ئەسەرلەر



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


ئانا تىل

                    ئانا تىل

               نىجات سوپى

ئۆگەنگەنتىم ئانا تىل سېنى ئۇلۇغ ئانامدىن،
ئۆزى كەتتى، سەن قالدىڭ مىراس بولۇپ سەن ئاندىن،
سېنىڭ بىلەن ئايرىدىم ياخشىلارنى ياماندىن،
سېنىڭ بىلەن ئايرىدىم داننى يەنە ساماندىن،
ئۆچمەس چىراغ سەن، مەيلى كەلسە بوران قاياندىن.

ئۆتتى يىللار، ئەسىرلەر، سەن يەنىلا ياشنىدىڭ،
ئۇرغۇپ تۇردى ھەر زامان سېنىڭ باھار ياشلىقىڭ،
مەيلى ئەرەب، فارىسى يېتەلمىدى، تاشلىدىڭ،
موڭغۇل، مانجۇ، رۇسچىنى ئۆز يولىغا باشلىدىڭ،
ئىگەلمىدى قەددىڭنى، كەلگەن چاپقۇن ھەر ياندىن.

ئېنگىلىزچە ئاشسىمۇ قانچە قىتئە، ئوكياندىن،
ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن قالماس كېيىن ئۇلاردىن،
سېنى ئۆتمەس دېگەنلەر يىراق تۇرسۇن گۇماندىن،
تازىلىسۇن پاك-پاكىز ئىشەنچىنى تۇماندىن،
ئۈمىدىنى چىڭىتسۇن باشلاپ بۈگۈن شۇ ئاندىن.

 سەن كۈلىسەن ئەل بىلەن، ئەل يۈرىكى سەن بىلەن،
سەندىن مادار -كۈچ ئېلىپ ئىلگىرىلەيمىز پەن بىلەن،
سېنىڭدىن ۋاز كەچمەيمىز، بال بەرسىمۇ قەن بىلەن،
سېنى ھەردەم قوغدايمىز چوقۇم جانۇ تەن بىلەن،
يەتكۈزىمىز ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ كۆپ زاماندىن
                     2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى.

ئوغلۇمغا

ئوغلۇمغا

   خۇش بولدۇم ئوغۇل بوپ تۇغۇلغىنىڭدىن،

ماڭا بىر ئىزباسار قېتىلدى، دېدىم.

     «قەيسەر» دەپ ئاتىدىم ئېتىڭنى سېنىڭ،

بىر باتۇر ئەزىمەت يېتىلدى، دېدىم.

تاشلىدىڭ ئون تۆتكە سەن بۈگۈن قەدەم،

مۇبارەك تۇغۇلغان كۈنۈڭگە، ئوغلۇم.

خۇشاللىق ئۈستىگە ياغسۇن خۇشاللىق،

قېتىلسۇن يېڭى ئۈن ئۈنۈڭگە، ئوغلۇم.

بورانلار يولۇڭنى توسسىمۇ بىر كۈن،

  ياشىغىن يىگىتتەك قەددىڭنى كېرىپ.

ئېتىڭغا مۇناسىپ ئەر بولۇپ يېتىل،

ياشىغىن ھاياتقا مېھرىڭنى بېرىپ.

بۇ ئۆينىڭ بولغۇسى تۈۋرۈكى ئۆزۈڭ،

   تۈۋرۈكتەك يىقىلماس قامىتىڭ بولسۇن.

   تىرىشقىن، ياراملىق ھەم ئەخلاقلىق بول،

مەڭگۈگە تۈگىمەس ئامىتىڭ بولسۇن.

                 2014-يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، غۇلجا.

تاغ بېشىدا تۇنجى قار

نىجات سوپى

ئاپئاق نېپىز داكىدەك،
تاغ بېسىدا تۇنجى قار.
كۈز كېتىپتۇ چىرايلىق،
زېمىن ئەمدى قىشقا يار.

تاغ يۈزىدىن تۇمانلار،
يىراقلارغا تارايدۇ.
ئارقىسىدىن تاغلارىڭ،
قىش ئەلچىسى مارايدۇ.

ھەر پەسىلنىڭ پەيزى بار،
قىشنىڭ يەنە ئۆزگىچە.
بەرسۇن ئاللاھ ئامانلىق،
كېلەر باھار، يازغىچە.
2013-يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، تېكەس.

«19-ئەسىردە خاتىرىلەنگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرى» ناملىق كىتاب بۈگۈن رەسمىي ھالدا تارقىتىلىشقا باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ئىزچىلار كىتابخانىسى، خەزىنە كىتابخانىسى، بۇلاق كىتابخانىسى، ئىنتىلىش كىتابخانىسى، يادىكار كىتابخانىسى، ھىدايەت كىتابخانىسى، ئەلكۈن كىتابخانىسى، دانىش كىتابخانىسى قاتارلىق كىتابخانىلارغا سېلىنىپ، سېتىلىشقا باشلىدى. غۇلجا شەھرىدە ئەلچۈن كىتابخانىسىغا سېلىندى. سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بۇ كىتابخانىلار بىلەن ياكى مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1- رەسىم كىتابنىڭ مۇقاۋىسى: غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا مەدرىس مەسجىدىنىڭ 1893-يىلى سىزىلغان رەسىمى ۋە ئىلى ناخشىلىرىنىڭ ئەينى دەۋردە خاتىرىلەنگەن نوتىسىدىن پارچە. 2- رەسىم كىتابنىڭ ئارقا مۇقاۋىسى: 19-ئەسرىنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق ناخشىچى ئېلاخۇن كۆككۆزنىڭ سۈرىتى ۋە ئىلى ناخشىلىرىدىن پارچە.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېدىن پىروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا، دوتسېنت يارى ئەبەيدۇللا، دوتسېنت، دوكتور ئابدۇرېھىم راھمان قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن  «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر 2010-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، كىتابنىڭ باھاسى 180 يۈەن.
بۇ كىتاب مۇقەددىمە، يېزىق، فونېتىكا، لېكسىكا، گىرامماتىكا (مورفولوگىيە ۋە سېنتاكسىس) قاتارلىق قىسىملاردىن تۈزۈلگەن، ئۇندىن سىرت كىتابنىڭ باش قىسمىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە چەتئەللىك ئالىملار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە تۈزۈلگەن ئەڭ مۇكەممەل نەزەرىيەۋىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ.

«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت سۆزلىرى تەتقىقاتى» ناملىق بۇ ئەسەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مۇھەببەت قاسىم خانىم، پىروفېسسور مەرھۇم خالىق نىياز ئەپەندى، تاش راخمان، ئابدۇنەزەر ئابدۇللا، سەمەت مەمەت قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 2006-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ باھاسى 49 يۈەن.
بۇ ئەسەر پىروفېسسور مۇھەببەت قاسىم تەرىپىدىن يېتەكچىلىك قىلىنغان مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ تەتقىقات تېمىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر قايسى دېئالېكتلىرىنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىشنىڭ ھاسىلاتىدىن ئىبارەت. ئەسەر ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىنىڭ تەتقىقات ئەھۋالى، دىئالېكت سۆزلىرى ھەققىدە تەھلىل ۋە دىئالېكت سۆزلىرىدىن بېرىلغان ئۆرنەكلەردىن تۈزۈلگەن.
بۇ كىتاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
تۆۋەندە تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ئەسەرنىڭ مۇندەرىجىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
مۇندەرىجە

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكترون تېخنىكىسى شىركىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى» 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەنتەنىلىك ھالدا ئېچىلدى. 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى كۇتۇپخانىسى 2-قەۋەت يىغىن زالىدا ئېچىلغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىم، مۇتەخەسسىس، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، مۇئەللىم ئېلېكترون شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى، بىر قىسىم خادىملىرى ۋە مۇخبىرلار بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئالدى بىلەن يېقىنقى يېرىم ئەسىرلىك ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىدا تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغان 11 نەپەر تىلشۇناس مۇئەللىم شىركىتى تەرىپىدىن 5000 سومدىن نەق پۇل ۋە بىر دانىدىن 1300 سوم قىممىتىدىكى مۇئەللىم ئېلېكترون لۇغىتى بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇ تۆھپىكار تىلشۇناسلىرىمىز: مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئامىنە غاپپار، نەسرۇللا يولبولدى، چېن زوڭجېن، راززاق مەتنىياز، مۇھەممەد رېھىم سايىت، لېتىپ توختى، ئابدۇرەئۇپ پولات، مۇھەببەت قاسىم، جاۋ مىڭمىڭ، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاندىن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ماقالا ئوقۇدى.
16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى بىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزى 4-قەۋەت يىغىن زالىدا ماقالا ئوقۇش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ كۈنكى يىغىندا 80 ئەتراپىدا ئالىم، مۇتەخەسسىس، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى قاتناشتى. يىغىندا 20 نەچچە پارچە ماقالا ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يىغىن باشتىن-ئاخىر ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان تۆھپىكارلارنىڭ ئەمگىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى ئىشتۇر.
يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈشلەر: 1. يىغىن سەھنىسى. 2- مۇكاپاتلاش پائالىيىتى. 3. 4. گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى. 5. مۇئەللىم شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سۆز قىلماقتا. 6. مەنمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشتىم ۋە ماقالا ئوقۇدۇم.

بۇ ماقالىدا رۇس ئالىمى رادلوف تەرىپىدىن توپلىنىپ، 1886-يىلى نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ تىلىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر تەھلىل قىلىنىپ، چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. بۇ ماقالا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە 2013-يىللىق 2-سانىنىڭ يادرولۇق سەھىپىسى «غەربىي دىيار مەدەنىيەت تەتقىقاتى»دا ئېلان قىلىنغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەنزۇ تىلشۇناسلىرىدىن بىرى لى سېن (1923-1994) ئەپەندىدۇر. ئۇ 1923-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەن. ئازادلىقتىن ئىلگىرىلا شىنجاڭ ھۆكۈمىتى قارمىقىدا تەرجىمانلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنچە نەنجىڭ ھۆكۈمىتى قارمىقىدا ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. نەنجىڭدىكى مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلىگەن. ئازادلىقتىن كېيىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن. مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندا شۇ يەرگە يۆتكىلىپ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان. بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. بۇ ماقالا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئايگۈزەل ئابدۇسالام، مۇنىرە مەھمۇدلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ شۇ مەكتەپتە چىقىدىغان «سادا» ناملىق ئىچكى ژۇرنالنىڭ 8-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

«ئاتاقلىق تىلشۇناس ئابدۇرىشىت ياقۇپ بىلەن سۆھبەت» ناملىق بۇ ماقالا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئاسىمە ئىمام، ئاينۇرقىز مۇھەممەدئىمىن قاتارلىق تەرىپىدىن يېزىلىپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ئىچكى ژۇرنال «سادا» نىڭ 7-سانىغا بېسىلغان. ماقالىدا پروفېسسور، دوكتور، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئابدۇرىشىت ياقۇپنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى سۆھبەت مەزمۇنى بېرىلگەن. تىلشۇناس ائبدۇرىشىت ياقۇپ 1964-يىلى قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭفو تىللىر فاكۇلتېتىدا تولۇق كۇرسنى تاماملىغان، 1988-يىلى شۇ مەكتەپتە ماگىستېرلىقنى تاماملىغان، 1996-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقنى تاماملىغان. 1999-يىلىغىچە ياپونىيەدە دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2003-يىلى گېرمانىيەدە يەنە دوكتور ئاشتىلىقنى تاماملىغان، ھەمدە شۇ يەردە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
سۆھبەتنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئابدۇرېشىت ياقۇپ ماقالىلىرى تىزىملىكى نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

Page 1 of 1612345...10...Last »

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى