ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«ھىممەت غەنىمەت» ناملىق بۇ ئەسەر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى، شائىر، يازغۇچى مەرھۇم مۇھەممەدجان سادىق ھەققىدىكى ئەسلىمە بولۇپ، ماقالىدا مەرھۇمنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھايات يولىدىكى تۇرمۇش، ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى گەۋدىلەندۈرىلىدۇ، ھاياتىي تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. مەزكۇر ئەسلىمە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 5-سانىغا بېسىلغان، يەنە قىسقارتىلمىسى «ئىلى گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىنىڭ 4-بېتىگە «تەلەپچان ئۇستاز، ئىزىڭىز ئۆچمەيدۇ» نامىدا بېسىلغان.
”چەكسىز ھىممەتلەر ساھىبى- پىداگوك، تەتقىقاتچى، ئەدىب مۇھەممەدجان سادىق ئاكا 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت ئالتىدىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆپكە راكى كېسىلى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 78 يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى… بىر بۈيۈك ۋۇجۇد يەرگە كۆمۈلدى، بىر ئۇلۇغ ئىنسان ئارىمىزدىن كەتتى… ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمىدى، ئۇنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەشكە باشلىدىم…“
يۇقىرىقى ئەسلىمە «ئىلى گېزىتى» 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىدا  «تەلەپچان ئۇستاز ئىزىڭىز ئۆچمەيدۇ» نامىدا قىسقارتىپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇ نۇسخىمۇ تۆۋەندە بېرىلدى.
تەلەپچان ئۇشتاز ئىزىڭىز ئۆچمەيدۇ
ھىممەت غەنىمەت

بۇ بىر پارچە سۆھبەت خاتىرىسى بولۇپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. مۇھەممەدجان ئاكىنىڭ 50 يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى كىتابخانلارنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايەن قىلىنىدۇ. شائىرنىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئۆز ھاياتى، ئىجادىيىتىگە بەرگەن باھاسى شەرھىلىنىدۇ.
ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى ئىستاتىستىكىلاش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش

يېقىندا دۆلەت ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە جۇڭگودىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ئىستاتىستىكىلاپ يىلدا بىر سان دۆلەتلىك ئەدەبىي ئىجادىيەت يىلنامىسى تۈزۈش قارار قىلىندى. شۇ قاتاردا ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ھەر يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەھۋالى بۇندىن كېيىن خاتىرىلىنىپ، ئىستاتىستىكا قىلىنىپ رەتلەنگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا قەرەللىك يوللىنىدۇ. بۇ خىزمەتتە بۇ يىل ئالدى بىلەن ئەدىبلەرنىڭ 2012-يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئىستاتىستىكىلىنىدۇ.

داۋامى »

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى