Archive for مارت, 2013


تىنلىقلار ھەققىدە كۆرگەنلىرىڭنى، ئاڭلىغانلىرىڭنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىن (- «ئالتۇن يارۇق»تىن)


«ئۇيغۇر شېۋىلىرى سۆزلۈكى» ناملىق بۇ كىتاب غۇلام غوپۇرى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1986-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەرگە 4000 غا يېقىن دىئالېكت، شېۋە سۆزلۈكى ۋە سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،  قايسى رايوندىن ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت، شېۋە سۆزلۈكلىرى تەرقىقاتىدىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر شېۋىلىرى سۆزلۈكى

«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قومۇل شېۋىسى» ناملىق بۇ ئەسەر قومۇل شېۋىسىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1997-يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا، سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئەسەردە قومۇل شېۋىسىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىر قەدەر چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغان. بۇ ئەسەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى ھەققىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قومۇل شېۋىسى

ئاتاقلىق تىلشۇناسىمىز مىرسۇلتان ئوسمانوۋنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى» ناملىق بۇ كىتابى ئۇنىڭ 1956-1957-يىللىرى تىل تەكشۈرۈش جەريانىدا خاتىرىلىگەن ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئەسەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى ھەققىدە ئەتراپلىق، سېستىمىلىق توختالغان. بۇ ئەسەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى

ئاتاقلىق تىلشۇناسىمىز مىرسۇلتان ئوسمانوۋنىڭ شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى» ناملىق بۇ كىتابى ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈش، تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ خۇلاسىسى بولۇپ، ئەسەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق، سېستىمىلىق كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئەسەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى

«ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنىڭ يېڭى لايىھىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ناملىق بۇ ماقالا «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا مۇئەللىپنىڭ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى قوشۇمچە ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى شۇ مەزگىلدىكى كۆزقاراشلىرى ئاساسىدىكى يېزىق لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. جۈملىدىن، لاتىن يېزىقى قوللىنىشتا تىلىمىزدا ئىشلىتىلىش چاستوتىسى يۇقىرى بولغان تاۋۇشلارنى ئامالنىڭ بارىچە يالغۇز ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش قارىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنىڭ لايىھىسى

«كوچا-كويلاردىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى تەرجىمىسىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى» ناملىق بۇ ماقالا «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان بولۇپ، كوچا-كويلاردا ئۇچرايدىغان ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە يېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە تەرجىمە سۆز، جۈملىلەردە يولۇقتۇرغان سۆز مەنىسىنى چۈشەنمەسلىك، مىللىي تىل ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلماسلىق  قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر قىسىم كەمچىللىكلەر كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە بۇنداق خاتالىقلاردىن قانداق ساقلىنىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى، ھەمدە بۇ خىل ۋاستىلەرنىڭ تەرجىمە تىلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
كوچا-كويلاردىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى تەرجىمىسى

«ھىممەت غەنىمەت» ناملىق بۇ ئەسەر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى، شائىر، يازغۇچى مەرھۇم مۇھەممەدجان سادىق ھەققىدىكى ئەسلىمە بولۇپ، ماقالىدا مەرھۇمنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھايات يولىدىكى تۇرمۇش، ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى گەۋدىلەندۈرىلىدۇ، ھاياتىي تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. مەزكۇر ئەسلىمە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 5-سانىغا بېسىلغان، يەنە قىسقارتىلمىسى «ئىلى گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىنىڭ 4-بېتىگە «تەلەپچان ئۇستاز، ئىزىڭىز ئۆچمەيدۇ» نامىدا بېسىلغان.
”چەكسىز ھىممەتلەر ساھىبى- پىداگوك، تەتقىقاتچى، ئەدىب مۇھەممەدجان سادىق ئاكا 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت ئالتىدىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆپكە راكى كېسىلى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 78 يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى… بىر بۈيۈك ۋۇجۇد يەرگە كۆمۈلدى، بىر ئۇلۇغ ئىنسان ئارىمىزدىن كەتتى… ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمىدى، ئۇنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەشكە باشلىدىم…“
يۇقىرىقى ئەسلىمە «ئىلى گېزىتى» 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىدا  «تەلەپچان ئۇستاز ئىزىڭىز ئۆچمەيدۇ» نامىدا قىسقارتىپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇ نۇسخىمۇ تۆۋەندە بېرىلدى.
تەلەپچان ئۇشتاز ئىزىڭىز ئۆچمەيدۇ
ھىممەت غەنىمەت

«بىر رەسسام، بىر ئۇسلۇب» ناملىق بۇ ئەسەر ياش رەسسام قۇربانتاي تۇرسۇن ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان. خاتىرىدە بىر ياش رەسسامنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھايات يولى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
قۇربانتاي 1978-يىلى غۇلجا شەھىرى قازانچى مەھەللىسىدە بىر زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى يازغۇچى تۇرسۇن ياسىن ئاكىنىڭ تەسىرى بولغاچقىمىكىن قۇربانتاينىڭ ۋۇجۇدىدا كىچىكىدىن سەنئەتكە بولغان قىزىقىش كۈچلۈك ئىدى. 4-5 ياش چاغلىرىدا ئاتا-ئانىسى خىزمەتكە كەتكەندە ئۆيدە مومىسىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ قەغەزدىن ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ شەكلىنى قىياتتى، ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ مودىللىرىنى ياساپ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىللە ئوينايتتى…
بىر رەسسام، بىر ئۇسلۇب

 چاررۇسىيە ئالىمى نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوۋ (1849-1909)نىڭ «مەۋلانە يۈسۈف سەككاكى مازارى (ئىلى سەككاكى)» بۇ ماقالىسى چاررۇسىيە ئىمپىرىيە ئارخىلوگىيە جەمئىيىتى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى خاتىرىسىنىڭ 17-بۆلۈمى نامى بىلەن ئايرىم كىتابچە سۈپىتىدە سانكتپېتېربۇرگ ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1906-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان كىشى چاغاتاي خان دەۋرىدە ئىلىدا ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى، ئەدىب سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇب يۈسۈف ئىبنى ئەبۇ بەكرى ئەلخارەزىمى سەككاكى (1160-1228) بولۇپ، ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىلىستىكىسى ھەققىدە يېزىلغان «مىفتاھىل ئۇلۇم» (ئىلىملەر ئاچقۇچى) ناملىق ئەسىرى بار. تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، سەككاكى چاغاتاي خان ئوردىسىدا باش مەسلىھەتچى بولغان ۋە كېيىنچە باشقا ۋەزىرلەرنىڭ چېقىشتۇرۇشى تۈپەيلىدىن جازالىنىپ، ھازىرقى ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيە خونوخاي يېزىسى تەۋەلىكىدىكى جايدا زىندانغا سېلىنغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان. بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 6-سانىغا بېسىلغان.
مەۋلانە يۈسۈف سەككاكى مازارى

«مىفتاھىل ئۇلۇم»، يەنى «ئىلىملەر ئاچقۇچى» ناملىق بۇ ئەسەر 13-ئەسىردە ئىلىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ئەللامە سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ بىن ئەبۇ بەكىر مۇھەممەد بىن ئەلى سەككاكىنىڭ ئەرەب تىلىدا يازغان ئىستىلىستىكا ھەققىدىكى كىتابىنىڭ مىسىردا بېسىلغان نۇسخىسىدۇر. ئەسكەرتىش: كىتابتا رامكىنىڭ ئىچىگە يېزىلغىنى مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنىدۇر، رامكىنىڭ سىرتىغا يېزىلغىنى باشقا كىتاب مەزمۇنىدۇر.

مىفتاھىل ئۇلۇم»

Page 1 of 812345...Last »

......................... ئالتۇن يارۇقتىكى مەزمۇنلارنىڭ تۈرلىرى