يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. 1950-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. 80-يىللاردا «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى تەييارلاشتا تەشكىللەش، تەرجىم ەقىلىش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقان. «زەلىلى دىۋانى»، «تارىخ تەبەرى»، «دىۋانى ھېكمەت» قاتارلىقلارنى نەشرگە تەييارلىغان. «تارىمدىن تامچە» ناملىق ماقالىلار توپلىمىنى ئېلان قىلدى. كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالا ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 87 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

ئاتاقلىق ئايال تىلشۇناس، تىل-يېزىق سېپىدىكى تۆھپىكار خىزمەتچى ئامىنە غاپپار خانىم 1933-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1955-1956-يىلىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1957-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىدا ئىشلىگەن. 1980-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىگەن. ئۈرۈمچى رايوننىڭ تىل ئەھۋالى ئۈستىدە ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئارقىلىق 1984-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1988-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1993-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇ رئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتىنىڭ مۇئاۋىن باش تۈزگۈچىسى بولغان، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى لۇغىتى» ئۈچۈن بىر قانچە مىڭ دىائلېكت، شېۋە سۆزلۈكى توپلىغان. نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالا ئېلان قىلغان، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا ئائىت 10 نەچچە كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

دەۋرىمىزنىڭ تۆھپىكار ئوغلانى، ئاتاقلىق تىلشۇناس، پېشقەدەم مائارىپچى، شىجائەتلىك تەرجىمان خەمىت تۆمۈر ئەپەندى 1931-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا 38 يىل ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 1987-يىلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى (مورفولوگىيە)» ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر كېيىنچە ئېنگلىز تىلى، تۈرك تىلى قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تارىخىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئابدۇرۇپ پولات ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يازغان «چاغاتاي تىلى» دەرسلىكىنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان، «بابۇرنامە»نى نەشرگە تەييارلىغان ئۇ يەنە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «تەۋارىخىي مۇسقىيۇن»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»، «پارس تىلىدىن ئاساس» قاتارلىق ئەسەرلەر ئۈستىدە ئىشلىگەن. ئۇنىڭ مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يازغان «بىزنىڭ چاغاتاي تىلى ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز» ناملىق ماقالىسى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. «شىنجاڭ ئىلى خەلق ناخشىلىرى»نىڭ تېكىستىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. باجىننىڭ «ئائىلە» رومانى، دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەر «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «تىئەنئەنمېن شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. ئۇ 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە 75 يېشىدا ۋاپات بولغان.
 خەمىت تۆمۈر-1
خەمىت تۆمۈر-2

توختى باقى- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىسى، ئاتاقلىق تەرجىمان. ئۇ 1922-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. «يېڭى باتۇرلار»، «كۈن يانغاندا»، «كەپىگە ئۈچ قېتىم زىيارەت»، «لۇشۈن ئەسەرلىرى» (22 توپلام) قاتارلىق نۇرغۇن تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر»، «لۇشۈن تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك» دېگەندەك بىر قاتار تەتقىقات ماقالىلىرى بار.
توختى باقى ئارتىشى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىي نورمىسى بېكىتىلگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان 80 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا تىلىمىز نۇرغۇن تەرەققىيات جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان تىلشۇناس، تەرجىمانلىرىمىزنىڭ بۇ تىلنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭقۇر ئەجرى سىڭدى، ئەلۋەتتە. بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بۇ تىلشۇناس، تەرجىمانلىرىمىزنى بىلىش، ئۇلارنى خفتىرىلەش، ئۇلارنىڭ ئەجرىنى يەردە قويماسلىق بۇرچىمىز بار، ئەلۋەتتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ تور بېتىمىزدە ھازىردىن باشلاپ ئۇيۇغر تىلشۇناسلىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرىمىز. بۇ تونۇشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم ماتېرىيال مەنبەيىمىز «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىلىدىن باشلانغان 10 يىلدىن بېرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «بىزنىڭ ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرىمىز» سەھىپىسىدۇر. بىز بۇ يەردە بۇ سەھىپىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئۆزى باش بولۇپ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇزاھىر تاھىر مۇراد ئەپەندىگە چوڭقۇر تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. بۇ ژۇرنالدىن ئېلىنغان تونۇشتۇرۇلغۇچىلارنىڭ تەرتىپى ژۇرنالدىكى ئەسلى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى تىلشۇناسلىرىمىز ئەينى زىيارەت قىلىنغان چاغدا ھايات بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە ۋاپات بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋاپات بولغان تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ماتەم خەۋەرلىرىمۇ شۇ كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىغا قوشۇپ قويۇلدى. ئۇندىن باشقا بىز باشقا مەنبەلەردىنمۇ ئالاقىدار ماقالىلارنى تېپىپ بۇ سەھىپىمىزدە داۋاملىق تونۇشتۇرىمىز.
ئالدى بىلەن تونۇشتۇرىدىغىنىمىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىسى- مەرھۇم ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى.
تۆھپىكار مائارىپچى، مەشھۇر تىلشۇناس، ئەدەبىي تەرجىمان ھەم پېشقەدەم نەشرىياتچى ئىبراھىم مۇتىئى 1920-يىلى تۇرپان شەھرىدە تۇغۇلغان. 1937-يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1940-يىلى نازارەت ئاستىدا تۇرۇپ شىنجاڭ ساقچى-ئوفېتسېرلا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىقق اقويۇلغان مەزگىلدە ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيىسى، سىنتاكسىسى، ئسىتىلىستىكىسى، ئىملا قائىدىسى قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ ئۆتكەن. 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە مەركەزىي مىللىي ئىشلار كومىتېتىدا مەسلىھەتچىسى بولغان. 1953-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەتنى نەشر قىلىشقا قاتناشقان. 80-يىللاردا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى نەشر قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ قەبرىسىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئورۇندىدى. «ئىرق پۈتۈك» قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشر گە تەييارلىدى. نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلارنى يازدى. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچىدە 90 يېشىدا ۋاپات بولدى.  تۆۋەندە ئىبراھىم مۇتىئ ئەپەندى ھەققىدە يېزىلغان ئىككى پارچە ماقالا بېرىلدى.
ئىبراھىم مۇتىئى-1
ئىبراھىم مۇتىئى-2

بۇ ئەسەر ئۇلۇغ پەيلوسوپ، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى  تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ 1-بېيىتتىن 3541-بېيىتقىچە بولغان قىسمىدۇر.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

«ئوخشىتىنىڭ تاشقى قۇرۇلمىسى ۋە ئىچكى قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ناملىق بۇ ماقالام «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2007-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ كىتابىم 2008-يىلى 12-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ قوللىنىلىدىغان ئستىلىستىكىلىق ۋاستە ئوخشىتىش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مەخسۇس تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. كىتابنىڭ ئەسلى ئاساسى 2004-يىلى يېزىلغان ماگىستېر ئاسپىرانلىق ئىلمىي ماقالام بولۇپ، شۇ ئاساتا تۈزىتىپ، تولۇقلاش بىلەن بارلىققا كەلگەن. بۇ كىتاب ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ كىتاب بۇيىل 3-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 6-نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات»

«ھەۋەس باشقا، ئىش باشقا» ناملىق بۇ ئەدەبىي ئاخبارات مەۋلان مەمتىمىن، مۇتەللىپ ياقۇپلار تەرىپىدىن يېزىلىپ، «ئىلى گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان مېنىڭ ئىش-ئىزلىرىم ھەققىدىكى خاتىرىدۇر.
«ھەۋەس باشقا، ئىش باشقا»

«بوزى كۆرپەش» ناملىق بۇ چۆچەك رۇس ئالىمى رادلوفنىڭ «سىمالدىكى تۈرلىي خەلقلەرنىڭ تىلى- خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابلىرىنىڭ 6-قىسمى بولغان 1886-يىلى سانكتپېتېبۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» كىتابتىن ئېلىندى. قايتا نەشرگە تەييارلانغاندىن كېيىن «كرورەن» ژورنىلىنىڭ 2012-يىلى 3-سانىدا بېسىلغان.
«بوزى كۆرپەش»

Page 4 of 16« First...23456...10...Last »

......................... ئالتۇن يارۇقتىكى مەزمۇنلارنىڭ تۈرلىرى