ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىل-ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش قورالى، تەپەككۇر قورالى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئېلىپ يۈرگۈچىسىدۇر. ئۆز ئانا تىلىدىن ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا قېرىنداش تىللار ۋە چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئالاقە ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى، تەپەككۇرنى يېڭىلىغىلى ۋە نۇرغۇن مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
باشقا تىللارنى ئۆگىنىشتە ئاۋۋال ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئۆگەنمەكچى بولغان تىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. ئىككى تىل ئوتتۇرىسىدا قانداق ئوخشاشلىقلار بار، قانداق پەرقلەر بار دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغاندا ئوخشاشلىقلاردىن تېز پايدىلىنىپ، پەرقلىق نۇقتىلارنى ئىگىلەش نىشانىغا تېزراق يەتكىلى بولىدۇ.