ئالتۇن يارۇق



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر؟
«ئالتۇن يارۇق» تور بېتىمىزگە خۇش كەلدىڭىز. بىزنىڭ تور بېتىمىزگە قەدەم باسقىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرىمىز. بىزنىڭ بۇ تور بېتىمىزنىڭ نامى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۈيۈك ئەسەرلەردىن بىرى بولغان «ئالتۇن يارۇق» نىڭ نامى بىلەن ئېلىندى. «ئالتۇن يارۇق» ناملىق بۇ ئەسەر ئەسلى سانسكرىتچىدۇر، 8-ئەسىردە خەنزۇچىغا، 10-ئەسىرلەر ئەتراپىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇيغۇرچە تەرجىمانى بەشبالىق (جىمىسار)لىق سىڭقو سەلى تۇتۇڭ. ئەسەرنىڭ 1687-يىلى كۆچۈرۈلگەن  355 ياپراق (710 بەت)لىق نۇسخىسى رۇس ئالىمى سېرگېي ئېفىموۋىچ مالوۋ تەرىپىدىن 1910-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجو شەھرى يېنىدىكى ۋېىشىگو يېزىسىدىن تېپىلغان،  ھازىر پېتېربۇرگ ئاسىيا مۇزىيىدا ساقلانماقتا. بۇ ئەسەر ھەققىدە رادلوف، مالوۋ، گابائىن، س. ش. چاغاتاي، شىناسى تېكىن، فرىئېدرىخ ۋىلھەلم كارل مۈللەر، رەشىد رەھمەتى ئارات، تالات تېكىن، پېتېر زىئېم، رۆھربورن، خوجائەيۇپ يۈسۈپ، مەھمەد ئۆلمەز، جەۋال كايا، گېڭشىمىن، مۇھەممەد رېھىم سايىت قاتارلىق تۈركولوگلار تەتقىقات ئېلىپ بارغان. داۋامى »

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى