«چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز» ناملىق بۇ ماقالا ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرىمىزدىن خەمىت تۆمۈر، مىرسۇلتان ئوسمانوفلار تەرىپىدىن يېزىلىپ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1993-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. كېيىنچە «خەمىت تۆمۈر ئىلمىي ماقالىلىرى» غا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ماقالىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى بولغان، باشقىلار تەرىپىدىن «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتالغان، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى بولغان، ئەجدادلىرىمىز يېقىنقى زاماندا قوللانغان بۇ تىلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلگەن. يەنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن چاغاتاي تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇلۇپ، چاغاتاي تىلىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى، تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئاپتورلارنىڭ ئۆزگىچە كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ماقالا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە يېزىلغان چاغاتاي تىلى تەتقىقاتى ھەققىدىكى مۇھىم ماقالىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز
06
05
13'
رەھمەت نىجات ئاكا، مەن بۇ ماقالىنى ئىزدەۋاتقانتىم، بىلگەندەكلا چىقىرىپ قويۇپسىز… ياخشى ماتېرىياللارنى يەنە يوللاپ تۇرارسىز.
سىزگە يارىغان بولسىلا خۇشالمەن.