پېشقەدەم تىلشۇناس، لۇغەتشۇناس، ئاتاقلىق شائىر غەنىزات غەيۇرانى 1930-يىلى كەلپىن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1955-1957-يىللىرىدىكى مەمەلىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تىل تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ، تۇرپان، ئىلى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان. 1953-يىلى شىنجاڭدا يېڭىدىن تۇنجى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ «ئېلىپبە» دەرسلىكىنى تۈزگەن. شۇ ئاساستا يەنە «تىل دەرسى»، «ئوقۇش كىتابى»، «ماتېماتىكا»، ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» دەرسلىكلىرىنى تۈزگەن. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىدا باش مۇھەررىرنىڭ بىرى بولۇپ ئىشلىدى. 1985-يىلى تۈزۈلگەن «ئىملا قائىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتى»نى تۈزۈشكە قاتناشتى. 1997-يىلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»، «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»، «پەن تېخنىكا ئاتالغۇلىرى لۇغىتى» قاتارلىق لۇغەتلەرنى تۈزۈشكە قاتناشتى.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

داڭلىق دىكتور، يىتۈك ئەدەبىي تەرجىمان، ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى تۇرسۇنئاي ساقىم 1938-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. 1956-يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1963-يىلىدىن باشلاپ تۈركچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە 1995-يىلىغىچە ئىشلىگەن. ئەدەبىي تەجىمە بىلەنپائالا شۇغۇللىنىپ تۈرك تىلىدىن نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئۇلاردىن «چالى قۇشى»، «ئېچىنىش»، «مەمەت ئاۋاق»، «جۇۋىلىق خانىم»، «ئۆكسۈش»، «ئۇيقىسىز كېچىلەر»، «سۇسىز ياز»، «ئىت قۇيرۇقى»، «مەن قانداق ئۆلىۋالماقچى بولدۇم» قاتارلىق رومان، پوۋېست، سېكايىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. «قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»، «11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنى ئىجتىمائىي ئەھۋالى»، «بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىي»، «قۇتادغۇ بىلىك تەتقىقاتى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىمۇ تەرجىمە قىلغان. تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 70 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.
تۇرسۇنئاي ساقىم

«جەمئىيەت ئىناقلىقى ئاستىدىكى تىل ئىناقلىقى- كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت، كۆپ خىل تىل شارائىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات» (社会和谐下的语言和谐–对多远文化、多种语言环境下的维吾尔语伊犁次方言的调查与研究) ناملىق بۇ ماقالا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئاسپىرانتلار ئىلمىي ژۇرنىلى» (民大研究生学刊) نىڭ 2009-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان، مېنىڭ باشچىلىقىمدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلى شېۋىسى ۋە قوش تىل ئوقۇتۇشى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدۇر.
جەمئىيەت ئىناقلىقى ئاستىدىكى تىل ئىناقلىقى

ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور، قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى تۇغلۇقجان تالىپوف 1925-يىلى ئالمۇتا شەھرىگە يېقىن بىر ئۇيغۇر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ مۇھىم ئىلمىي ئەمگەكلىرى 30 پارچىدىن ئاشىدۇ. بۇ ائساسەن تارىخىي فونېتىكا، فونولوگىيە، گرامماتىكا، ئېلىمولوگىيە، دىئالېكتشۇناسلىق، ئۇيغۇر ەئدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخى قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. مۇھىملىرىدىن «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىلىق تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتى»، «ئۇيغۇر ۋە قازاق تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار»، «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى»، «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئوچېرىكلىرى» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
تۇغلۇقجان تالىپوف

قازاقىستان دۆلەتلىك ئىلىم ئاكادېمىيىسىنىڭ مول ھوسۇللۇق ئاكادېمىكى، مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ئابدۇۋەلى تۇرغانباي ئوۈلى قايداروف 1924-يىلى ئالمۇتىغا يېقىن بىر يېزىدا قازاق چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى (ئىككى قىسىم)»، «ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەكشۈرۈشلەر»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ۋە قازاق تىلى مەسىلىلىرى»، «ئەسىرلەر ساداسى»، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق تېپىسماقلىرى»، ««سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ ئوچېرىكلىرى»، «ئۇيغۇرچە-رۇسچە لۇغەت»، «تۈركىي تىللار» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئابدۇۋەلى تۇرغانباي

مائارىپ سېپىدىكى تۆھپىكار باغۋەن، نەتىجىلىك تىلشۇناس، پېشقەدەم مائارىپچى، پروفېسسور نەسرۇللا يولبولدى ئەپەندى 1930-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. يەتتە يېشىدا شىخوغا كۆۈپ كەلگەن. 1952-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىقنى باشلىغان. 1956-1957-يىللىرىدىكى چوڭ تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(1964-يىل)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (1968-، 1980-يىلى)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (ئەنسەردىن مۇسا، تۇردى ئەخمەتلەر بىلەن بىرلىكتە، 1984-يىلى)، «تىلشۇناسلىققا مۇقەددىمە»، «جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار» (مۇھەببەت قاسىم بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. يەنە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلىرى بار.
نەسرۇللا يولبولدى

ئۆزىنىڭ مول ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن جامائەتكە تونۇلغان پېشقەدەم تەرجىمان، غەيرەتلىك مۇھەررىر، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىدىكى تۆھپىكار ئەزىمەتلەردىن بىرى- ئەخمەت پاسار ئەپەندى 1933-يىلى چەرچەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. «شىنجاڭ ياشلىرى»، شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتلىرىدە ئىشلىگەن. «باھادىر شاھ لى زىچېڭ» (3-توم 1-كىتاب)، «قىزىل قىيا»، «جىنايەت ۋە نەپرەت»، «دەرۋىش غوجىنىڭ سەپەر خاتىرىسى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار.
ئەخمەت پاسار

زامانىمىزنىڭ داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمانلىرىدىن بىرى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكى ساھەسىدە ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پېشقەدەم ئۇستاز مۇساجان ئەزىزى ئەپەندى 1938-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1959-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق مائارىپ نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. 1962-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئىشلىگەن. 1984-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە مەركىزىدە ئشىلىگەن. نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ، «تىرىلىش»، «پولات قانداق تاۋلاندى»، «ساغرا تېرە«، «جىنايەت ۋە جازا»، «ئالەمدىكى نۇر» قاتارلىق بىر مۇنچە دۇنياۋىي داڭلىق ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
مۇساجان ئەزىزى

جامائەتكە تونۇلغان پېشقەدەم تەرجىمان، مول ھوسۇللۇق تىلشۇناس، ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى 1925-يىلى قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھرىدە تۇغۇلغان. 1929-يىلى ئۈچتۇرپانغا قايتىپ كەلگەن. «قىزىل بوران»، «سەنلىۋەن كەنتىدە»، ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە قىسسە»، «دونكىخوت»، «بوۋارى خانىم»، «تىلشۇناسلىق ئاساسلىرى» دېگەندەك نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۆزى ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. تىلشۇناسلىق ۋە تەرجىمە تەتقىقاتىغا ئائىت كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى يازغان. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ فرازولوگىيەسىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» قاتارلىق ئىلمىي كىتابلىرى بار. ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە 81 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئابدۇسالام ئابباس

تۆھپىكار ئوقۇتقۇچى، نەتىجىلىك تىلشۇناس مىرسۇلتان ئولسمانوف 1929-يىلى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھرىدە تۇغۇلغان. 1932-يىلى ئىلىغا كۆچۈپ كەلگەن. 1945-يىلىدىن 1951-يىلىغىچە ئىلى گېزىتىدە ئىشلىگەن. 1957-يىلىدىن باشلاپ سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئىشلىگەن. 1955-1956-يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ كۆلەملىك تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1957-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىدا ئىشلىگەن. نەسرۇللا يولبولدى بىلەن بىرلىكتە يازغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» كىتابى 1964-يىلى نەشر قىلىنغان. 1965-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىدا ئىشلىگەن. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى نەشرگە تەييارلاشقا ئاكتىپ قاتناشقان. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى» قاتارلىقلار بار.
«تۆھپىكار ئوقۇتقۇچى، نەتىجىلىك تىلشۇناس- مىرسۇلتان ئوسمانوف» ناملىق بۇ ماقالا تاھىرجان مۇھەممەد تەرىپىدىن يېزىلىپ، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
مىرسۇلتان ئوسمانوف

Page 3 of 1612345...10...Last »

......................... ئالتۇن يارۇقتىكى مەزمۇنلارنىڭ تۈرلىرى