ئىقتىدارلىق مۇھەررىر ھەم نەشرىياتچى، تونۇلغان ئەدەبىي تەرجىمان 1945-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. 1971-، 1972-يىللىرى قايتا تەربىيەدە بولغان. 1972-يىلى تۆمۈريول 2-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىشلىگەن. 1973-يىلى تۆمۈريول تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1979-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ 2006-يىلىغىچە شۇ يەردە ئىشلىگەن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا «باھار شامىلى» ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن بۇ ژۇرنالىنىڭ «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا ئايلىنىشىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئۇ «ھىكلىبىررى فىننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى»، «يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا»، «نانا»، «بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت»، «دەمەشق گۈزىلى»، «قىيادىكى پەريات» ، «چۆرگىلەۋاتقان جاھان» قاتارلىق نۇرغۇن رومان، پوۋېست، ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلغان. «رامبو»، «تارتمامنى ئاچما» قاتارلىق 100 قىسىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە فىلىمىنى تەرجىمە قىلغان. «ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ تىلى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا نەشر قىلىنىۋاتقان ئىلمىي ژۇرناللار ئىچىدە مەخسۇس تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىغا بېغىشلانغان بىردىن-بىر ژۇرنالدۇر. باشقا ئىلمىي ژۇرناللاردا تىلشۇناسلىققا پەقەت بىر سەھىپىلا ئاجرىتىلغان بولسا، بۇ ژۇرنال باشتىن-ئاخىر مۇشۇ ساھەگە ئاتالغان. شۇڭا، بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلار ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى نەتىجىلىرىنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى ئىگىلەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بىز بۇ ژۇرنالنىڭ 2003-يىلىدىن تارتىپ 2012-يىلىغىچە بولغان يېقىنقى 10 يىللىق مۇندەرىجىسىنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن سۇندۇق.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

پېشقەدەم تىل-يېزىق خادىمى، ئاتاقلىق تىلشۇناس، لۇغەتشۇناس ئابلىز ياقۇپ ئەپەندى 1934-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1953-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە خىزمەتكە چىققان. 1955-يىلى قەشقەر رايونىدا تىل تەكشۈرۈشتە بولغان. 1958-يىلى رۇس ئالىمى تېنېىۋ بىلەن بىللە سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدا تىل تەكشۈرۈشتە بولغان. 1959-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تىل بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1965-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان. 60-يىللاردا ئۇيغۇ ريېڭى يېزىقىنى ئىشلەش، ئىملا قائىدىسىنى بېكىتىش، ئېلان قىلىش ئىشلىرىغا قاتناشقان. تىلشۇناسلىققا ئائىت نۇرغۇن ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. «فونېتىكا ساۋادى» (1965)، «تىنىش بەلگىلىرى قوللانمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان. 70-يىللاردا «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»(1975) ۋە «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت» (1982) نى تۈزۈش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ بۇ خىزمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. 80-يىللاردا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»نى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ بۇ خزىمەتنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. ئۇيغر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، بېيدا فاڭجېڭ مەتبەئە سېستىمىسىغا يۇقىرىقى يېزىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈش ىىزمىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. كېيىن يەنە شىبە، مانجۇ يېزىقلىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرىشىشىغىمۇ يېتەكچىلىك قىلدى.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

تۆھپىكار مۇھەررىر، ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان، تونۇلغان ئەدىب مۇھەممەد شاۋدۇن 1942-يىلى كۇچار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىدە خىزمەتكە چىققان. 1962-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1977-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە «تارىم» ژۇرنىلىدا، 1979-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە يەنە «شىنجاڭ گېزىتى»دە، 1989-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە يەنە «تارىم» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭ 41 يىللىق ھاياتى نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە ئۆتتى. «تەھرىرلىك ئىلمى ۋە تەھرىرلىك سەنئىتى» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن «ھاجى مۇراد»، «گۈملىدۇ يا گۈل ئەمەسمىدۇر» ۋە نۇرغۇن خەنزۇ شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى بار. «شېئىر تەرجىمىسىدە ھېسسىياتنى ئىپادىلەش مەسىلىسى توغرىىدا» قاتارلىق 130 پارچە ئىلمىي ماقالىلىرى بار. «ئەدەبىيات بىز بىلەن بىللە»، «ياڭرايدۇ قېرىماس، ئۆلمەس ناخشىلار»، «شېئىرىيەت تەرجىمە ماھارىتى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالا توپلاملىرىنى نەشرگە تەييارلىغان. «يۈرەك ناخشىلىرى»، «بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار»، «ياپراق» قاتارلىق شېئىرىي توپلاملىرى ئېلان قىلىنغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

پېشقەدەم مائارىپچى، تىلشۇناس ئەنسەردىن مۇسا 1935-يىلى غۇلجا ناھىيىسدە تۇغۇلغان. 1952-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كادىرلار مەكتىپىدە خىزمەتكە چىققان. 1956-، 1957-يىللىرى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تىل تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. 1959-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئىشلىگەن. 1983-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن. 1983-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. كېيىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا ئىشلىگەن. 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭ 30 يىللىق ھاياتى ئوقۇتۇش بىلەن ئۆتتى. ئۇ تۈزگەن كىتابلاردىن «لوگىكا» (1980)، «فورمال لوگىكا» (1982)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (1989-، نەسرۇللا، تۇردى ئەخمەتلەر بىلەن بىللە)، يەنە لوگىكا ۋە تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم دەرسلىكلەرنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئىستېداتلىق تەرجىمان، شىجائەتلىك تەزكىرە خىزمەتچىسى سابىر ئېلى ئەپەندى 1943-يىلى كەلپىن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1962-يىلى ئاقسۇدا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن خىزمەتكە قاتنىشىدۇ. 1973-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومغا يۆتكىلىپ كېلىدۇ. 1979-يىلى مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ 1996-يىلىغىچە ئىشلەيدۇ. 1997-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ 2004-يىلىغىچە ئشىلەيدۇ. ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن «ۋىسال تاپماق بەسى مۈشكۈل»، «كەڭ زېمىننىڭ گۈلى – ئانام ھەققىدە ھېكايە»، «چەكلىك يىللار»، «سۇدا غايىپ بولغان مەخپىيەت»، «قەدىمىي قارىغاي»، «ۋىكتورىيە» قاتارلىق 19 پارچە رومان-پوۋېست ۋە باشقا ژانىردىكى نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار. ئۇ تەزكىرە ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ يىلنامىسى ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ يەرلىك تەزكىرە تۈزۈش ئىشلىرىغا، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كەسپىي تەزكىرىسىنى تۈزۈش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

پېشقەدەم شائىر، ژۇرنالىست، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىخلاسمەن پەرۋىشكارى مۇھەممەد رەھىم ئەپەندى 1926-يىلى ھازىرقى قورغاس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1947-يىلى ھەربىي سەپتىن قايتىپ ئىنقىلابچىل ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ نەشر ئەپكارى «كۈرەش» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن. 1951-يىلىدىن تارتىپ قەشقەردە ئىشلىگەن. 1956-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا ئىشلىگەن. 1957-يىلىدىن تارتىپ «تارىم» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن. 1981-يىلىدىن كېيىن «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭ «بەخت ناخشىلىرى» قاتارلىق ئالتە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» نى توپلاپ نەشر قىلدۇردى. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ قاپىيە لۇغىتى»نى نەشر قىلدۇردى. تىل تەتقىقاتىغا ئائىت بىر قىسىم ماقالىلارنى يازغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئۆزىنىڭ مول نەتىجىلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان ئاتاقلىق تەرجىمان، كۆزگە كۆرۈنگەن تىل-يېزىق خىزمەتچىسى، پېشقەدەم مۇھەررىر، ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلى ئابىت ئەپەندى 1935-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان. 1957-يىلى سابىق شىنجاڭ تىل ئىنىستىتۇتىدا خىزمەتكە چىقىدۇ. كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. كېيىن يەنە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتقا يۆتكىلىپ تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1974-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدا ئىشلەيدۇ. ئاساسلىق تەرجىمە قىلغان ۋە تۈزگەن ئەسەرلىرىدىن «ئۇلۇغ يول»، «ئۇزۇن سەپەر خاتىرىسى»، «قىمار»، «ئەقىل-پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر»، «جۇڭگو ۋە چەتئەل ھېكايىلىرىدىن تاللانما»، «شەربەت كوچىسى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەر لۇغىتى» قاتارلىقلار بار.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ ماقالا غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت ئوسماننىڭ ماقالىسى بولۇپ، ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىدىكى ئىلى شېۋىسىگە خاس سۆزلەر ھەققىدە ئىزدىنىلگەن. بۇ ماقالىنى بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. ئاپتور ماقالىسىنىڭ بېشىدا مۇنداق دەيدۇ: يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ئانا يۇرت›› ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ تىلىدا ئىلى شېۋىسى جانلىق نامايەن قىلىنغان. مەن بۇ ماقالىدە ‹‹ئانا يۇرت›› رومانىنىڭ تىلىغا تىلشۇناسلىق، تارىخ ۋە فولكلور نۇقتىسىدىن نەزەر ئاغدۇرۇپ، بۇ روماننىڭ تىلىدا ئەكس ئەتكەن ئىلى شېۋىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىغا خاس ساپ ئانا تىل سۆزلىرى ، خەنزۇچە، روسچە، پارسچە كىرمە سۆز لەر ئۇستىدە مۇھاكىمە يۇرگۇزۇپ، بۇ سۆزلەرنى ئىزاھلىدىم. ‹‹ئانا يۇرت›› رومانىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بۇ روماننىڭ تىلىنى تولۇق چۇشىنىپ، سۆز – ئاتالغۇلاردىكى نازۇك مەنە پەرقلىرىنى ھىس قىلىپ، رومان تىلىدىن ھەقىقىي ئىستېتىك زوق ئالالىسا كۆپ مەمنۇن بولاتتىم.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار قايتا نەشرگە تەييارلاۋاتقان چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» (ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قىسمى) نىڭ خىزمەتلىرى ئاخىرقى بېكىتىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەتقىقات مەركىزى «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت تەتقىقات گۇرۇپپىسى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ، قارلۇق شېركىتى يىغىن زالىدا ئاخىرقى تۈزىتىش باسقۇچىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر نەچچە مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەتكە تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى دىلمۇرات مۇسا، تەتقىقاتچىلاردىن پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا، مۇھەممەت ئېلى، ئالىم خەسەنى، نيۇشىياۋلى، توڭجيا چىڭفۇ، مەن ۋە مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار بولۇپ 10 نەچچە كىشى قاتناشتى. مۇتەخەسسىسلەر ئاخىرقى نۇسخىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاخىرىدا ئورتاق تونۇشقا كەلدى. مۇتەخەسسىسلەر تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئەسەرنى يەنىمۇ تۈزىتىپ تولۇقلاش ھەققدىكى پىكىرلىرىنى بەردى. ئاخىرىدا قارلۇق شېركىتى بۇ شېركەتنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەردى، تەتقىقاتچى خادىملار قارلۇق شېركىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
تۆۋەندە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەرنى بەردۇق. 1. يىغىن تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالى. 2. تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى تاھىر ئەپەندى تەتقىقات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. 3. يىغىن ئەھلى. 4. قارلۇق شېركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى. 5. ئېكىسكۇرسىيە قىلىش جەريانى.




Page 2 of 16«12345...10...Last »

......................... ئالتۇن يارۇقتىكى مەزمۇنلارنىڭ تۈرلىرى