يېزىق



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنىڭ يېڭى لايىھىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ناملىق بۇ ماقالا «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا مۇئەللىپنىڭ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى قوشۇمچە ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى شۇ مەزگىلدىكى كۆزقاراشلىرى ئاساسىدىكى يېزىق لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. جۈملىدىن، لاتىن يېزىقى قوللىنىشتا تىلىمىزدا ئىشلىتىلىش چاستوتىسى يۇقىرى بولغان تاۋۇشلارنى ئامالنىڭ بارىچە يالغۇز ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش قارىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنىڭ لايىھىسى

تۆۋەندىكى جەدۋەلدە مەزكۇر تور بەتتىكى لاتىن يېزىقىدا بېرىلگەن ئەسەرلەردە قوللىنىلغان ئوقۇلغۇ (ترانسكىرىپسىيە بەلگىلىرى)نىڭ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ھەرپلىرى بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىسى بېرىلدى. تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەرپلەر جەدۋىلى

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى