كىتاب ئۇچۇرى



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېدىن پىروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا، دوتسېنت يارى ئەبەيدۇللا، دوتسېنت، دوكتور ئابدۇرېھىم راھمان قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن  «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر 2010-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، كىتابنىڭ باھاسى 180 يۈەن.
بۇ كىتاب مۇقەددىمە، يېزىق، فونېتىكا، لېكسىكا، گىرامماتىكا (مورفولوگىيە ۋە سېنتاكسىس) قاتارلىق قىسىملاردىن تۈزۈلگەن، ئۇندىن سىرت كىتابنىڭ باش قىسمىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە چەتئەللىك ئالىملار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە تۈزۈلگەن ئەڭ مۇكەممەل نەزەرىيەۋىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ.

«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ھەققىدە تارىخىي سېلىشتۇرما تەتقىقات» (维吾尔语构成静词词缀的历时比较研究) ناملىق بۇ خەنزۇچە ئەسەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇنەزەر ئابدۇللا تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان، باھاسى 48 يۈەن.
ئەسەر كىرىش سۆز، تۆت باب ئاساسىي مەزمۇن ۋە يەكۈن قىسمىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ياسىغۇچى 120 ئاساسىي قوشۇمچىنىڭ خاراكتېرى تەپسىلىي تەھلىل قىلىنغان. ئەسەردە ئۇيغۇر تىلىدىكى مورفېمىلارنىڭ تۈرلىرى، ئىسىمدىن ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز ياسايدىغان قوشۇمچىلار، پېئىلدىن ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ۋە باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئۈستىدە تارىخىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بىر قەدەر چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا باب كېلىدۇ.
تورداشلىرىمىزنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن بىز ئەسەرنىڭ مۇندەرىجىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
مۇندەرىجە

«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت سۆزلىرى تەتقىقاتى» ناملىق بۇ ئەسەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مۇھەببەت قاسىم خانىم، پىروفېسسور مەرھۇم خالىق نىياز ئەپەندى، تاش راخمان، ئابدۇنەزەر ئابدۇللا، سەمەت مەمەت قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 2006-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ باھاسى 49 يۈەن.
بۇ ئەسەر پىروفېسسور مۇھەببەت قاسىم تەرىپىدىن يېتەكچىلىك قىلىنغان مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ تەتقىقات تېمىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر قايسى دېئالېكتلىرىنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىشنىڭ ھاسىلاتىدىن ئىبارەت. ئەسەر ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىنىڭ تەتقىقات ئەھۋالى، دىئالېكت سۆزلىرى ھەققىدە تەھلىل ۋە دىئالېكت سۆزلىرىدىن بېرىلغان ئۆرنەكلەردىن تۈزۈلگەن.
بۇ كىتاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
تۆۋەندە تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ئەسەرنىڭ مۇندەرىجىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
مۇندەرىجە

  • «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىققا باشلاش» ناملىق بۇ كىتاب مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور مۇھەممەترېھىم سايىت ئاكىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كىتاب مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2011-يىلى 8-ئايدا نەشر قىلىنغان، باھاسى 35 يۈەن.
    مەزكۇر ئەسەردە ئاپتورنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قانداق ياساش، قانداق تەرجىمە قىلىش، ھەر خىل قوللىنىلىۋاتقان ئاتالغۇلارنى قانداق بىرلىككە كەلتۈرۈش، كېڭەيتىش ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تەپسىلىي شەرھىلەنگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلمىي ئەمگەكلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتاب ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە تەرجىمە، ئاتالغۇشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ. شۇنىڭدەك ئەسەرنىڭ تىلى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولغاچقا باشقا ئادەتتىكى كىتابخانلارنىڭمۇ پايدىلىنىشىغا بولىدۇ.
    تۆۋەندە تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ئەسەرنىڭ مۇندەرىجىسىنى بەردۇق.
    مۇندەرىجە

  • «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى پايدىلانما گىرامماتىكىسى» (现代维吾尔语参考语法) ناملىق بۇ كىتاب مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور لېتىپ توختى قاتارلىقلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى تىلشۇناسلىق نەزەرىيەسى بويىچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى شەرھىلىگەن يېڭى ئىلمىي ئەمگىگىدۇر. كىتاب خەنزۇچە يېزىلغان، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012-يىلى 12-ئايدا نەشر قىلىنغان، 529 مىڭ خەتلىك ئەسەر بولۇپ، باھاسى 72 يۈەن. http://book.kongfz.com قاتارلىق تور ئادرېسلىرى ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
    مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلىرىنى ئەڭ يېڭى تىلشۇناسلىق نەزەرىيەسى بىلەن شەرھىلىگەن بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى ئىشلىنىۋاتىدۇ. تۆۋەندە ئەسەرنىڭ مۇندەرىجىسىنى كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇق.
    ئەسەرنىڭ مۇندەرىجىسى

    ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى