ئەرەب يېزىقىدا



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى» ناملىق بۇ ئەسەر مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلىپ، 2006-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈش، ماتېرىيال توپلاش ۋە تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ ئەھۋالىدىن بىزنى تەپسىلىي خەۋەردار قىلىدىغان ئىلمىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ دىئالېكتلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ئۈستىدە چەتئەللەردىكى ئىزدىنىشلەر» ناملىق بۇ ماقالا مۇساجان ئېلى تەرىپىدىن يېزىلىپ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2011-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا قەدىمكى ئۇيۇغر تىلى گرامماتىكىسى ھەققىدە چەتئەللەردە قانداق تەتقىقاتلارنىڭ بولغانلىقى تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ ماقالا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«پروفېسسور پېتېر سېمە بىلەن سۆھبەت» ناملىق بۇ سۆھبەت خاتىرىسى «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جىنشىيۇ تەرىپىدىن يېزىلغان. ئىمىن تاجى تۈرگۈن تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭدا گېرمانىيەلىك داڭلىق تۈركولوگ پېتېر سېمە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ خاتىرىسى بېرىلگەن. ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتتىغا قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئەرزىيدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئورقۇن-يېنىسەي يادىكارلىقلىرى ئوقۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تۈركىيە تۈرك تىلى قۇرۇمى بىلەن ئادىيامان ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بىرلىكتە تەشكىللەنگەن قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرى تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ ئادىيامان شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيەدىن باشقا يەنە گېرمانىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، موڭغۇلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، بىلوروسىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 40 نەچچە مۇتەخەسسىس ۋە ئالىم قاتناشتى. يىغىنغا جۇڭگودىن سەككىز كىشى قاتناشتى. شۇ قاتاردا مەنمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتىم. يىغىندا مەن «رادلوفنىڭ ‹تارانچى دىئالېكتى› ناملىق ئەسىرىدە قوللىنىلغان يېزىقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالامنى ئوقۇدۇم. يىغىنىدىن كېيىن ئادىيامان شەھرىدىكى نەمرۈت تېغىغا چىقىپ، قەدىمكى يادىكارلىقلارنى زىيارەت قىلدۇق ۋە تاغ ئۈستىدە قۇياشنىڭ چىقىشىنى سەير ئەتتۇق، يەنە شانلى ئۇرفا شەھرىدە ساياھەتتە بولدۇق.
تۈكىيە تۈرك تىل قۇرۇمى رەھبەرلىرى، ئادىيامان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ۋالىسى، ئادىيامان ئۇنىۋېرسسىتېتى مۇدىرى ۋە مەزكۇر ئۇنىۋسىتېتنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى مەسئۇللىرى يىغىنغا باشتىن-ئاخىر ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. يىغىن قىزغىن، ئىلمىي كەيپىياتتا ئۆتتى. يىغىننىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ساياھەت شىركىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمۇ يىغىن ئەھلىنى قايىل قىلدى. بىر قانچە كۈنلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا ھەر قايسى ئەل مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى ئۆزئارا قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كۈچلۈك نامايەن قىلدى.
تۆۋەندە يىغىنغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر بېرىلدى.
1-رەسىم: مەن سەھنىدە ماقالا ئوقۇۋاتىمەن. 2-رەسىم: تۈرك تىل قۇرۇمى رەئىسى بىلەن ئادىيامان ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى ماڭا يىغىنغا قاتنىشىپ ماقالا ئوقۇغانلىق گۇۋاھنامىسى بەرمەكتە. 3-رەسىم: يىغىن قاتناشقۇچىلىرى. 4-رەسىم: يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىلار.

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى