فونېتىكا



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


بۇ ماقالىدا رۇس ئالىمى رادلوف تەرىپىدىن توپلىنىپ، 1886-يىلى نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ تىلىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر تەھلىل قىلىنىپ، چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. بۇ ماقالا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە 2013-يىللىق 2-سانىنىڭ يادرولۇق سەھىپىسى «غەربىي دىيار مەدەنىيەت تەتقىقاتى»دا ئېلان قىلىنغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«تارانچى دىئالېكتى ناملىق ئەسەردىكى تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالام «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا رادلوفنىڭ «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق ئەسىرىدىكى تېكىستلەردە قوللىنىلغان 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار ۋە بۇ تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە سېلىشتۇرۇلغان ھالدا تەتقىق قىلىنىپ، چاغاتاي تىلى دەۋرىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش ائرىلىقىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى گەۋدىلەندۈرىلىدۇ.
«تارانچى دىئالېكتى» تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى