالىدا رۇس شەرقشۇناسلىرىدىن رادلۇف ۋە پانتۇسۇفلارنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن توپلاپ نەشر قىلغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر بىر قىسىم كىتابلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
رادلوف ۋە پانتۇسوف ئىلىدىن توپلىغان ئەسەرلەر

بۇ تېپىشماقلار 1909-يىلى پانتۇسوف تەرىپىدىن قازان شەھرىدە چاغاتاي يېزىقىدا بېسىلغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان ھەمدە شۇ دەۋرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا «قومۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 6-سانىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىنغان.
ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

 

پانتۇسوف خاتىرىلىگەن ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ پوتا ئويۇنىدا ئېيتىدىغان بېيىتلىرى

بۇ بېيىتلار رۇسىيەلىك شەرقشۇناس نىكۇلاي پانتۇسوف تەرىپىدىن ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ائرىسىدىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا توپلانغان بولۇپ، «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى ناملىق بىر يۈرۈش كىتابچىلارنىڭ 8-قىسمى سۈپىتىدە 1907-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ 43 پارچە بېيىتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەينى دەۋر تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇپ نەشرگە تەييارلانغان. ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى