بۇ مېنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋان ماقالامدۇر. بۇ ئەسەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مەركىزىي دىئالېكتىغا تەۋە بولغان ئىلى شېۋىسىنىڭ فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى بىر قەدەر تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر رايوندىن ئېلىنغان ئېغىز تىلى ماتېرىياللىرى خەلقئارالىق ئوقۇلغۇ بويىچە بېرىلگەن، قىسقىچە دىئالېكت سۆزلۈكى تۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر ئېغىز تىلىدىكى ئىككىنجى شەخس بىرلىك ئالماشلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئالاھىدىلىكى
بۇ خەنزۇچە ئېلان قىلىنغان ماقالىدۇر. بۇ ماقالىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئېغىز تىلىدىكى ئىككىنجى شەخس، بىرلىك ئالماشلىرىنىڭ ھەر قايسى دىئالېكت، شېۋىلەردىكى قوللىنىلىش ئەھۋاللىرى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر قىسقىچە كۆرسىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر، خەنزۇ ماقال-تەمسىللىرىدىكى مەخسۇس ئاتالغۇلار ھەققىدە تەتقىقات
بۇ ماقالىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى ماقال-تەمسىللەردە ئۇچرايدىغان يەر ناملىرى، كىشى ئىسىملىرى، ھايۋانات-ئۆسۈملۈك ناملىرى، ئەمگەك قوراللىرىنىڭ ناملىرى، دىنىي ئەمەل-ۋەزىپە ناملىرى، مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدە شەيئىلەرنىڭ ناملىرى قاتارلىق بىر قىسىم مەخسۇس ئاتالغۇلار ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەسلىدە بىرلا مەنا ئاڭلىتىدىغان مەخسۇس ئاتالغۇلارنىڭ ماقال-تەمسىللەردىكى كونكرېت ئەھۋالى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.
ئىلى شېۋىسىدىكى رۇسچە كىرمە سۆزلەر
ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسىدىكى رۇسچە كىرمە سۆزلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە
بۇ ماقالىدا رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋرۇپا تىللىرىدىن ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسىگە سىڭىپ كىرگەن كىرمە سۆزلەرنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى كونكرېت ئەھۋالى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ. يېتەرلىك مىساللار ئارقىلىق ئىلى شېۋىسىدىكى ھەر قايسى ساھەلەرگە ئائىت رۇسچە كىرمە سۆزلەر بىر قەدەر ئەتراپلىق كۆرسىتىپ ئۆتىلىدۇ .
يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى ئىستاتىستىكىلاش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش
يېقىندا دۆلەت ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە جۇڭگودىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ئىستاتىستىكىلاپ يىلدا بىر سان دۆلەتلىك ئەدەبىي ئىجادىيەت يىلنامىسى تۈزۈش قارار قىلىندى. شۇ قاتاردا ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ھەر يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەھۋالى بۇندىن كېيىن خاتىرىلىنىپ، ئىستاتىستىكا قىلىنىپ رەتلەنگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا قەرەللىك يوللىنىدۇ. بۇ خىزمەتتە بۇ يىل ئالدى بىلەن ئەدىبلەرنىڭ 2012-يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئىستاتىستىكىلىنىدۇ.
تەرجىمىھالىم
مەن نىجات سوپى، مەن 1968-يىلى شىنجاڭ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تېكەس ناھىيىسىدە تۇغۇلدۇم. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى شۇ يەردە تۈگەتكەندىن كېيىن 1985-يىلى شىنجاڭ بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىندىم. 1990-يىلى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتۇمغا قايتىپ ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدىم. 1992-يىلى 3-ئايدا ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ كىرىپ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم.
داۋامى
سوئال-جاۋابلار
تىلشۇناسلىق ھەققىدە مەندىن سورايدىغان سوئالىڭلار بولسا، يۇقىرىدىكى «سوئال-جاۋابلار» خېتىنى چېكىپ كىرىپ، شۇ بەتتە كۆرسىتىلگەن كۆزنەككە ئىنكاس يېزىشىڭلارنى سورايمەن، رەھمەت!
- نىجات سوپى