تور بېتىمىزنىڭ نامى «ئالتۇن يارۇق» ھەققىدە

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر؟
«ئالتۇن يارۇق» تور بېتىمىزگە خۇش كەلدىڭىز. بىزنىڭ تور بېتىمىزگە قەدەم باسقىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرىمىز. بىزنىڭ بۇ تور بېتىمىزنىڭ نامى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۈيۈك ئەسەرلەردىن بىرى بولغان «ئالتۇن يارۇق» نىڭ نامى بىلەن ئېلىندى. «ئالتۇن يارۇق» ناملىق بۇ ئەسەر ئەسلى سانسكرىتچىدۇر، 8-ئەسىردە خەنزۇچىغا، 10-ئەسىرلەر ئەتراپىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇيغۇرچە تەرجىمانى بەشبالىق (جىمىسار)لىق سىڭقو سەلى تۇتۇڭ. ئەسەرنىڭ 1687-يىلى كۆچۈرۈلگەن  355 ياپراق (710 بەت)لىق نۇسخىسى رۇس ئالىمى سېرگېي ئېفىموۋىچ مالوۋ تەرىپىدىن 1910-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجو شەھرى يېنىدىكى ۋېىشىگو يېزىسىدىن تېپىلغان،  ھازىر پېتېربۇرگ ئاسىيا مۇزىيىدا ساقلانماقتا. بۇ ئەسەر ھەققىدە رادلوف، مالوۋ، گابائىن، س. ش. چاغاتاي، شىناسى تېكىن، فرىئېدرىخ ۋىلھەلم كارل مۈللەر، رەشىد رەھمەتى ئارات، تالات تېكىن، پېتېر زىئېم، رۆھربورن، خوجائەيۇپ يۈسۈپ، مەھمەد ئۆلمەز، جەۋال كايا، گېڭشىمىن، مۇھەممەد رېھىم سايىت قاتارلىق تۈركولوگلار تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
بىزنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ نامىنى تور بېتىمىزنى نامى قىلىپ تاللىشىمىزدىكى سەۋەب، بىرىنجىدىن بۇ تور بېتىمىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا ئائىت تور بېتىدۇر، شۇنداق بولغاچقا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولغان، تىلشۇناسلىرىمىز تىل نۇقتىسىدىن نۇقتىلىق تەتقىق قىلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولغان بۇ بۈيۈك ئەسەرنىڭ نامىنى قوللىنىشنى توغرا تاپتۇق. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ نام ئەسلى ئەسەردىمۇ ئالاھىدە تاللاپ قويۇلغان بولۇپ، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. بۇ  ئەسەرنىڭ تولۇق ئىسمى «ئالتۇن ئۆڭلۈك يارۇق يالترىقلىغ قوپدا كۆترالمىش نوم ئىلىگى» بولۇپ، مەنىسى «ئالتۇن رەڭلىك، نۇرلۇق، ئەڭ ئۈستۈن نوم ھۆكۈمدارى» دېگەندىن ئىبارەت. «ئالتۇن يارۇق» قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ بىرىكمىدىكى «يارۇق» سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «يورۇق» سۆزى بولۇپ «يورۇقلۇق، نۇر» مەنىلىرىنى بېرىدۇ. بۇ بىرىكمىنىڭ ئىستىمال مەنىسى «ئالتۇندەك يالتىراپ، پارقىراپ يوپ-يورۇق نۇر چىقىرىپ تۇرىدىغان» دېگەندىن ئىبارەتتۇر. شۇنداق بولغانچقا بىزمۇ بۇ تور بېتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ساھەسىگە يالتىراپ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان بىر يورۇق يۇلتۇز بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ نامنى ئىشلەتتۇق. ئەسەرنىڭ بېشىدا يەنە ئەقلىيە خاراكتېرلىك مۇنداق بىر جۈملە بار: «تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) بىز بۇ جۈملىدىن ئىلھاملىنىپ، تىلشۇناسلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ ساھەيىمىزدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ھەققىدە سىلەرگە كۆپرەك سۆزلەپ بېرىشنى لايىق تاپتۇق، ھەمدە سىلەرنىڭ بۇلارنى پاك قەلبىڭلار بىلەن توغرا چۈشىنىپ، قوبۇل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇ جۈملىنى يەنە تور بېتىمىزنىڭ شۇئارى سۈپىتىدە قوللىنىشنى لايىق تاپتۇق.
تور بېتىمىزنىڭ ئاساسىي نىشانى تور بېتىنى قۇرغۇچى نىجات سوپىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمگەكلىرىدىن كۆپچىلىكنى تەڭ، تولۇق بەھرلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، تورداشلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھەر دەرىجىلىك خادىملارنى تىلشۇناسلىق، جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە تىلشۇناسلىق نەزەرىيىسىگە ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشىغا ئائىت ماتېرىيال مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەش، چەتئەللەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق، تۈركولوگىيە ۋە ئالتايشۇناسلىق ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، شۇنىڭدەك ھازىرقى زاماندا تىلشۇناسلىق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى، ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرىمىزنى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر ئەدىب، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تونۇشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەسىر دائىرىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىش، تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنى تىل نەزەرىيىسى جەھەتتىن توغرا يېتەكلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
تور بېتىمىز يېڭى ئېچىلغان بولغاچقا مەزمۇنى بىرقەدەر ئاز، بەت لايىھە ئۈنۈمى بىرئاز تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتە ھەر قانداق تەلەپ، تەكلىپ، ياردەم ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىنى بېرىشى ۋە پائال ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق بۇ تور بېتىمىزنى قوللىشىنى، بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ بۇ تور بېتىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى تەتقىقات ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۈچلۈك، ساغلام، ئىلمىي بولغان كەسپىي تور بەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى سورايمىز.

يوللىغۇچى: ئالتۇن يارۇق

«تور بېتىمىزنىڭ نامى «ئالتۇن يارۇق» ھەققىدە»گە ئىنكاس يېزىڭ

=3+4

......................... ئالتۇن يارۇقتىكى مەزمۇنلارنىڭ تۈرلىرى